تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» يولى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

نۆۋەتتە، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 ـ يولى قۇرۇلۇشى ماھىيەتلىك باسقۇچقا كىردى، بۇ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى ياڭ جيېنى ناھايىتى روھلاندۇردى: «بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، مەن <شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش>كە داۋاملىق دىققەت قىلىمەن، <شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش> 4 ـ، 5 ـ يولى قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشنى تەۋسىيە قىلىمەن».

بۇلتۇر، ياڭ جيې سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 ـ يىغىنىدا «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش 3 ـ يولى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى تاپشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 ـ يولىنىڭ لىنىيە قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە ئېلېكتىر مەنبەسى بازىسى يىرىك پىلانىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمىتىنى تېزلىتىشىنى ھەم داۋاملاشما ئېلېكتىر مەنبەسى تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، يول ۋە ئېلېكتىر مەنبەسى تۈرلىرىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلاشنى ئالغا سىلجىتىشنى تەۋسىيە قىلدى.

ئۇ يەنە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ قومۇلنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تۈگۈن شەھەر بولۇشىدەك رايون ئورنى قاتناش ئەۋزەللىكى ۋە ئېنېرگىيە بايلىق مول بولۇش شۇنداقلا بىرىكتۈرۈپ ئېچىش شارائىتى بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق ئويلىشىپ، قومۇلنىڭ «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 ـ يولىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 ـ يولىنى قومۇلدا ماكانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەۋسىيە قىلدى.

«دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تەرەققىيات خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى.» ياڭ جيې مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر مەن تاپشۇرغان تەكلىپ بۈگۈنكى كۈندە يولغا قويۇش باسقۇچىغا كىردى».

نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىدا شەرقىي جۇڭغار ـ جەنۇبىي ئەنخۇي، قومۇلنىڭ جەنۇبى ـ جېڭجوۋدىن ئىبارەت ئىككى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى پۈتتى، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان، شەرقتە قومۇلغىچە، غەربتە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغىچە، جەنۇبتا قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىگىچە، شىمالدا ئالتاي ۋىلايىتىگىچە تۇتاشقان 750 كىلوۋولتلۇق غول تور رامكىسى قۇرۇلدى. شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى شەرقتە قومۇلدىن ئۆتكەن 750 كىلوۋولتلۇق قومۇل _ دۇنخۇاڭ، يەندۇن _ شاجوۋ قوش يولى ئارقىلىق، غەربىي شىمال ئېلېكتىر تورى بىلەن تۇتىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ئومۇمىي ئىقتىدارى 25 مىليون كىلوۋاتقا يەتتى.

دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى يەنە دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ ئالدىن توك تارقىتىش پىلانىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ توكىغا دائىر ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سودىنى تەشكىللىدى، بۇلتۇر «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» بويىچە يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئىقتىسادى، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈردى.

دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى جاۋابىدا: شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» بويىچە يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان توك يەتكۈزۈش يولى يىرىك پىلانىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە پائال تۈرتكە بولىمىز، دەپ بىلدۈردى. نۆۋەتتە، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەتقىقاتقا بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ «14 ـ بەش يىل»لىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تەرەققىيات يىرىك پىلانى بويىچە «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 ـ يولىنى تەتقىق قىلىپ دەلىللەش تۈرىدىكى نۇقتىلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى قاتارىغا كىرگۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ.

كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تەرەققىيات ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ھازىر بار بولغان ھەم دۆلەت يىرىك پىلانىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان توك يەتكۈزۈش يولىنىڭ رولىدىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىش ئاساسىدا، چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى بازىسى يىرىك پىلانى، سىستېما تەڭشەش تىرەك سەۋىيەسى، قوبۇل قىلىش ئۇچىدىكى بازارنىڭ ئىستېمال بوشلۇقى قاتارلىق ئامىللارغا بىرلەشتۈرۈپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 ـ يولىنىڭ توك يەتكۈزۈش لايىھەسىنى چوڭقۇر دەلىللەپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرگە بىرتۇتاش پىلانلاپ تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.