تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېببىي دورا ـ سەھىيە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

ئەزا مېڭ چىڭسەي:

تېببىي دورا ـ سەھىيە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

«بۇ يىل مەن جەمئىي بەش تۈرلۈك تەكلىپ تەييارلىدىم، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت تۈر تېببىي دورا ـ سەھىيە ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك.» 2 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، جۇڭگو دېھقان ـ ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى مېڭ چىڭسەي تەكلىپىگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مېڭ چىڭسەي داۋالاش ـ سەھىيە ئىسلاھاتى، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ـ سەھىيە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پائال تۈردە تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى.

«بۇ يىل مەن كۆڭۈل بۆلگەن بىر مۇھىم نۇقتا ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى بولدى.» مېڭ چىڭسەي مۇنداق دېدى: بۇ نۇقتىلىق خىزمەت ناھىيە تەۋەسىدىكى داۋالاش ـ سەھىيە بايلىقىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى، ساغلاملىقى، بەختىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسىدىن جەمئىي 103ى بار بولۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك ئۆز ـ ئۆزىنى باھالاش، ۋىلايەت 2 ـ قېتىملىق باھالاش ۋە دۆلەت كۆزىتىپ ـ ئۆلچەپ باھالاش ئارقىلىق، بۇنىڭ ئىچىدىكى 45 ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى دەسلەپكى قەدەمدە زىچ تىپ ئۆلچىمىگە يەتكەن.

مېڭ چىڭسەي مۇنداق تەكلىپ بەردى: داۋاملىق تۈردە تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، سىياسەت تىرىكىنى كۈچەيتىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، مالىيە سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، نەتىجە ـ ئۈنۈم بويىچە تەقسىملەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، مېڭ چىڭسەي يەنە دوختۇرخانا سىرتىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرى ۋە ماھارىتىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلدى.

«دۆلىتىمىز ئىقتىساد سەۋىيەسىنىڭ مۇقىم ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، خەلقنىڭ ھاياتلىق، ساغلاملىقنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى، دوختۇرخانىغا كىرىشتىن ئىلگىرىكى جىددىي قۇتقۇزۇش، قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى ئىگىلەش ۋە چۈشىنىش جەھەتتە بەلگىلىك دەرىجىدە ئىلمىي تونۇشقا ئىگە بولدى.» مېڭ چىڭسەي مۇنداق بىلدۈردى: شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، تۈرلۈك كىشىلەر توپىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرى ۋە ماھارىتىنى ئىگىلەش ئەھۋالى ئوخشاش ئەمەس، دوختۇرخانىغا كىرىشتىن ئىلگىرىكى جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرى ۋە ماھارىتىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى تۆۋەن، ئادەتتىكى ئاممىنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا يۇقىرى ئۈنۈملۈك جىددىي قۇتقۇزۇش، قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ.

مېڭ چىڭسەي مۇنداق تەكلىپ بەردى: تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئىچى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دوختۇرخانا سىرتىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇشنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ماس قەدەمدە كۈچ چىقىرىش كېرەك.

گەرچە داۋالاش ساھەسىدىن كەلگەن سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن مېڭ چىڭسەينىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ. ئۇ خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل توپلاپ، تۈرلۈك تەكلىپلەرنى يىغدى، بۇلتۇر مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 ـ يىغىنىغا سۇنغان «شىنجاڭ 2 ـ تېببىي شۆيۈەنىنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش توغرىسىدىكى تەكلىپ» «شىنجاڭدا پارچىلىنىدىغان ماتېرىيال كەسپىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى قوللاش توغرىسىدىكى تەكلىپ» «جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ»تىن ئىبارەت ئۈچ تەكلىپنىڭ ھەممىسى ئەنگە ئېلىندى ھەم دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى، ئالاقىدار خىزمەتلەر تەدرىجىي قانات يايدۇرۇلماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشىدا، شىنجاڭنىڭ سەھىيە ـ ساغلاملىق ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى سىجىل ئۆستى. لېكىن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ئېھتىياجغا ماسلىشىش ئۈچۈن، يەنە داۋالاش ـ سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.

مېڭ چىڭسەي مۇنداق دېدى: «مەن پائال تەكلىپ بېرىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ داۋالاش ـ سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قۇربىمنىڭ يېتىشىچە ئازراق ئىش قىلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.