يېقىندا، شىنجاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش پەنلەر ئاكادېمىيەسى كېۋەزنىڭ ناچار مۇھىتقا تاقابىل تۇرۇش سورتىنى يېتىشتۈرۈش ئۆمىكى خۇاجۇڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مۇستەقىل شالغۇتلاشتۇرۇش ۋە تاللاش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېتىشتۈرگەن كېۋەز يېڭى سورتى «جىنكېن 1760» يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى دۆلەت يېزا ئىگىلىك زىرائەت سورتلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتتى.
«جىنكېن 1760» بالدۇر پىشىدىغان، مول ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك، كېسەلگە تاقابىل تۇرالايدىغان، ناچار شارائىتقا تاقابىلچانلىقى كۈچلۈك بولغان قۇرۇقلۇق كېۋىزىنىڭ يېڭى سورتى بولۇپ، بۇ سورت 2015-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە كۆپ خىل باھالاش ۋە سىناقتىن كېيىن، كەڭ ماسلىشىشچانلىققا ئىگە، كېسەلگە تاقابىل تۇرالايدۇ، دەپ بېكىتىلگەن ھەمدە غەربىي شىمال ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى كېۋەز رايونىدا بالدۇر پىشىدىغان ماشىنىدا يىغىۋېلىنىدىغان كېۋەز سورتى رايون تەجرىبىسى ۋە غەربىي شىمال ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى كېۋەز رايونىدا بالدۇر پىشىدىغان ماشىنىدا يىغىۋېلىنىدىغان كېۋەز سورتىنى ئىشلەپچىقىرىش سىنىقىغا قاتناشقان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ سورت ماشىنىدا يىغىۋېلىنىدىغان بالدۇر پىشىدىغان ئادەتتىكى كېۋەز سورتى ئىكەن، يېتىلىش مەزگىلى 120 كۈن، تۈپ شەكلى بىر قەدەر زىچ، تۈپنىڭ ئېگىزلىكى 76.6 سانتىمېتىر، غولى بىر قەدەر توم، تىۋىتى بىر قەدەر كۆپ، يوپۇرماقلىرى بىر قەدەر كىچىك ئىكەن. چىگىتلىك پاختا، چىگىتسىز پاختا ۋە قىروۋ ئالدىدىكى چىگىتسىز پاختىنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 376.7 كىلوگىرام، 167.4 كىلوگىرام ۋە 164.2 كىلوگىرام بولۇپ، سېلىشتۇرما سورتلارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا مەھسۇلاتى ئايرىم –ئايرىم ھالدا ٪6.3، ٪10.3 ۋە ٪10.1 ئاشقان؛ 2021-يىلى سىناق ئىشلەپچىقىرىلغان چىگىتلىك پاختا، ساپ پاختا ۋە قىروۋ ئالدىدىكى ساپ پاختىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئايرىم-ئايرىم 404.8 كىلوگىرام، 173.4 كىلوگىرام ۋە 168.3 كىلوگىرام بولۇپ، شىنلۇ 61-نومۇرلۇق سورتقا سېلىشتۇرغاندا ئايرىم–ئايرىم ھالدا %11.1، %13.3 ۋە %12.6 ئاشقان، بۇ سورت غەربىي شىمال ئىچكى قۇرۇقلۇقىدا بالدۇر پىشىدىغان پاختا رايونىدا تېرىشقا ماس كېلىدۇ. (چېن خۇي)