تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا

«تولۇق ئون بەتلىك جاۋاب دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.» 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، تۇرپان شەھەرلىك باغ - ئورمانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھۆرنىسا قادىر مۇخبىرغا تەۋسىيەسىگە جاۋاب قايتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىدا، ھۆرنىسا قادىر «تۇرپاننى شىنجاڭدىكى ساياھەتچىلەر چوڭ مېھمانخانىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى قوللاش توغرىسىدا» دېگەن تەۋسىيەنى تاپشۇرغانىدى، بۇ تەۋسىيە مەدەنىيەت - ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، ساياھەت ئۇل ئەسلىھە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەم تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىنى قېزىش، قوغداشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلغانىدى.

بۇ تەۋسىيە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلدى، ئايرىم - ئايرىم ھالدا دۆلەت مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، تۇرپان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پىكرى ئېلىنغاندىن كېيىن، دۆلەت ۋە يەرلىك قاتلىمىدا ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى پىلان توغرىسىدا تەپسىلىي جاۋاب بېرىلدى.

«جاۋاب ناھايىتى تەپسىلىي ۋە ئېنىق بولۇپ، نۇرغۇن كونكرېت تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.» ھۆرنىسا قادىر مۇنداق دېدى: شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەۋسىيەنى بېجىرىشكە پۇختا تەييارلىق قىپتۇ، ئوتتۇرىغا قويغان تەدبىرلەر ناھايىتى قاراتمىلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە ئىكەن.

جاۋابتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى: مەدەنىيەت - ساياھەت تۈرى ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت بويىچە سودىگەر چاقىرىش تۈر ئامبىرىغا كىرگۈزۈلۈپ، جەمئىيەت كاپىتالى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ساھەسىگە كىرىشكە جەلپ قىلىنىدۇ؛ تۇرپان شەھىرىنىڭ ئاۋىياتسىيە، تۆمۈريول، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا تايىنىپ «تېز كىرىش» ساياھەت قاتناش تورى بەرپا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ؛ تۇرپان شەھىرىنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت خاسلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى، تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق بازار (كەنت)ى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، بىر تۈركۈم مەدەنىيەت ئېسىل مەنزىرە رايونلىرى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ چىقىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ.

«تۇرپان شەھىرى دۆلەت پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.» تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئەن جىنچياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، تۇرپان شەھىرى كۆپ مەنبەلىك قونالغۇ مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، «تۇرپاننى كېچىدە ساياھەت قىلىش» تەسىراتى، مەدەنىيەت - ساياھەت ماركىسى يارىتىش قاتارلىق «ئون چوڭ ھەرىكەت»نى قانات يايدۇرۇپ، مەۋقەنى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك ساياھەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا قويۇپ، ساياھەت لىنىيەسى مەھسۇلاتلىرى «ئاقىل تىزىملىكى»نى تۈزۈپ، «بىر كۈنلۈك ساياھەت، كۆپ كۈنلۈك ساياھەت» مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى + مەدەنىيەت ئىجادىيىتى» «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى + تەتقىقات - ئوقۇتۇش» قاتارلىق كەسىپ ھالەتلىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پىلانلىدى.

«دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، تۇرپان شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى تېخىمۇ ياخشى ئىستىقبالغا ئىگە بولىدۇ» دېدى ھۆرنىسا قادىر.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.