تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئاۋىئاتسىيە تېببىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش بىرلەشمە گەۋدىسى رەسمىي قۇرۇلدى

      بۈگۈن(2-ئاينىڭ 14-كۈنى)، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئاۋىياتسىيە تېببىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى رەسمىي قۇرۇلدى. بۇ، جىلىن داشۆسى جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسى باشچىلىقىدىكى دۆلەت جىددىي تېببىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش بازىسى جىلىن ئۆلكىسى ئاۋىياتسىيە تېببىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش بىرلەشمە گەۋدىسىدۇر. بۇ بىرلەشمە گەۋدە جىلىن ئۆلكىسىنىڭ دۆلەت جىددىي تېببىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش بازىسى قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، 5G خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، جىلىن ئۆلكىسىنى قاپلاپ، ئەتراپتىكى رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان « دۆلەت ــــ ئۆلكە ـــــ شەھەر ـــــ ناھىيە» تۆت دەرىجىلىك جىددىي تېببىي ئاۋىياتسىيە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان داۋالاش سىستېمىسى. «قۇرۇقلۇق بىلەن ھاۋا بىر گەۋدىلەشكەن» ئستېرېئولۇق بىرلەشمە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرش يېڭى ئەندىزىسى ئارقىلىق، جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشتىكى ۋاقىت، رايون چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلار يېشىل يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ، ھەمدە ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرى، خەلقئارا مۇسابىقە، ئەزا كۆچۈرۈش قاتارلىق ئاۋىياتسىيە جىددىي تېببىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

 (جىلىن باش بېكىتى يۈەن جىڭۋېي، يۈ داخې)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.