تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

تارباغاتايلىق «بارمىقى ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئوغۇل بالا» ئۈرۈمچىگە كېسەل كۆرسەتكىلى كەلدى خەلق ساقچىلىرى يول ئېچىپ، تېز سۈرئەتتە مۇھاپىزەت قىلىپ يەتكۈزۈپ قويدى

  «بالامنىڭ بارمىقى ئۈزۈلۈپ كەتتى، دوختۇرخانا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2-دوختۇرخانىغا يېتىپ بېرىشىمىزنى تاپىلىدى، بىز ھازىر تۇدۇڭخابا ھەق ئېلىش پونكىتىغا كېلەي دەپ قالدۇق، ۋاقىتقا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ياردەم قىلىپ يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئۆتۈنىمىز!» 2-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 19دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزى تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن شەھىرىدىكى لى ئەپەندىنىڭ ساقچىغا جىددىي مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى.

  ئەھۋالنى ئاددىي ئىگىلىگەندىن كېيىن، قوماندانلىق مەركىزى دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرىنى G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تۇدۇڭخابا ھەق ئېلىش پونكىتىدا كۈتۈۋېلىشقا ئەۋەتتى. سائەت 19دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، جىددىي ئەھۋال سىگنال چىرىغى يېقىلغان G نومۇر تاختىسى ئېسىلغان ئاق رەڭلىك كىچىك ئاپتوموبىل ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇچۇرنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، خەلق ساقچىلىرى دەرھال يول باشلاپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. دەل كەچلىك يۇقىرى پەللە مەزگىلى بولغاچقا، شەھەر رايونىدا ئاپتوموبىللار كۆپ ئىدى، يول بويى ساقچىلار توختىماي يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەپ، باشقا ئاپتوموبىللارنى يول بېرىشكە ئەسكەرتىپ ئىشارەت قىلدى، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق ماسلىشىشى بىلەن، سائەت 20دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاپتوموبىل دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدى، ساقچىلار ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن بىرلىكتە بالىنى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ كىردى.

  بالىنىڭ كېسىلىنى ئوڭۇشلۇق دوختۇرغا كۆرسەتكەن لى ئەپەندى قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ ۋاقتىدا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، 13 ياشلىق بالىسى ئۆيدە ئېتىز ئىشلىرىغا ياردەملىشىۋاتقىنىدا، ئېھتىياتسىزلىقتىن يانجىش ماشىنىسى قول بارمىقىنى ئۈزۈۋەتكەن، ئۇلار دەرھال شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا بارغان، لېكىن دوختۇرلار ئەڭ ياخشىسى ئىككى سائەت ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىگە بېرىپ قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئېلىپ بېرىشنى ئۇقتۇرغان، شۇ چاغدا ئەھۋال جىددىي ھەم كەچلىك قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يول ئەھۋالىنى پىششىق بىلمىگەچكە، ئەڭ ياخشى قۇتقۇزۇش-داۋالاش ۋاقتىغا دەخلى يېتىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇلار ئۈرۈمچىگە بېرىش يولىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان.

  2-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەلق ساقچىلىرى لى ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، بالىنىڭ بارمىقىنى ئۇلاش ئوپېراتسىيەسىنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى، نۆۋەتتە، سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدى. شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىلىرى شۇنى ئەسكەرتىدىكى: يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ۋاقتىدا 12122 ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىڭ!

  ئىختىيارىي مۇخبىر: دۇ جياشىن

  مۇخبىر: ما يەن

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.