تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چەكسىز مۇنبەت تۇپراقتا گۈللەندۈرۈش يۆگىمە رەسىمى ئورتاق سىزىپ چىقىلدى

​− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا مۇلاھىزە

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

يېزا ئىگىلىكى دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس مۇقىم بولغاندىلا دۆلەت تىنچ - ئامان بولىدۇ. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ رايونى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەۋزەل كىلىمات بايلىقى شارائىتىنى ھازىرلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدا يېزا نوپۇسى كۆپ بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ياخشىلاش، ئۆستۈرۈش «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى باش تۇتقا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايون قۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولدى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادى پۇختا ئاشتى، يېزىلارنىڭ تۈرلۈك جەمئىيەت ئىشلىرىدا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلاندى. بىپايان يېزا - كەنتلەر گۈللەپ ياشنىدى، چەكسىز مۇنبەت تۇپراق گۈللەندۈرۈش ئارزۇسىنى يېتىلدۈردى، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك بولۇش، يېزىلار گۈزەل بولۇش، دېھقانلار باي بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسى تەدرىجىي روشەنلەشتى.

يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك بولدى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆستى

ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ مۇھىم بۇرچى، كۈچلۈك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى بولمىسا، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايون بولۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى بىپايان يېزىلاردا ماڭغاندا، پارچە - پارچە غايەت زور تەكشى سالا ئېتىزلارنىڭ ھەيۋەت بىلەن ھەممە تەرەپكە يېيىلىپ ياتقانلىقىنى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرىنىڭ «گېئومېتىرىيەلىك ئېستېتىكا»نى ئارقا - ئارقىدىن نامايان قىلىۋاتقانلىقىنى، ئېتىزلاردىكى يول، ئۆستەڭ، ئورمان، توك قاتارلىق تۈرلۈك يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر چۆرىدىلىپ، بىر مۇكەممەل ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ھەر قېتىملىق ئۆزگىرىشىگە كۈچلۈك تىرەك بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

بۇ خىل ئۆزگىرىش يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈكسەلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. «بۇلتۇر تېرىغان 250 مو يەردىكى بۇغدىيىمنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى 550 كىلوگىرامدىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن 100 كىلوگىرام ئاشتى.» كۇچا شەھىرى چىمەن بازىرى غالىبىيەت كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى روزى شەمشى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى تەبىئەتكە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق، بۈگۈنكى كۈندە پەن - تېخنىكىغا تايىنىدىغان بولدۇق. بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىدا سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، بۇغداينىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى قوش ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھوسۇلنىمۇ، كىرىمنىمۇ ئاشۇردۇم.

ھەربىر ئائىلىلىك دېھقاننىڭ ھوسۇل ۋە كىرىمنى ئاشۇرالىشى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ غايەت زور دەرىجىدە كۈچەيگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى ئۈزلۈكسىز تەڭشىلىپ ئەلالاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كاپالىتى كۈچلۈك بولدى، 2022 - يىلى مول ھوسۇلغا تولغان نەتىجە قەغىزى تاپشۇرۇلدى.

− دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 546 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %5.8 ئاشتى؛

− ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 18 مىليون 135 مىڭ توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %4.5 ئېشىپ، ھوسۇلنىڭ ئۇدا يەتتە يىل ئېشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛

− پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتى 5 مىليون 390 مىڭ 600 توننا ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %5.1 ئېشىپ، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىگىلىگەن نىسبىتى تۇنجى قېتىم %90تىن ئاشتى؛

− كۆكتات مەھسۇلات مىقدارى 17 مىليون 784 مىڭ 700 توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %9.8 ئاشتى؛

− باغ - ئورمان مەھسۇلات مىقدارى 13 مىليون توننا بولۇپ، %8.7 ئاشتى؛

− چوشقا، كالا، قوي، ئۆي قۇشلىرى گۆشى مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 909 مىڭ 400 توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %4.3 ئاشتى، خام سۈت مەھسۇلات مىقدارى 2 مىليون 225 مىڭ 800 توننا بولۇپ، %5.2 ئاشتى.

مول ھوسۇل − يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ دەلىلى. بۇ يىللاردا، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، دېھقانچىلىقنى يۈرۈشلەشتۈرۈش تېخنىكىسى قاتارلىق تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتوماتلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرىنى پائال كېڭەيتىپ، كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچلۈك تىرەك بولدى.

2022 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 36 مىليون مودىن ئارتۇق يەردە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلدى، بۇ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ %40تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىكى كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتلارغا قارىتا يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يولغا قويۇلغان كۆلەم 35 مىليون مودىن ئېشىپ، يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %48.59كە يەتتى، ئاپتونوم رايون بويىچە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى قىغ - ماياقلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش نىسبىتى مۇقىم ھالدا %75تىن يۇقىرى بولدى، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى بويىچە ئۇنىۋېرسال ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى %85.5تىن كۆپرەككە يەتتى، بۇغداي، كۆممىقوناق تېرىش - يىغىشنى ئۇنىۋېرسال ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %98.9، %89.7 كە يەتتى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچى سىجىل ئاشتى.

يېزىلار گۈزەللىشىپ، ھەممىلا جەھەتتىن ئولتۇراقلىشىشقا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان بولدى

ئۆيلەر رەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، دېھقانلارنىڭ ھويلا - ئارانلىرى پاكىز، رەتلىك ئىدى، ئۆيلەرنىڭ ئالدى - كەينى ياپيېشىل دەرەخلەر بىلەن ئورالغانىدى، كەڭ، تەكشى يوللار ئەگرى - بۈگرى سوزۇلغانىدى... بۇنداق مەنزىرە شىنجاڭدىكى يېزىلاردا ناھايىتى ئومۇملاشقان.

يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردا «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نى يولغا قويۇپ، تۇرمۇش يۇندىسى، ئەخلەتلەرنى بىرتەرەپ قىلىش ۋە كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىدىكى گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيە مۇھىتىنى ياخشىلىدى.

ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى ئۇچا كەنتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تىپىك مىسال دېيىشكە بولىدۇ. بۇلتۇر، ئۇچا كەنتىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان ئانار مەيدانى كەنت ئاھالىلىرى ئارام ئالىدىغان، سالقىندايدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى. بۇ يەردە كەنت ئاھالىلىرى ئۆز جايىدا ماتېرىيال ئېلىپ دەرەخ شېخىدىن توقۇغان «ئانار چىۋىقى» مەنزىرىسى بار؛ 56 مىللەتكە سىمۋول قىلىنغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئورمىنى بار؛ رەتلىك كۆكەرتىش مەنزىرە بەلبېغى ئەسلىدە ئەخلەت تۆكىدىغان بوش يەرنى بىر نەپىس گۈللۈككە ئايلاندۇردى. ئۇچا كەنتى يەنە بوش يەر ۋە تاشلىنىپ قالغان كۆللەردىن پايدىلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان باش تېمىدىكى ئۈچ كىچىك مەيدان قۇرۇپ، شىپاڭ، ئەگمە ئىشىك، تاش ئويما، تاش ياتقۇزۇلغان يول قاتارلىق مەنزىرىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەنت قىياپىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، يېزا - كەنتلەرگە خاس مەدەنىيەت تۈسىنى شەكىللەندۈردى.

«كەنت مۇھىتىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، ھەممىلا يەر مەنزىرىلىك بولۇپ، كىشىلەر قەلبىنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى.» كەنت ئاھالىسى ئابىدە ئابلىمىت مۇنداق دېدى: كەنتتىكى سېسىق سۇ ئېرىقى يوقىدى، ئەخلەتلەر مەركەزلىك يىغىۋېلىنىدىغان بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پائالىيەت سورۇنى كۆپەيدى، كەنت بارغانسېرى گۈزەللەشتى.

تۇرمۇش مۇھىتى ياخشىلىنىپ، كۈنلەر تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتىدىغان بولدى. ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشكە تۈرتكە بولۇش جەريانىدا، دېھقانلارنى ئىلمىي، ساغلام تۇرمۇش ئادىتى ۋە مۇھىت قوغداش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كۈندىلىك تازىلىق، ساغلاملىق - ساقلىق ساقلاش قاتارلىق بىلىملەرنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، كەنتنى پاكىزلاش ھەرىكىتىنى يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرى، يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مەدەنىي يېزا ئىستىلى بەرپا قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، كەنتلەرنىڭ تاشقى جەھەتتە گۈزەللىشىشتىن ئىچكى جەھەتتە گۈزەللىشىشكە، سىجىل گۈزەللىشىشكە قاراپ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھازىر، كەنتنىڭ ئاممىۋى مۇھىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى قوغداش ئۇچا كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. «ھەر دۈشەنبە كۈنى چوڭ تازىلىق قىلىدىغان كۈن، بىز كەنت يوللىرى، كوچا ۋە ھەرقايسى ئۆيلەرنىڭ ئالدى - كەينىدىكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى مەركەزلىك تازىلاپ، كەنتىمىزنى ئىزچىل گۈزەللەشتۈرىمىز» دېدى ئابىدە.

2022 - يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە 1000 كەنتنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش قانات يايدۇرۇلدى، يېزىلاردا يېڭىدىن 61 مىڭ پاكىز ھاجەتخانا سېلىندى، يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىپ توشۇش، بىرتەرەپ قىلىش سىستېمىسى قاپلىغان مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ نىسبىتى %90تىن كۆپرەككە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يېزىلارغا قويۇلۇپ، شەھەر - يېزا ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى. جەمئىي تاماملانغان يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى مۇساپىسى 6442 كىلومېتىر بولۇپ، ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ كەنتلەرنى قاپلىشى، ئائىلىلەرگىچە ئۇزارتىلىشى ئالغا سىلجىتىلىپ، يېزىلاردا تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ۋە سۇ بىلەن مەركەزلىك تەمىنلەش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %97.9 ۋە %99كە يەتتى. ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش شەھەر بىلەن يېزا ئارىسىدىكى پەرقنى يەنىمۇ كىچىكلەتتى، ھەممىلا جەھەتتىن يېڭى تۈس ئالغان كەنتلەر «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار ساقلاپ قېلىنغان، يۇرت سېغىنىشى ئەستە ساقلانغان» بەختلىك ماكانغا ئايلاندى.

دېھقانلار بېيىپ، كەسىپ تىرىكىنىڭ زاپاس كۈچى يېتەرلىك بولدى

دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى مەركىزىي ۋەزىپە؛ خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تۈرلۈك ئامال - چارىلەر ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشتىكى مۇھىم تايانچ.

بۇلتۇر كۈزدە، توقسۇ ناھىيەسى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى. شۇ جايدا 1000 مودىن ئارتۇق يەرگە ئۆستۈرۈلگەن پىگمېنتلىق لازا ئارقا - ئارقىدىن پىشتى، ھەممىلا يەردە ئالدىراش مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولاتتى.

توقسۇ ناھىيەسى خېشىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى يۈ لۇڭ مۇنداق دېدى: پىگمېنتلىق لازا كەسپى مۇشۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشلىشىگە تۈرتكە بولدى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا لازا ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش، يىغىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى. نۆۋەتتە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى نۇرغۇن لازا سودىگەرلىرى بىلەن كېڭىشىپ كېلىشىم ئىمزالاپ، سېتىش جەھەتتىكى غەم - ئەندىشىنى تۈگەتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسى مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئارزۇسى ۋە شارائىتى بار دېھقان ئائىلىلىرىنى پىگمېنتلىق لازا ئۆستۈرۈپ، خاس كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلىدى. لازا كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرى يەر ئوبوروت ھەققىگە ئېرىشىپلا قالماي، يەنە بازىدا ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرالايدىغان بولدى، ھازىر پىگمېنتلىق لازا ئۆستۈرۈش شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى يېڭى يولغا ئايلاندى.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شىۋول يېزىسى كۆپ تۆللەيدىغان قوي باقمىچىلىق كەسپىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، «باش مەيدان + شۆبە مەيدان + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلە»دىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك گۆش قويىنى كېڭەيتىش، كۆپەيتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، 8000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاۋالىلىك بېقىشتىن پايدا تەقسىماتىغا ئېرىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 188 كەنت كوللېكتىپىدىكى 2700 ئائىلىلىكتىن كۆپرەك دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ۋاسىتىلىك ياردەم بەردى، يېتەكلىدى.

كەسىپلەر قانچە مۇكەممەل بەرپا قىلىنسا، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇش بوشلۇقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئاشلىق - ياغ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېشىل ئورگانىك مېۋە - كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋا مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق كەسىپلەر توپىنى چۆرىدەپ نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى جايلارنى شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىكى نۇقتىلىق زەنجىرنى بېكىتىشكە، يېزا ئىگىلىك نۇقتىلىق زەنجىرى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈش ھەم ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشكە يېتەكلىدى. ئاپتونوم رايونىمىز مۇشۇ ئاساستا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەغەز ياڭاق، كورلا نەشپۈتى، ئۈزۈم، ئىلى ئېتى، پاختا، قوڭۇر كالىدىن ئىبارەت ئالتە ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر توپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىپ ھەم بەرپا قىلىپ، يېتەكچى كەسىپلەرنىڭ ناھىيە رايونىنى ئاساس قىلغان «بۆلەكسىمان ئىگىلىك»تىن ئاپتونوم رايون دائىرىلىك «بەلباغسىمان ئىگىلىك»كە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى.

دېھقانلارنى كەسىپ تەرەققىياتى پايدىسىدىن تېخىمۇ تولۇق بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى پائال يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى، كەڭ دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن ئىش تەقسىملەپ ھەمكارلىشىشىنى قوللاپ، ئىشلەپچىقىرىشتا كەسىپلەر بويىچە ئىش تەقسىم قىلىدىغان، پايدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش بىرلەشمە گەۋدىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى ۋاسىتە قىلىپ، يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىمدىكى مۇكەممەل ھالقىلارنى بىرىكتۈرۈپ، پۈتۈن زەنجىردىكى تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى توپلاپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بىلەن ئورگانىك جىپسىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى.

2022 - يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەردىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك باشلامچى كارخانا 1400گە يەتتى، ئالتە ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر توپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى بىردەك 10 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، تۈجۈپىلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان، كەسىپلەرنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى كۈنسېرى مۇكەممەللەشكەن بىر تۈركۈم خاس كەسىپلەر توپى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، يېزا ئىگىلىك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.