تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭلىق يىگىت شىئەندە سەككىز يىل ئىلگىرىكى ئۆزى ئولتۇرغان ئۆينىڭ ئىگىسىنى ئىزدەپ، قەرز بولۇپ قالغان مىڭ يۈەن ئۆي ئىجارە پۇلىنى قايتۇرماقچى بولدى

    2023-يىلى، ئۇ سەككىز يىل ئىلگىرىكى ئۆزى ئولتۇرغان ئۆينىڭ ئىگىسىنى ئىزدەپ تېپىپ، پەقەت قەرز بولۇپ قالغان 1000 يۈەن ئۆي ئىجارىسىنى قايتۇرۇش ئۈچۈنلا شىئەنگە يەنە بىر قېتىم كەلدى.

    لى ئەپەندى شىنجاڭ ئۈرۈمچىدىن، ئىلگىرى شىئەندە داشۆدە ئوقۇغان. 2015-يىلى، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ بىر يىلدىن كېيىن، لى ئەپەندى شىئەنگە قايتىپ مەكتەپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تولۇقلىما ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا چاڭئەن رايونى پېيخۇا شۆيۈەنى ئەتراپىدىكى خېجيايىڭ چېڭجۇڭ كەنتتىكى بىر مېھمانخانىدىن ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرىدۇ. 10-ئايدا قايتىدىغان چاغدا، مېھمانخانا ئىگىسى ئۇنىڭ قەرز بولۇپ قالغان 1000 يۈەندىن ئارتۇق ئۆي ئىجارىسىنى تۆلىگۈدەك پۇلىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ يۈك-تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا بانكا كارتا نومۇرى ۋە ئىسىم-فامىلىسى يېزىلغان بىر باغاقچىنى بېرىپ، لى ئەپەندىگە پۇل قايتۇرۇشقا ئالدىرىماسلىقىنى، ئۆيىگە قايتىپ پۇل تاپقاندىن كېيىن ئاندىن بەرسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

    كېيىن، لى ئەپەندى ئېھتىياتسىزلىقتىن باغاقچىنى يىتتۈرۈپ قويىدۇ، پۇلنى قايتۇرۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەينى يىللاردىكى ھېلىقى ئەر-خوتۇننى تاپالمايدۇ. 2017-يىلى، لى ئەپەندى شىئەن پېيخۇا شۆيۈەنىنىڭ تورىدا ئادەم ئىزدەش ئېلانى چىقىرىپ، تور ئارقىلىق ئىزدىمەكچى بولىدۇ، لېكىن نەتىجىسىز قالىدۇ.

  2023-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، لى ئەپەندى خۇنەندىن ئۈرۈمچىگە قايتىۋاتقاندا، ئالايىتەن شىئەندە پويىزدىن چۈشۈپ قېلىپ، شۇ يىلىدىكى مېھمانخانىنىڭ ئىگىسىنى تېپىپ، سەككىز يىل بۇرۇن قەرز بولۇپ قالغان 1000 يۈەندىن ئارتۇق ئۆي ئىجارە پۇلىنى قايتۇرماقچى بولىدۇ. ئەينى چاغدا ئىجارىگە ئېلىپ تۇرغان جايغا كەلگەندە، مېھمانخانىنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى، تىجارەتچىنىڭمۇ ئەينى يىللاردىكى ھېلىقى ياشانغان ئەر-خوتۇن ئەمەسلىكىنى بايقايدۇ.

  لى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، 2015-يىلى مېھمانخانىنىڭ ئىگىسى 50 ياشتىن ئاشقان ئەر-خوتۇن بولۇپ، بىر بالىسى سىرتتا داشۆدە ئوقۇيتتى، شەنشىلىك ئەمەس ئىدى، ئېرى سەل سېمىززەك كەلگەنىدى.

  2-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خۇاشاڭ گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بېيداجيې كوچىسى ئەتراپىدىكى ياشلار مېھمانخانىسىدا لى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشىدۇ، ئۇلار 2017-يىلى تيېبادا ئېلان قىلغان ئادەم ئىزدەش ئېلانىنى تېپىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ يېزىلغانىدى: «پېيخۇادىكى ئىنى-سىڭىللارنىڭ مېھمانخانىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تېپىشىمغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، تاغام بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەينى چاغدا ماڭا قىلغان ياخشىلىقىنى قايتۇرماقچى ئىدىم. بەلكىم ئۇ مېنىڭ قايتۇرۇشۇمدىن ئۈمىد كۈتمىگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بىر ئاق كۆڭۈل قەلبنى يەردە قويسام بولمايدۇ.»

  2-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن، لى ئەپەندى تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، مۇخبىر بۇ مېھمانخانىنىڭ ھازىرقى تىجارەتچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ مېھمانخانا قىلىنغان جاينىڭ ئەسلىي ئىگىسىنى تاپىدۇ. بۇ جاينىڭ ئەسلىي ئىگىسى مۇنداق دېدى: «2015-يىلى مېھمانخانىنى شەرقىي شىماللىق بىر ئەر-خوتۇنغا ئىجارىگە بەرگەن، ئەمما بۇ ئەر-خوتۇن ئۈچ-تۆت يىل ئىجارىگە ئېلىپلا كېتىپ قالدى، ئالاقىمىزمۇ ئاللىبۇرۇن ئۈزۈلگەن».

  بىر كارىۋات، بىر ئورۇندۇق، بىر كارىۋات بېشى ئىشكابى، مانا بۇ لى ئەپەندىنىڭ ئەينى چاغدا ئىجارىگە ئالغان ئۆيگە بولغان ئەسلىمىسى ئىدى. لى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىش ئۇنىڭ ئېسىدىن مەڭگۈ چىقمايدىكەن. «كېلەر قېتىم يەنە قاچان كېلەلەيدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن، ئۇ ئەر-خوتۇننى تېپىپ، ئەينى يىللاردىكى ئۆي ئىجارىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ مېنىڭ ئارزۇيۇم».

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.