تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىتالىيەدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ نېمە ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭغا چوڭقۇر چۆكتى

سىكاننېرلاپ سىننى كۆرۈڭ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

ئۇ خېبېيلىق، ئىلگىرى ئىتالىيەدە ئوقۇغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن جەنۇبىي شىنجاڭغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نەچچە يۈز يېزا - بازار، كەنتنى ئايلىنىپ چىقتى، بۇ نېمە ئۈچۈن؟

مۇقام ئۈچۈن!

ئۇ كىم؟

ۋاڭ جياڭجياڭ!

ئۇ ۋاڭ لوبىڭ بىلەن ئوخشاش فامىلىلىك بولۇپ، گەرچە ۋاڭ لوبىڭدەك ھەممىگە تونۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا ئوخشاشلا مىللىي مۇزىكىنى قىزغىن سۆيىدىغان قەلب بار.

دۇنيا قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۇنيادا جۇڭگولۇقلارنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ياڭرىتىش! بۇ ئارزۇغا ئىنتىلىش ئۈچۈن، ئۇ 13 يىل ئىزدەندى، زىيارەت قىلدى.

«ئالمىخان قەيەردە، شىنجاڭ قانداق جاي. تىيانشاننىڭ جەنۇب - شىمالى ياخشى جاي، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار يۇرتىنى سۆيىدۇ...» ۋاڭ جياڭجياڭنىڭ ئەڭ يېڭى ئىجادىيىتى بولغان «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ناخشىدا ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا بولغان چىن ھېسسىياتى ۋە مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. لېكىن 13 يىل ئىلگىرى، ئۇ شىنجاڭغا كېلىشنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

«بىر بۆلەك لەرزان مۇقام مېلودىيەسى مېنى شىنجاڭ بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە باغلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى ۋاڭ جياڭجياڭ.

ۋاڭ جياڭجياڭ كىچىكىدىنلا مۇزىكىنى قىزغىن سۆيەتتى، داشۆگە ئىمتىھان بەرگەندە شىئەن مۇزىكا شۆيۈەنىگە ئۆتتى، ئارقىدىن ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىدە بىلىم ئاشۇرۇپ، ئاساسلىقى ئوپېرا ئورۇنلاش ۋە مۇزىكا ئىشلەشنى ئۆگەنگەن. چەت ئەلدە ئوقۇغان ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، غەرب مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ دۇنيا قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى ئىزدىنىش ئويى تېخىمۇ كۈچەيگەن. 2009 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئىزدىنىش، زىيارەت سەپىرىنى باشلىدى.

خېبېي، خېنەن، سەنشى، شەنشى، گۇاڭشى... بۇ جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭ ئاياغ ئىزى قالدى، ھالبۇكى، شىنجاڭنى بىر تاسادىپىيلىق دېيىشكە بولىدۇ!

بىر قېتىم، ۋاڭ جياڭجياڭ تېلېۋىزوردىن ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى نومۇرىنى كۆردى. «دەل يۈرەككە تەگدى!» ئۇ شۇ ھامان ھاياجانغا چۆمدى.

«ئۇيغۇر مۇقامىنىڭ مېلودىيەسى ئۆزگىرىشچان، كۈي شەكلى ياڭراق ۋە جۇشقۇن بولۇپ، نۇرغۇن ئىنچىكە ئۆزگىرىشلەر، نۇرغۇن ھېسسىيات ئامىللىرى گىرەلىشىپ كەتكەن...» تۇنجى قېتىملىق «ئۇچرىشىش»تا مۇقام ۋاڭ جياڭجياڭنىڭ قەلبىنى چوڭقۇر مەپتۇن قىلىۋالدى، ئۇ دەرھال «شىنجاڭغا بارىمەن!» دېگەن قارارغا كەلدى.

2010 - يىلى 7 - ئايدا، 26 ياشلىق ۋاڭ جياڭجياڭ شىنجاڭ مەدەنىيىتىدىن بايلىق ئىزدەش سەپىرىنى باشلىدى. ئۇ پىدائىي سالاھىيىتىدە يەكەن ناھىيەلىك ئون ئىككى مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىدە خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، رەتلەش خىزمىتىنى ئىشلىدى. تەلىيىگە، ئۇ يەكەن ناھىيەسىگە كېلىپلا، شۇ جايدا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇقام مۇسابىقىسىگە ئۈلگۈرۈپ، بىر مەيدان ئېسىل مۇزىكا مەدەنىيىتى كاتتا مەرىكىسىدىن يېقىن ئارىلىقتا بەھرىمەن بولدى.

«مۇقامنىڭ خاسلىقى ناھايىتى روشەن بولۇپ، تېكىستنى تاللاپ ئىشلىتىش، بۆلەكلەرنى قايتىلاش، تەڭكەش قىلىش ئۇسۇلى، مېلودىيە بېزىكى قاتارلىق جەھەتلەردە ناخشىچى، مۇزىكانتلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، بۇ، مۇزىكا ئارقىلىق قەلبتە ئىپادىلەنگەن مەدھىيە ساداسى.» مۇقام تىلغا ئېلىنسىلا، ۋاڭ جياڭجياڭ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىدۇ.

مۇزىكىنىڭ ۋاسىتىسىدە، ۋاڭ جياڭجياڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئاممىسى بىلەن دوستلىشىپ، خەلق سەنئەتكارلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ناخشا ئېيتتى. ئۇ مۇقام سەنئەتكارلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى، ئەمما شۇ جايدا خەلق سەنئەتكارلىرىغا ئائىت بىر يۈرۈش مۇكەممەل ماتېرىيالنىڭ يوقلۇقىنى بايقىدى.

«مۇقامغا ئائىت سىن خاتىرىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كوللېكتىپ سىن خاتىرىسى بولۇپ، شەخسلەرگە ئائىت ھېكايىلەر يوق، مەن ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن ئىسىم - فامىلىسى، تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە سۈرىتى، يەنە ۋارىسلىق قىلىش كەچۈرمىشى خاتىرىلەنگەن ئارخىپ تۇرغۇزىمەن.» ۋاڭ جياڭجياڭدا مۇشۇنداق ئوي پەيدا بولدى.

ئۇنىڭ ئىزدىنىش، زىيارەت سەپىرى يول بويى ناخشا بىلەن بىرىكىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون نەچچە يىلدا، قەشقەردىن قومۇلغىچە، خوتەندىن ئىلىغىچە، ۋاڭ جياڭجياڭ شىنجاڭدىكى 300دىن ئارتۇق يېزا - بازار، كەنتنى ئارىلاپ، سىن، ئۈن، يېزىق، سۈرەت قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، 2000دىن ئارتۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسىنىڭ ئۈن - سىن ماتېرىيالىنى خاتىرىلىدى ۋە رەتلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى، مەشرەپتىن باشقا، يەنە دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان شىنجاڭ چۈزىسى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سەنىمى، قازاق مىللىتىنىڭ ئايتىسى، خۇائېر (شىنجاڭ خۇائېر)، موڭغۇل مىللىتىنىڭ ئۇزۇن كۈيى قاتارلىقلار بار.

2018 - يىلى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىمى «ۋارىسلىق قىلىش» (2 - بۆلۈم)نىڭ 5 - قىسمى بولغان «قەلبتىن قەلبكە يەتكۈزۈش»تىكى باش قەھرىمانلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋاڭ جياڭجياڭ كۆرۈرمەنلەرگە تۇرپان مۇقام مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ھېس قىلدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى گۈزەل شىنجاڭنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

2020 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ۋاڭ جياڭجياڭ ئۆمەك باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك خاتىرىلەش ۋە رەتلەشنى قانات يايدۇردى. خەلق ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ 200دىن ئارتۇق ۋارىسلىق قىلغۇچىنى زىيارەت قىلدى، ھازىرغىچە ئون ئىككى مۇقامدىن 12 قىسىم، تۇرپان مۇقامىدىن 12 قىسىم، قومۇل مۇقامىدىن 12 قىسىم، دولان مۇقامىدىن توققۇز قىسىمنى خاتىرىلەپ تاماملىدى، ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ئاغزاكى بايان قىلغان شەخسلەر تەزكىرىسى 77 قىسىمغا يەتتى.

«يۇرتداشلار تۇرمۇشتا مۇزىكا بولمىسا بولمايدۇ دېگەندە، بارلىق تىرىشچانلىقىمنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم» دېدى ۋاڭ جياڭجياڭ.

«شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ناھايىتى قىزغىن، نەگىلا بارساق ئىللىق تەبەسسۇم ۋە قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشىمىز. بىز خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بىللە ئۇسسۇل ئويناپ، بىللە ناخشا ئېيتىمىز.» ۋاڭ جياڭجياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ مىللىي مۇزىكىلىرىنى قېزىش، خاتىرىلەش، رەتلەش جەريانىدا، مەن نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىۋالدىم، ئەتكەنچاي ئىچىش، نان، پولۇ ۋە لەڭمەن يېيىشكە ئادەتلەندىم، شىنجاڭنىڭ ھەرقانداق يېرىگە بارغاندا، خالىغان بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى چېكىپ كىرسەم، ئۆي ئىگىسى مەن بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىدۇ، خوشلىشىدىغان چاغدا مېنى بوش ۋاقتىم چىقسىلا كېلىپ غىزالىنىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، بۇ خىل ھېسسىيات ناھايىتى ئىللىق...

بۈگۈنكى كۈندە، ۋاڭ جياڭجياڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسىدا «ۋاڭ جياڭجياڭنىڭ شىنجاڭدىكى 365 كۈنى» نامىدىكى ئابۇنىچى نومۇرىنى ئېچىپ، مۇقام ئورۇنلانغان قىسقا سىنلارنى ئارقا - ئارقىدىن چىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شىنجاڭ مۇزىكىسىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇردى.

«مەن مۇقامنى قىزغىن سۆيىمەن، ئۇنى خاتىرىلەش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم، بۇ يولدا ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق، بۇ يولنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمەن» دېدى ۋاڭ جياڭجياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.