تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ يىل شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر بۇ ئون ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2023 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت دىققەتنى ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ تەخىرسىز بولغان، ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىگە داۋاملىق مەركەزلەشتۈرۈپ، ئون تۈرلۈك كونكرېتلاشتۇرۇلغان، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى پىلانلاپ بېكىتتى. بۈگۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى.

خەلق تۇرمۇشىغا دائىر بۇ ئون ئەمەلىي ئىش ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش؛ «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» (2 - قارارلىق) قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش؛ ياشانغانلار كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش، شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى ئاشۇرۇش؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش، قەلبلەرنى ئىللىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش» «بىر ئىشنى بىرلىشىپ بېجىرىش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشى ۋە يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشىنى رېمونت قىلىش، ئاسراش تۈرىنى يولغا قويۇش؛ دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنى «ئىش ھەققى»دىن خاتىرجەم، غەم - ئەندىشىسىز قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش؛ «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش؛ قىيىنچىلىقى بار، ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرنىڭ ئۆيلىرىنى توسالغۇسىز قىلىپ ئۆزگەرتىش تۈرىنى يولغا قويۇش.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى ئىز قوغلاپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدۇ. بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىش، ياخشى ئىشنى ئەمەلىي قىلىش ئۈچۈن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە كەڭ ئامما پائال قاتنىشىپ ۋە نازارەت قىلىپ، قىممەتلىك پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.