تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى ياخشى باشلامچىلاردىن بولىمەن

ئەزا يۈكسەك شىجائەت:

مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى ياخشى باشلامچىلاردىن بولىمەن

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك ئارتىسى يۈكسەك شىجائەت ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تەكلىپىنى مۇكەممەللەشتۈردى.

«بۇ، جۇڭگو تاجىك مىللىتىنىڭ قوتاز ئۈستىدە ئوغلاق تارتىشىشنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ» دېدى يۈكسەك شىجائەت مۇخبىرغا ئەستايىدىللىق بىلەن.

بۇلتۇر 7 - ئايدا، يۈكسەك شىجائەت يۇرتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە تۇغقان يوقلاشقا بېرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تەرەپ - تەرەپكە بېرىپ زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايىنى ئىگىلىدى.

قوتاز ئۈستىدە ئوغلاق تارتىشىش توغرىسىدىكى تەكلىپ ئۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىرى. «مەن يەنە لاچىن بايەكەنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۆيىدىكى ياشانغانلارنى يوقلىدىم.» يۈكسەك شىجائەت مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە، مەن ھەر مىللەت ئاممىغا يەنىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىدىغان مەنىۋى كۈچ قوبۇل قىلدىم».

يۈكسەك شىجائەت ئىزچىل مەنىۋى نۇر ئىزدىدى، بۇ، ئۇنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ ئالغان تەربىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يۈكسەك شىجائەتنىڭ بوۋىسى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ دادىسىمۇ بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، خىزمەتتە تىرىشچان ۋە ئەستايىدىل بولۇپ، خەلق ئۈچۈن قىزغىن خىزمەت قىلغان. كىچىكىدىن تەربىيە ئالغان يۈكسەك شىجائەت چوڭ بولغاندا ئۇلارغا ئوخشاش ئادەم بولۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىرادە باغلىغان.

ئۇ سەھنىدىلا ئەمەس، ئېتىز - دالىلاردىمۇ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. 2018 - يىلى، يۈكسەك شىجائەت ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق بازىرى سۇيايدى كەنتىگە كېلىپ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى كادىر بولۇپ، شۇ ئىشلىگىنىچە ئۇدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىشلىدى.

بۇلتۇر، يۈكسەك شىجائەت كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆزى قىزغىن سۆيگەن سەھنىگە يەنە قايتىپ كەلدى. «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى ئۇ.

2022 - يىلى 8 - ئايدا، ئىدارىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، يۈكسەك شىجائەت شىنجاڭ مەدەنىيەت يۇرتى تەشكىللىگەن «ئانارنىڭ دانىسى» ئەدەبىيات - سەنئەت ئەترىتى بىلەن بىللە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرى، ئاساسىي قاتلام ئەدەبىيات - سەنئەت تايانچلىرى، يېزا - كەنت مەدەنىيەت باشلامچىلىرى، يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقوغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 120 كىشىنى ئۇسسۇل، چالغۇ، ناخشا، رەسىم سىزىش، دۆلەت ئورتاق تىلى ۋە دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيەلىدى.

كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىش ۋە رېپېتىتسىيە قىلىش ئارقىلىق، 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كەنت ئاھالىلىرى دوكلات ئويۇنى قويدى. ئويۇننىڭ باش رېژىسسورى بولۇش سۈپىتى بىلەن يۈكسەك شىجائەت ھەربىر ئەسەرگە كونكرېت يېتەكچىلىك قىلدى. كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا، يۈكسەك شىجائەت كۆپچىلىكنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتىگە بولغان قىزغىنلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، شۇنداقلا ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتىنىڭ كىشىلەرنىڭ روھىي قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۆردى.

يۈكسەك شىجائەت دائىم مۇنداق دەيدۇ: «مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ۋە دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك ئارتىس بولغانلىقىم پارتىيە ۋە خەلق ماڭا بەرگەن غايەت زور شان - شەرەپ.» بۇ شان - شەرەپكە يۈزلىنىپ تۇرۇپ ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن مەسئۇلىيىتىمنى داۋاملىق ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، دەۋر ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، پارتىيەنى كۈيلەيدىغان، ۋەتەننى كۈيلەيدىغان، خەلقنى كۈيلەيدىغان، قەھرىمانلارنى كۈيلەيدىغان نادىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىجاد قىلىمەن. يەنە ئۆز ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ياخشى تارقاتقۇچىلاردىن، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ياخشى باشلامچىلاردىن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىچىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئۆز كۈچۈمنى قوشىمەن.

■مۇخبىر خاتىرىسى

باشتىن - ئاخىر مەنىۋى نۇرنى ئىزدەش يولىدا

مەنىۋى كۈچ كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدۇ.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى يۈكسەك شىجائەت كىچىكىدىن تارتىپلا قىزىل ئائىلە ئىستىلىدىن ئوزۇق ئالغان: بوۋىسى بىلەن دادىسى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، ئۇلار باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلبىگە پۈكۈپ كەلگەن. يۈكسەك شىجائەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ پەخرى.

مەنىۋى ئوزۇق ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» ئېڭى يۈكسەك شىجائەتنىڭ قەلبىگە نەقىش بولۇپ ئويۇلدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە مەنىۋى نۇرنى سەزگۈرلۈك بىلەن تۇتۇشىغا ھەمدە بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ بۇ نۇرنى كۆرۈشىگە ئىمكانىيەت ياراتتى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغاندىن كېيىن، يۈكسەك شىجائەت زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدى. «بىز جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشىمىز، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشىمىز كېرەك» دېدى يۈكسەك شىجائەت. مەنىۋى نۇر دەل ئۇنىڭ ھېكايىنى ياخشى سۆزلىشىنىڭ مەنبەسى، شۇنداقلا ئۇنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىكى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. بۈگۈنكى كۈندە، مەنىۋى نۇرنى ئىزدەش يولىدا يۈكسەك شىجائەتمۇ نۇر چاچقۇچىغا ئايلاندى. خەلقنى قەلبىگە پۈككەن مۇشۇنداق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا خەلق ئېھتىياجلىق ھەم ئۇلارغا ئىشىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.