تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

سەپداشلىرىمنىڭ قېنى قىزىمنىڭ تېنىدە ئاقماقتا

  تۆت قېتىملىق سۆڭەكنى تېشىپ تەكشۈرۈش، يەتتە قېتىملىق بەل ئومۇرتقىسىنى تېشىپ تەكشۈرۈش، ئالتە قېتىملىق خىمىيەلىك داۋالاش...

  يېرىم يىل ئىلگىرى، شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مەلۇم لۈسىدىكى شۈ يۈچېڭنىڭ ئەمدىلا بىر ياشتىن ئاشقان قىزىغا جىددىي خاراكتېرلىك لىمفا ھۈجەيرىلىك ئاق قان كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ جاپالىق داۋالاشنى باشلىدى. لۈدىكى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان 13 ئوفىتسېر- ئەسكەر قان پىلاستىنكىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەقدىم قىلدى، كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىدە بالىنىڭ كېسىلى كونترول قىلىندى. شۈ يۈچېڭ سەپداشلىرىغا مىننەتدارلىق بىلەن: «قىزىمنىڭ تېنىدە 13 سەپدېشىمنىڭ قېنى ئاقماقتا!» دېدى.

  بىر ياشلىق قىزغا ئاق قان كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلدى، دادىسىنىڭ سەپداشلىرى ئارقا- ئارقىدىن قان پىلاستىنكىسىنى تەقدىم قىلدى

  يېرىم يىل ئىلگىرى، شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم لۈيىنىڭ باشلىقى شۈ يۈچېڭنىڭ ئەمدىلا بىر ياشتىن ئاشقان قىزى كىچىك يىڭيىڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) تۇيۇقسىز قىزىپ قالدى، دورا ئىچكۈزگەن، ئوكۇل سالدۇرغاندىن كېيىنمۇ ياخشىلىنىش بولمىدى، دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەكشۈرتىۋىدى، دوختۇر قان بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەل بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلدى. يىلىكنى تەكشۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەر دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈر لىمفا ھۈجەيرىلىك ئاق قان كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلدى.

  بۇ خەۋەر بەختلىك ئائىلىگە ئېغىر زەربە بولدى. يېرىم يىلدىن بۇيان، كىچىك يىڭيىڭ تۆت قېتىملىق سۆڭەكنى تېشىپ تەكشۈرۈش، يەتتە قېتىملىق بەل ئومۇرتقىسىنى تېشىپ تەكشۈرۈش، ئالتە قېتىملىق خىمىيەلىك داۋالاش، 90 نەچچە قېتىملىق قان تەكشۈرۈش، 11 قېتىملىق سۇيۇقلۇق بېرىش قاتارلىق جاپالىق تەكشۈرۈش ۋە داۋالاشنى باشتىن كەچۈردى. بۇ ئەمدىلا بىر ياشتىن ئاشقان بالا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئېنىقلا قاباھەتلىك چۈش ئىدى.

  سەپدېشىنىڭ قىزىنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ لۈيدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، قېنى ماس كېلىدىغان 13 ئوفىتسېر- ئەسكەر كىچىك يىڭيىڭغا قان تەقدىم قىلىپ، ئۇنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بەردى.

كىچىك يىڭيىڭنىڭ كېسىلى كونترول قىلىندى، مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش ھېكايىسى يەنىلا داۋاملاشماقتا.

  ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ ياردىمىدە، شۈ يۈچېڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىس- تۈتەك ئىچىدىن ئاستا- ئاستا قۇتۇلۇپ چىقتى. كىچىك يىڭيىڭنىڭ كېسىلى كونترول قىلىندى، كەيپىياتىمۇ بارا- بارا جانلاندى. بىر مەزگىللىك خىمىيەلىك داۋالاشتىن كېيىن، ئۇ ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلىندى، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ خۇشال كۈنلىرى ئىدى.

  ھەر قېتىم سەپداشلىرىنىڭ مېھىر- شەپقىتىگە ئېرىشكەندە شۈ يۈچېڭ ئۇلارنىڭ ئىسمىنى خاتىرىلىۋالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەر قېتىملىق قان تەقدىم قىلىش مۇھەببەت يەتكۈزۈش ئىدى، قىزىغا يېڭى ئۈمىد ئاتا قىلاتتى.

  يېقىندا، قان تەقدىم قىلغان 13 ئوفىتسېر- ئەسكەر يېقىندا شۈ يۈچېڭ ئەۋەتكەن لەۋھەنى تاپشۇرۇۋالدى. شۈ يۈچېڭ بۇ خىل ئۇسۇلدا سەپداشلىرىغا بولغان سەمىمىي رەھمىتىنى بىلدۈردى.

  سەپداشلىرى بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا بەك كۆڭۈل بۆلەتتى، ئۇنىڭدىن «قىزىڭىزنىڭ سالامەتلىكى قانداقراق؟ ھازىر قان پىلاستىنكىسىنىڭ كۆرسەتكۈچى نورماللاشتىمۇ؟» دەپ سورىشاتتى. قان تەقدىم قىلغان بىر جەڭچى مۇنداق دېدى: «بۇ بالا قىسىمىمىزنىڭ بالىسى، كىچىك يىڭيىڭ ئېھتىياجلىق بولسىلا مەن ھەر ۋاقىت تەييار!»

قان تەقدىم قىلغان ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ بىر قىسمى

  مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش ھېكايىسى يەنە داۋاملاشماقتا، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىدە كىچىك يىڭيىڭنىڭ بالدۇرراق ساقىيىپ، خۇشال- خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. غەيرەت قىلىڭ، يىڭيىڭ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.