يېقىندا، قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمىنى كىيگەن ئەرنىڭ بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانى ئالدىدا قىزغىنلىق بىلەن ئۇسسۇل ئويناۋاتقان سىن كۆرۈنۈشى توردا كەڭ تارقالدى، ئەرنىڭ كەسپىي ھەم نەپىس ئۇسسۇل ھەرىكىتى، قىزغىن ھەم مەردانە ئىپادىسى، شۇنداقلا كىشىنى جەلپ قىلىدىغان چىراي ئىپادىسى تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. «بۇ بەختلىك كۈنلەردە چوقۇم ئۇسسۇلغا چۈشۈش كېرەك»، «قەلبىدىكى خۇشاللىقى ئۇسسۇل ئارقىلىق نامايان بولدى»، «بەك قالتىس ئوينىدى» ......
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۇسسۇلچىنىڭ ئىسمى ئاسىلبېك مەمەتروزى بولۇپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ تۈزگۈچىسى ۋە رېژىسسورى، شۇنداقلا بىر ماناسچى ئىكەن. دەرۋەقە، كەسپىي ماھارەتچىنىڭ سەھنىگە چىقىشى باشقىچە بولىدىكەن، كۆتۈرەڭگۈ روھ ۋە خۇشاللىق ئېكراندا تولۇق نامايان بولغان بولۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بۇ ئۇسسۇلچىغا ئالقىش ياڭرىتايلى!