تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​دەۋرنى كۈيلەپ، خەلققە نادىر سەنئەت ئەسەرلىرىنى تەقدىم قىلىمەن

ئەزا دىلنار ئابلا:

​دەۋرنى كۈيلەپ، خەلققە نادىر سەنئەت ئەسەرلىرىنى تەقدىم قىلىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەشكە قاتنىشىش، يىغىندىن ئىلگىرى كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش... يېقىنقى بىر مەزگىلدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى دىلنار ئابلا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش قەدىمىنى توختاتماي، پات ئارىدا ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

دىلنار ئابلا مۇنداق دېدى: تەربىيەلەش، كۆزدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش - ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىشقا پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

بىر نادىر ناخشا - ئۇسسۇل بىر ئۇنتۇلغۇسىز ھېكايە. شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دىلنار ئابلا ئۆزى قىزغىن سۆيىدىغان شەكىلدە شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ كەلمەكتە. ئۇ ئىجاد قىلىپ ئورۇنلىغان ئۇسسۇللاردىن «مۇز تاغدىكى ئوت» «داۋانچىڭ قىزى» «ئۈزۈم ئۈزۈش» «تەخسە ئۇسسۇلى» قاتارلىق نادىر ئەسەرلەر دۆلەت ئىچى - سىرتىدا كۆپ قېتىم كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ باش رېژىسسور بولغان ھەم ئورۇنلاشقا قاتناشقان ناخشا - ئۇسسۇللۇق تىياتىر «يىپەك يولىدىكى جۇڭگو ئارزۇسى − مەڭگۈلۈك مەشرەپ» 9 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئۇسسۇل «نېلۇپەر مۇكاپاتى» ئۇسسۇللۇق تىياتىر . ئۇسسۇللۇق ناخشا ئالتۇن مۇكاپاتى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

بۇلتۇر 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، دىلنار ئابلا باھالىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ ھەرقايسى ئۆمەكلىرىدىن كەلگەن 125 نەپەر ئۇسسۇل ئارتىسىنى ئۇسسۇل كەسپى بويىچە يىللىق باھالىدى. ئۇ ئۇسسۇل ئارتىسلىرىنىڭ سەكرەش، تېپىش، چۆرگىلەش، ئۆرۈلۈش ھەرىكەتلىرىگە قاراپ، پات - پات مۇھىم باھالاش سۆزى قالدۇرۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ، ئۇسسۇل ئارتىسلىرىدىن ئېلىنىدىغان يىللىق چوڭ ئىمتىھان، شۇنداقلا ياش ئۇسسۇل ئىختىساسلىقلىرىنى بايقاش ۋە يېتىشتۈرۈشتىكى مۇھىم بىر ھالقا ئىكەن.

«شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - سەنئەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىختىساسلىقلار ئاچقۇچ.» ئىلگىرى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۇسسۇل سەنئىتى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشىدىن نەپ ئالغان دىلنار ئابلا بۈگۈنكى كۈندە يەنە ياش ئۇسسۇل ئىختىساسلىقلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەربىيەلەش ۋە تونۇشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالدى. «ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى سەنئەت ئىجادىيىتىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىجاد قىلغان ئۇسسۇل ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم <نېلۇپەر مۇكاپاتى>نىڭ ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان ئىز باسارلار بار بولدى» دېدى ئۇ.

دىلنار ئابلا ئىلگىرى ئۇدا ئۈچ نۆۋەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى، 2018 - يىلىدىن بۇيان، يەنە ئۇدا ئىككى نۆۋەت مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇپ سايلاندى.

مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان دىلنار ئابلا شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى كۈندىلىك خىزمەتلەردە ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن ئىبارەت مۇشۇنداق تېخىمۇ يۇقىرى سەھنىدە پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىشتىمۇ ئىپادىلەندى.

«بۇلتۇر، مەن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا شىنجاڭنىڭ ئۇسسۇل ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكلىپ سۇنغانىدىم.» دىلنار ئابلا مۇنداق دېدى: بۇ تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ھەم ئەستايىدىل جاۋاب قايتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ياڭراق بۇرغىسىنى چالدى، شۇنداقلا دىلنار ئابلاغا بۇنىڭدىن كېيىن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

«مەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىنى چىڭ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، نادىر ئەسەر ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىمەن، ياخشى ئىجادىيەت يارىتىمەن ۋە ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرىمەن.» دىلنار ئابلا مۇنداق دېدى: دەۋرنى كۈيلەپ، خەلققە نادىر سەنئەت ئەسەرلىرىنى تەقدىم قىلىمەن، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىمەن.

شىنجاڭ ھېكايىسىنى چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى سۆزلەش

□مۇخبىر خاتىرىسى

مەيلى سەھنىدە پارلاق نۇر چاچسۇن ياكى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ بىرتۇتاش پىلانلىسۇن ۋە ياكى ياش ئۇسسۇل ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلسۇن، دىلنار ئابلا شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە باشتىن - ئاخىر پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلدى.

ھېكايە سۆزلەشنىڭ شەكلى كۆپ خىل، ناخشا - ئۇسسۇل دەل شۇلارنىڭ بىرى. ناخشا - ئۇسسۇل يۇرتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ بۇ جەھەتتە ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە ياخشى ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە. شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش ئۈچۈن، دىلنار ئابلا يىل بويى ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تۇرمۇشتىن ئىجادىيەت ئىلھامى ئىزدەپ، خەلقتىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت ئالدى. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ئۇ ئىجاد قىلغان ئەسەرلەر تېخىمۇ تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئاممىنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دىلنار ئابلا ئىجاد قىلغان خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، بەخت تۇيغۇسىغا چۆمگەن يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر يۈرۈش ئۇسسۇل ئەسەرلىرى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا پائال تۆھپە قوشتى.

شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش سەھنىدە ئويۇن كۆرسىتىشتىن ئىبارەت بىرلا شەكىلدە بولمايدۇ، دىلنار ئابلا يەنە تۈرلۈك پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلدى، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىدى. 2019 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، دىلنار ئابلا «ئەزالار يولى»دا مېڭىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا نومۇر ئورۇنلىغان ھېكايىلىرىنى ھەمبەھرىلىدى، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ھەم تەمكىنلىك بىلەن سۆزلىشى كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

بۇ يىل، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ئەمدىلا باشلاندى، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش ئۈچۈن، دىلنار ئابلا روھىنى ئۇرغۇتۇپ يەنە قايتا ئاتلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 麦麦提艾力

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.