تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بىر مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ 93 كونا ئولتۇراق رايون ئۆزگەرتىلىدۇ بىڭتۇەن بۇ يىل مۇنداق قىلماقچى

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر مېھرىگۈل غوپۇر) «بۇ تۈر قۇرۇلۇشى ھەم خەلققە نەپ يەتكۈزدى، ھەم قەلبىمىزنى ئىللىتتى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ئولتۇراق رايون يېپيېڭى تۈسكە كىردى، راھەت تۇرىدىغان بولدۇق، كۆڭلىمىزمۇ يورۇپ كەتتى.» شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5-شى 84-تۇەننىڭ تولى مەھەللىسىدىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ پايدىسىدا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، بۇ ئىشنى تىلغا ئالغاندا، تولى مەھەللىسىدىكى ئاھالە لياڭ چىمىڭ خۇشال ھالدا سۆزلەپ كەتتى.

兵团第五师八十四团托里社区老旧小区改造项目实施后,小区环境环绕焕然一新。 通讯员 张培丽摄

بىڭتۇەن 5-شى 84-تۇەن تولى مەھەللىسىدىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش تۈرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئولتۇراق رايوننىڭ مۇھىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى.

ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ پېيلى فوتوسى

  كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش شەھەرنىڭ ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك، پۇقرالارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىگە مۇناسىۋەتلىك. مۇخبىرنىڭ يېقىندا بىڭتۇەن تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، بىڭتۇەن 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 93 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىدىكەن، نۇقتىلىق ھالدا ئاھالىلەرنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق كونا تۇرۇبىلارنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى، توك قاچىلاش تۈۋرۈكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەھەللىنىڭ توسالغۇسىز قۇرۇلۇش قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىشنى پىلانلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىڭتۇەننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك باغ-ئورمان شەھىرى (شەھەر-بازار) بەرپا قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى باشلىنىپ، شەھەرنىڭ «يانچۇق باغچە» قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلغان.

  بىڭتۇەن كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى شەھەر ئوبرازىنى ئۆستۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش مەخسۇس تۈر يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ئۆزگەرتىش لايىھەسى، قۇرۇلۇش قىلىش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق ھالقىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى؛ ھەرقايسى شى، شەھەرلەر شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرى، بۇلۇتسىمان شەھەر، باغچە، يېشىللىق قۇرۇلۇشى ھەمدە ياشانغانلار كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش-تەربىيەلەش ئەسلىھەلىرىنى پىلانلاش قۇرۇلۇشى بىلەن ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش ئۆرنەك قۇرۇلۇشلىرىنى بەرپا قىلىپ، شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشكە يۇقىرى سۈپەتلىك تۈرتكە بولدى.

  شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشتە، بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار خەلق رايى، خەلق ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، تۈرنى تاللاش، ئىلتىماس قىلىش، قۇرۇلۇش قىلىش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، باھالاش قاتارلىق ھالقىلاردا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئاممىدىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاپ، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەھەللە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

   بۇ يىل بىڭتۇەن تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى بىرلىكتە مەھەللە قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، 12 مەھەللىنى سىناق نۇقتىسى قىلىپ تاللاپ، 138 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدۇ، مەھەللە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان تۇرمۇش مۇھىتى بەرپا قىلىش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان مۇلازىمەتنى ئالغا سىلجىتىش، مەھەللىنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قۇرۇلۇش ئېلىپ بارىدۇ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قۇرۇلۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قۇرۇلۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، قۇرۇلۇش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەھەللە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا كۆپەيتكىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەيدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.