تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئىران زۇڭتۇڭى لەيشى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن ئىران زۇڭتۇڭى لەيشى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا لەيشى ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ليۇ خۇا) 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن ئىران زۇڭتۇڭى لەيشى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىران ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تۈرلۈك خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى. ھازىرقى دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مۇرەككەپ بولۇۋاتقان ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئىران ئۆزئارا قوللاپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، جۇڭگو - ئىران دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى. جۇڭگو ھازىر جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولماقتا، قەتئىي تەۋرەنمەي دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - ئىران مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلدى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ كەلدى، مەيلى خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ قىلچە تەۋرەنمەي ئىران بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو - ئىران ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، ئىران تەرەپنىڭ يەككە تەرەپچىللىك، زومىگەرلىككە تاقابىل تۇرۇشىنى قوللايدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئىراننىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا، ئىراننىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قارشى تۇرىدۇ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئىران تەرەپ بىلەن داۋاملىق بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سودا، يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىراننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش رايوندىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، يەرشارىۋى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېنېرگىيە بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپنىڭ ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى پائال ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقى، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، قوشنىلار ئىناق - دوستانە ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقى، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە ئىران يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم بويىچە ۋەدىگە ئەمەل قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۆھبىتىگە ئىجابىي قاتنىشىدۇ، ئىران تەرەپنىڭ يوللۇق، قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

لەيشى مۇنداق بىلدۈردى: ئىران - جۇڭگو دوستلۇقى سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىران - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھى ئاساسىدا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان سەمىمىي ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ. ئىران تەرەپ ئىران - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يۈكسەلدۈرۈشكە كۈچ چىقىرىش ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ھەرقانداق خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. ئىران تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى، ئىران - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، سودا، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئىرانغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ئىرانغا بېرىپ ساياھەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىران تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىراننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم سۆھبىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئادالەتنى ياقلىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. ئىران تەرەپ جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئۇلارغا پائال قاتنىشىدۇ. ئىران بىلەن جۇڭگو ئوخشاشلا يەككە تەرەپچىللىك ۋە زوراۋانلىق، زومىگەرلىككە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئىچكى ئىشقا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئىران تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. ئىران تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا ياخشى ھەمكارلىشىشنى ساقلاپ، بىرلىكتە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يېزا ئىگىلىكى، سودا، ساياھەت، مۇھىت قوغداش، سەھىيە، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا لەيشى ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

تيەنئەنمىن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو، ئىران ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. لەيشى شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

لەيشى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.