تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا ـ كەنت سۈرەتتەك نامايان بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

گىرەلىشىپ كەتكەن رەتلىك دېھقانلار ھويلىسى، كەنتكە تۇتىشىدىغان كەڭ، تۈپتۈز تاشيول، تۆت پەسىلدە مول ھوسۇل ئېلىنىدىغان كۆكتات پارنىكى، سودىسى جانلانغان دېھقانلار ئارامگاھى... تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىنى ئايلانغاندا بۇ «گۈزەل ئېلېمېنت»لار ئاساسەن يېڭى يېزىلارنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسى بولۇپ قالغانىدى. كەنت قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى، كەسىپلەر زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، تۇرمۇش بارغانسېرى ياخشىلاندى، كەسىپلەر گۈللىنىپ، كەنتلەر كۈچەيگەن، خەلق باي، ئىناق بولغان، گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان يۆگىمە رەسىم شىنجاڭ تۇپرىقىدا تەدرىجىي نامايان بولدى.

ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇش يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن زور بىر تۈركۈم «چولپان كەنت» «توردا ئالقىشلانغان كەنت» بارلىققا كەلدى، بۇ ئىناق، گۈزەل يېزا ـ كەنتلەر، ئۆزگىچە تاشقى گۈزەللىكىدىن باشقا يەنە تەرەققىيات داۋامىدىكى گۈزەللىك، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى گۈزەللىككە ئىگە بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

«گۈزەللىك» خاسلىقتا

ساياھەت ئارقىلىق كەنتلەر گۈللەندۈرۈلۈپ، تۇرمۇش تېخىمۇ شېرىن ئۆتمەكتە

سەھەردە، ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار بازىرى تاغلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى بىر كۈنلۈك ئالدىراش تۇرمۇشىنى باشلىدى.

تاغلاق كەنتى تۆمۈر چوققىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ گىرۋىكىگە، قارلىق تاغ، يايلاقلار ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل. بۇ يەر ئىلگىرى نىسبىي يېپىق چارۋىچىلىق كەنتى ئىدى. 2019 ـ يىلى، ئاقسۇ ۋىلايىتى يېزا ـ كەنت ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇ ئېگىز تاغ چارۋىچىلىق كەنتىگە تاشيول ياساپ، يول چىرىغى ئورنىتىپ، تورنى تۇتاشتۇرۇپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش ـ سۇ چىقىرىۋېتىش سىستېمىسى قۇرۇپ، ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنى رېمونت قىلىپ، چوڭ تىپتىكى قار تېيىلىش مەيدانى، ئەينەك سىيرىلما يولى، پويىز ئائىلىۋى مېھمانخانىسى، يۇلتۇزلۇق ئاسمان چېدىرى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، «گۈييۈەن تيەنجۈ . تاغلاق كەنتى» يېزا ـ كەنت ساياھەت ماركىسىنى ياراتتى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەر شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر ناھايىتى ياقتۇرىدىغان يېزا ـ كەنت ساياھىتىدىكى داكا نۇقتىسىغا ئايلاندى.

ئونسۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ھەمدۇللا ياسىن مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، ئونسۇ ناھىيەسى تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خاس ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى. نۆۋەتتە، تاغلاق كەنتى، ئاقبۇلاق كەنتى، شۆيۈەن كەنتىدە قىسمەن يوللارنى ئۆزگەرتىش، ئۆگزىلەرنى ئۆزگەرتىش، ساياھەت ھاجەتخانىسى ۋە ئەخلەت ئۆتەڭ بېكىتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەر تاماملىنىپ، مەنزىرە رايونىدىكى كەنتلەرنىڭ ئولتۇراق مۇھىتى ياخشىلاندى، شۇنداقلا ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەندى.

يول، سۇ بىلەن تەمىنلەش، ئېنېرگىيە، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇشنىڭ «قاتتىق دېتال» تەلىپى.

ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ يېزىسى ئازغان كەنتىدىكى ئەنجۈر بېغىغا كىرسىڭىز، خۇددى «ۋاقىت تونېلى»غا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز. بۇ يەردە 400 يىلدىن ئاشقان ئەنجۈر دەرىخىدىن 100 نەچچە تۈپ، 100 يىلدىن ئاشقان ئەنجۈر دەرىخىدىن 700 نەچچە تۈپ بار.

ئازغان كەنتىنىڭ ئەنجۈر ئۆستۈرۈش كۆلىمى ئاتۇش شەھىرىدىكى ئەنجۈر ئۆستۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدۇ، بۇ يەردىن چىقىدىغان ئەنجۈرنىڭ سۈپىتى ئەلا. 2020 ـ يىلىدىن بۇيان، ئاتۇش شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان جياڭسۇ ئۆلكىسى كۇنشەن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەنجۈر كەسپىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئازغان كەنتىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇھىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە قىياپىتىنى خاسلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى قەدەمگە بۆلۈپ يولغا قويۇپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئەنجۈر مەيدانى، ياغاچ ئاسما يولى پىيادە ئايلانما لىنىيەسى، ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى، كوچا بويىدىكى ئاھالىلەر ئۆيلىرىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تاماملىدى. ئازغان كەنتى «جۇڭگودىكى گۈزەل ئىستىراھەت كەنتى» ۋە دۆلەت 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى.

كەنت گۈزەللەشتى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. 2021 ـ يىلى، ئازغان كەنتى 100 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. كەنت ئاھالىسى ئەلا سەمەت كەنتتىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئاشخانا − نىلو ئاشخانىسىنى ئاچقانىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «كەنتىمىز بارغانسېرى چىرايلىق بولۇپ كەتتى، ساياھەتچىلەر كۆپ كەلدى، سودىمىز بارغانسېرى ياخشى بولدى».

«گۈزەللىك» يېڭىلىق يارىتىشتا

كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى تېخىمۇ ئاشماقتا

كەسىپ تەرەققىياتى گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يېزا ـ كەنتلەر ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقتىن باشقا، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس كەسىپلەرنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، يېڭى كەسىپلەرنى پائال كېڭەيتتى.

توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىگە كىرسىڭىز، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن لەرزان مۇزىكا ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.

جاي كەنتى «جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى چالغۇلىرىنى قولدا ياساش بىرىنچى كەنتى» دەپ ئاتالغان. بۇ يەردە، يېرىمغا يېقىن كەنت ئاھالىسى دۇتار، راۋاب قاتارلىق مىللىي چالغۇلارنى ياسىيالايدۇ.

توقسۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن، جاي كەنتى چالغۇ كەسىپلەر باغچىسى قۇردى. 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ باغچە رايونىدا، ھەر كۈنى 100گە يېقىن چالغۇ ياساش ئۇستىسى ئالدىراش ئىشلەيدۇ.

«ناھىيە بېكىتكەن <مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسىپىنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش> پىكىر يولى جاي كەنتىنىڭ بېيىشىغا پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.» جاي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بەختىيار ھامۇت مۇنداق دېدى: ھازىر كەنتتىكى چالغۇ ياساش ئۇستىلىرى يىلىغا كىشى بېشىغا 1200دىن ئارتۇق چالغۇ ياساپ ساتىدۇ، ھەربىر ئائىلىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 140 مىڭ يۈەن ئەتراپىغا يەتتى، كۆپ بولغانلىرىنىڭ 200 مىڭ يۈەن بولدى.

جاي كەنتىمۇ مۇشۇ سەۋەبلىك «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزگىچە كەنتى»، دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى.

نىلقا ناھىيەسى كۆكخوتقور موڭغۇل يېزىسى لامامياۋ كەنتى 2018 ـ يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 2022 ـ يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى بولۇپ باھالاندى.

لامامياۋ كەنتى تۆت يىلدا بىر بالداق ئۆرلەشنى قانداق قىلىپ ئىشقا ئاشۇردى؟ دۆلەت باج باش ئىدارىسى نىلقا ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 ـ شۇجى دې.جىغە مۇنداق دېدى: بۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش پىكىر يولى ۋە تىرىشىپ ئەمەلىي ئىشلەشكە تاياندۇق.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا يېتەكلىدى ھەم كەنت ئاھالە كومىتېتى ئوتتۇرىغا چىقىپ كېپىل بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش قەرز پۇلى بېجىرىشىگە ياردەم بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تەدرىجىي زورايتتى. 2022 ـ يىلىدىكى «يازنىڭ ئۈچ ئىشى» مەزگىلىدە، لامامياۋ كەنتىدىكى 123 كەنت ئاھالىسى 41 يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى ھەيدەپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا رايون ئاتلاپ مەشغۇلات قىلىپ، 10 مىليون يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، لامامياۋ كەنتىدە چوڭ ـ كىچىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىدىن 91ى بار، كەنت قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولۇپ، يىراق ـ يېقىنغا داڭلىق «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەنتى»گە ئايلاندى.

«گۈزەللىك» جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتە

يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە

بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا ـ كەنتلەردىكى كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلاتنى گۈللەندۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇرغا ئاۋازى جەڭگە چاقىرماقتا، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تېخىمۇ كۈچەيدى.

قىش، ئەتىياز مەزگىلى، مەكىت ناھىيەسىنىڭ يانتاق يېزىسىدىكى چىلان پەن تەتقىقات پونكىتىدا تېخنىكلار چىلانچى دېھقانلارغا ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكا تەلىپىنى چۈشەندۈرمەكتە.

مەكىت ناھىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چىلان ئۆستۈرۈلىدىغان چوڭ ناھىيەلەرنىڭ بىرى، يانتاق يېزىسى مەكىت ناھىيەسىدىكى چىلان ئۆستۈرۈلىدىغان يادرولۇق رايون، مەملىكەت بويىچە «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان يېزا ـ بازار.

«بىز <چىلان خاس كىچىك بازىرى> قۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇپ چىقىمىز.» يانتاق يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جوۋ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: يانتاق يېزىسى «چىلان خاس كىچىك بازىرى» قۇرۇشتا كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە پەن تەتقىقات بازىسى ئەۋزەللىكىگە ئىگە، بۇ يىل تۈرلۈك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ناھىيەلىك چىلان كەسپى تەتقىقات ـ ئېچىش مەركىزى ۋە 700 مو «ئاقىل چىلانلىق باغ»نى نۇقتىلىق ياخشى قۇرىمىز.

ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇش يولىدا كۈرەش قىلغۇچىلار ئەڭ گۈزەل.

مۇڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە چارۋىچىلىق ئىلمى دوكتورى ما يۈخۇي يايلاقتا ئاتنى ھەمراھ قىلىپ ئون يىل تۇردى. چارۋىچىلارغا ئىلمىي باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىتىش، ئاتنى ساغلام كۆپەيتىش يېڭى تېمىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئات كېسىلىگە يىراقتىن دىياگنوز قويۇش يان تېلېفون APPسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش... ما يۈخۇي ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، ئىلى ئېتى كۆپەيتىش مەركىزى زامانىۋىلاشقان ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش ۋە ئىلمىي مەشىقلەندۈرۈش بويىچە باھالاش ـ سىناش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. ھازىر ئىلى ئېتىنىڭ جۇغى چوڭايدى، نەسلى تېخىمۇ ئەلالاشتى، ئات يېغى، بوغاز ئات سۈيدۈكى ئانىلىق ھورمۇنى قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بازار تاپتى. ھەر يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئات بەيگىسى، ئات نەسلى كۆرگەزمىسى، چەۋەندازلىق ئويۇنلىرىدا ئىلى ئېتى «چولپان» ھېسابلىنىدۇ. «ياش پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئىلمىي ماقالىنى يايلاقتا يېزىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شەخسىي غايەمنى يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرىمەن» دېدى ما يۈخۇي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.