تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى: شارائىتى بار ئالىي مەكتەپلەر مېيىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئالاقىدار كەسپىي ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنسە بولىدۇ

  يېقىندا، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى بىرلىكتە «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئايرىم ئىمتىھان ئېلىپ مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى.

   «ئۇقتۇرۇش»تا ئۆلكە دەرىجىلىك مېيىپلەر بىرلەشمىلىرى، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى ۋە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باشقۇرۇشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئادىل، ھەققانىي ۋە مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر مېيىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پائال ھالدا تۈرلۈك مېيىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىشىغا مۇۋاپىق قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك. شارائىتى بار ئالىي مەكتەپلەر ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنسە بولىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىمتىھان پەنلىرىنى خالىغانچە ئازايتىش، ئىمتىھان ۋاقتىنى قىسقارتىش، ئىمتىھان شەكلىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدىكى ساختىپەزلىك، نەپسانىيەتچىلىك قاتارلىق بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى بەلگىلىمە، ئىنتىزام بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ھەم مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇۋاپىق پەيتتە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئايرىم ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرىدۇ.

  مېيىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئايرىم ئىمتىھان ئېلىپ ئايرىم قوبۇل قىلىش خىزمىتى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان بولۇپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق مېيىپنىڭ ئايرىم ئىمتىھان ئارقىلىق ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىلدى، بۇ تۈزۈم مېيىپلەرنىڭ مائارىپ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، مېيىپلەرنىڭ تەربىيەلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.