تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا يۈەنشياۋ بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش ئورتاق تەبرىكلەندى

    «كوچا ئويۇنى ئوينىلىپ يۈەنشياۋ بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نەشپۈت شەھىرى»دىكى كوچا ئويۇنى.   ياۋ چيەن فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

 ياڭراق داقا-دۇمباق ساداسى، ھەيۋەتلىك ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياڭگىر ئۇسسۇلى... 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، كورلىدا قۇياش پارقىراپ تۇراتتى، خەلق مەيدانى ئەتراپىدا ئادەملەر ناھايىتى كۆپ ئىدى. «كوچا ئويۇنى ئوينىلىپ يۈەنشياۋ بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نەشپۈت شەھىرى»دىكى كوچا ئويۇنى بايرام كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى. بۇ شەھەردىكى 14 كوچا باشقارمىسىدىن كەلگەن 39 ئويۇن قويۇش چاسا ئەترىتى شادىيانە دۇمباق ساداسىغا جور بولۇپ، پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن ئۇسسۇل ئويناپ، نەشپۈت ئارقىلىق داڭ چىقارغان بۇ شەھەرگە خۇشاللىق، قاينام-تاشقىنلىققا تولغان، باھار بايرىمى پۇرىقى كۈچلۈك بولغان بىر مەيدان خەلق ئۆرپ-ئادىتى كاتتا مەرىكىسى سوۋغا قىلدى.

«كوچا ئويۇنى ئوينىلىپ يۈەنشياۋ بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نەشپۈت شەھىرى»دىكى كوچا ئويۇنى.

خۇاڭ ۋەنلى فوتوسى

  ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، ياڭگىر ئۇسسۇلى، قېيىق ئويۇنى ئويناش، پانۇس تېپىشمىقى تېپىش، پانۇس سەيلىسى قىلىش... يۈەنشياۋ بايرىمىدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا يۈەنشياۋ بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەر مىللەت ئامما قويۇق «باھار بايرىمى كەيپىياتى»نى ھېس قىلىپ، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇشنىڭ تەمىنى تېتىدى. «بالامنى ئېلىپ كوچا ئويۇنى كۆرگىلى كېلىپ، بەك خۇش بولدۇم، بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ دائىم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى باغراش ناھىيەسى باغراش بازىرى ئاھالىسى كۇاڭ يىڭ.

ئالتايدىكى ۋۇبەيلى. مەنزىرە كوچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «قار–مۇز شەھىرىدە جەم بولۇپ يۈەنشياۋ بايرىمى ئۆتكۈزۈش» 13-نۆۋەتلىك يۈەنشياۋ بايرىمىلىق پانۇس سەيلىسى.

دۇڭ شىجۈ فوتوسى

  كوچا ئويۇنى ئويناش، پانۇس سەيلىسى قىلىش، پانۇس تېپىشمىقى تېپىش، تاڭيۈەن يېيىش... ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۈەنشياۋ بايرىمىلىق 60 نەچچە تۈرلۈك مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى مول، رەڭدار بولدى، كىشىلەر كاتتا بايرامنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىرى كوچا ئويۇنى مۇسابىقىسى، ساليۇت كېچىلىكى، پانۇس كۆرگەزمىسى، ساليۇت كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزدى، چوڭ-كىچىك كوچىلار جەم بولۇش، خۇشال بولۇش، قىزغىنلىق كەيپىياتىغا تولدى؛ قار-مۇز بىلەن قاپلانغان «جۇڭگو قار-مۇز شەھىرى» ئالتاي شاد-خۇراملىق، ئىناقلىق كەيپىياتىغا چۆمدى، «قار–مۇز شەھىرىدە جەم بولۇپ يۈەنشياۋ بايرىمى ئۆتكۈزۈش» 13-نۆۋەتلىك يۈەنشياۋ بايرىمىلىق پانۇس سەيلىسى ۋۇبەيلى. مەنزىرە كوچىسىدا قىزغىن ئۆتكۈزۈلدى، يۈەنشياۋ يېيىش، كوچا ئويۇنى كۆرۈش، پانۇس تېپىشمىقى تېپىش، كوچا ئايلىنىش، پانۇس سەيلىسى قىلىش، ئويۇن ئويناش، كاۋاپ پىشۇرۇش، ھەممە ئادەم ئۆيدىن چىقىپ تەبرىكلىدى، كاتتا بايرام خۇشال ئۆتكۈزۈلدى؛ ياڭگىر، كوچا ئويۇنى، پانۇس سەيلىسى، ساليۇت ئويۇنى... چۆچەك شەھىرىنىڭ «قۇتلۇق توشقان لوڭقىسى» ياڭگىر، كوچا ئويۇنى پائالىيىتى كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى؛ ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شەھەر غول يوللىرىدا ئېسىل كوچا ئويۇنى ئوينالدى، 17 ۋەكىللەر ئەترىتىدىكى 800دىن ئارتۇق كىشى ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىپ، «چىراغ نۇرىدا چاقنىغان جۇڭخۇا بەخت-سائادەتكە تولغان ئاقسۇ» 2023-يىللىق باھار بايرىمىلىق پانۇس كۆرگەزمىسىنىڭ قىزغىنلىقىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى ئامما پانۇس تېپىشمىقى تاپماقتا.

فۇ شۈەن فوتوسى

  باغراش ناھىيەسىنىڭ يۈەنشياۋ بايرىمىلىق ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى ۋە كوچا ئويۇنى مۇسابىقىسىدە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئويۇنى، سىچۇەن تىياتىرى چىراي ئۆزگەرتىش ئويۇنى قاتارلىقلاردىن باشقا، يەنە خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى كىيىم-كېچەك ۋە مىللىيچە كىيىم-كېچەك مۇسابىقىسى قوشۇلدى، بۇنىڭغا يەنە ساۋۇردېڭ، مەشرەپ ئويۇنى قاتارلىقلار سىڭدۈرۈلدى. ئارتىسلار ئىچىدە 70-60 ياشلىق ياشانغانلارمۇ، ئون نەچچە ياشلىق ئۆسمۈرلەرمۇ بار.

باغراش ناھىيەسىنىڭ يۈەنشياۋ بايرىمىلىق كوچا ئويۇنى مۇسابىقىسىدىكى ئۆسمۈرلەر.

خۇ شىچى فوتوسى

  تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان خوتەن ۋىلايىتى جەمئىي 30 نەچچە تۈرلۈك مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. خوتەن ناھىيەسىنىڭ كوچا ئويۇنى پائالىيىتىدە ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، ياڭگىر، يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى، چىپاۋ ئۇسسۇلى، بەل دۇمباق ئۇسسۇلى قاتارلىق جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى خەلق ئىچى خەلق ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرى بار. «كوچا ئويۇنىغا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. مېنىڭ ئوينىغىنىم يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى، ئاچا-سىڭىللىرىم بىلەن بىر ھەپتىدىن ئارتۇق مەشىق قىلدىم» دېدى بۇ ناھىيەنىڭ بۇزاق يېزىسى كوچا ئويۇنى ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى مۇھەببەت قادىر قولىدىكى يەلپۈگۈچنى ئويناتقاچ.

شىخو شەھىرىنىڭ «ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى ئويناپ يۈەنشياۋ بايرىمى كۈتۈۋېلىش» كوچا ئويۇنى.

كامىلە فوتوسى

  ئاقسۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بۇ شەھەردىكى شىنچېڭ كوچا باشقارمىسى بىلەن بىرلىكتە «يۈەنشياۋ بايرىمىلىق كۆڭۈل ئېچىش يىغىلىشى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، خەلق ساقچىلىرى بىلەن ئاھالىلەر بىرلىكتە پانۇس تېپىشمىقى تېپىپ، پانۇس ياساپ، يۇمىلاق يەلپۈگۈچ سىزىپ، خۇشال كۈلكە سادالىرى ئىچىدە كاتتا يۈەنشياۋ بايرىمىنى كۈتۈۋالدى؛ ئالتاي چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى ئالتاي چېگرا باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى ئالتاي تېغى دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالتاي شۆبە ئىدارىسى ئالتاي شەھىرى لاستى يېزىسى، ئالتاي شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، ئالتاي شەھىرىنىڭ لاستى يېزىسى نوغايتى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە يۈەنشياۋ بايرىمى ئۆتكۈزدى.

«چىراغ نۇرىدا چاقنىغان جۇڭخۇا بەخت-سائادەتكە تولغان ئاقسۇ» ئاقسۇ شەھىرىنىڭ 2023-يىللىق باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش پانۇس كۆرگەزمىسى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەمىنلىگەن سۈرەت

  ئويۇن كۆرۈش، بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناش، تاڭيۈەن يېيىش... قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتى ئىچىدە، قويۇق جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى پۇرىقى ئىچىدە كىشىلەرنىڭ قەلبى تېخىمۇ يېقىنلاشتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.