تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىمۇ ھۈنەرۋەن روھى بولۇشى كېرەك

سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باۋ ئەنمىڭ كۆپ تۈرلۈك شەرەپكە ئېرىشتى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇنەۋۋەر تەكلىپلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەلا ئادا قىلىش مۇكاپاتى... بۇلار، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى.

پەن تەتقىقات خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باۋ ئەنمىڭ دەسلەپتە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش توغرىسىدىمۇ ھېچنېمە بىلمەيتتى. ئۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: دەسلەپتە ئىلھام تاپالماي، مەسىلىگە قايسى تەرەپتىن دىققەت قىلىشنى بىلەلمەي قالدىم، شۇنداقلا تەدرىجىي پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردۈم.

ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا، باۋ ئەنمىڭ ئۇزاق مۇددەت ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىللە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسىدىكى ياش پەن تەتقىقات خادىملىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق كەسىپ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ ساقلانغان مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىشنى ھەم تەۋسىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

كۆپچىلىك ياققان ئوت كۆككە تۇتىشىدۇ. بۇ خىل كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش ياش پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ مەسىلىلەرنى بايقاش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ھەتتا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چارە ـ تەدبىر كۆرسەتتى، بۇنى قانداقمۇ ھۈنەرۋەن روھىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى دېمەي تۇرالايمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.