تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ئەڭ مۇرەككەپ تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى، تارقىلىشچان زۇكام بىلەن ئادەتتىكى زۇكامنىڭ ئالتە چوڭ پەرقى ←

   A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ئەڭ مۇرەككەپ تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بولۇپ، تارقىلىشچان زۇكام بىلەن ئادەتتىكى زۇكامنىڭ ئالتە چوڭ پەرقى بار: ①كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مەنبە: ئادەتتىكى زۇكام باشقا ۋىرۇس ياكى باكتېرىيەدىن پەيدا بولىدۇ، تارقىلىشچان زۇكام بولسا تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىدىن پەيدا بولىدۇ. ②قىزىش دەرىجىسى: ئادەتتىكى زۇكامدا ئادەتتە تۆۋەن، ئوتتۇراھال قىزىتما كۆرۈلىدۇ، تارقىلىشچان زۇكامدا قىزىش روشەن بولىدۇ، كۆپىنچە قىزىتما يۇقىرى بولىدۇ. ③يۆتىلىش ئالامەتلىرى: ئادەتتىكى زۇكامدا ئارىلاپ يۆتىلىش پەيدا بولىدۇ، تارقىلىشچان زۇكامدا يۆتىلىش بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ، بەزىدە بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ. ④يۇقىرىقى نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى: ئادەتتىكى زۇكامدا بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، چۈشكۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ يۇقىرىقى نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر قەدەر يېنىك بولىدۇ. ⑤پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى: ئادەتتىكى زۇكامدا روشەن ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ، تارقىلىشچان زۇكامغا دائىم پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ، بۇ مۇسكۇل ئاغرىش، باش ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ⑥كېسەللىك ۋاقتى: ئادەتتىكى زۇكام 1 كۈندىن 3 كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ، كۆپ ساندىكىلىرى 3 كۈندىن 5 كۈنگىچە ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ. تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كۆپىنچىسىدە كېسەللىك قوزغىلىپ 3-5 كۈندىن كېيىن قىزىش پەسىيىدۇ، پۈتۈن بەدەندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ياخشىلىنىدۇ، لېكىن يۆتەل توختاش، بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ، يېنىك بولغاندا ئادەتتە بىر ھەپتە ئەتراپىدا ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ.

«مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.