تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نېمىشقا ئۇنىڭ «دوست»لىرىنىڭ ھەممىسى ئېگىزلىكتىكى ھايۋانلار

كودنى سىكاننېرلاپ سىننى كۆرۈڭ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭ

«مېنىڭ قويلىرىم، كالىلىرىم، تۇرنىلىرىم...» بۇ، شۈ جۈنچۈەننىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزى.

ئەجىبا ئۇ باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ ئىگىسىمۇ؟

ياق، ياق! ئۇ ئېيتقان بۇ ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى ئېگىز «ئالتۇنتاغ»دا ياشايدۇ، ناھايىتى قىممەتلىك، قوي دېگىنى شىزاڭ بۆكىنى، كالا دېگىنى ياۋا قوتاز، تۇرنا دېگىنى قارا بويۇن تۇرنىنى كۆرسىتىدۇ، يەنە يىلپىز، شىزاڭ قۇلىنى، موغا قاتارلىق 200 خىلدىن ئارتۇق ياۋايى ھايۋان بار، ئۇلار دەل بۇ «بايلىق» يوشۇرۇنغان جاينىڭ ئىگىسى.

«ئالتۇنتاغ»نىڭ تولۇق نامى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بولۇپ، «دۇنيادىكى ئاز تېپىلىدىغان ئېگىزلىك تۈر گېنى ئامبىرى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4500 مېتىردىن ئاشىدىغان ئادەمسىز رايوندا، شۈ جۈنچۈەن بۇ ئېگىزلىكتىكى زېرەك ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەمزات دوستلىرىنىڭ بىرى.

37 ياشلىق شۈ جۈنچۈەن مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېگىزلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە تەبىئىي مۇھاپىزەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شۇنداقلا بۇ يەردىكى بىردىنبىر پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كىشى. بۇ يىل ئۇنىڭ بۇ زېرەكچاقلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن 8 - يىلى، ئۇلارنىڭ ھاياتلىق شىفىرى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئېگىزلىك ئېكولوگىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى.

قىش كۈنلىرى، قوغداش رايونىدىكى ئىشەكپاتتى سۇلۇق يېرىدە سوغۇق شامال نەشتەردەك سانجىلاتتى. ياز پەسلىدە ئاياغ بېسىش تەس بولغان سۇلۇق يەرنى شۇ تاپتا قېلىن مۇز تۇتۇپ كەتكەنىدى. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شۈ جۈنچۈەن خىزمەتداشلىرى بىلەن ياۋا قوتازلار زىچ توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان رايونغا كېلىپ، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى كۆزەتتى.

ياۋا قوتاز توپىغا يېقىنلا جايدا، شۈ جۈنچۈەن بىر تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنى كونترول قىلىپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى تاللىدى. كۆپچىلىك ئېكرانغا تىكىلىپ قارىدى، ھوشيار ياۋا قوتاز توپى دەرھال يىراقتىكى قۇمتاغقا قاراپ چاپتى. «ئارىمىزدا توشقان مۈچەللىك بىرەسى يوقتۇ - ھە؟ ناۋادا مۈچەل يىلىدا قىزىل رەڭلىك نەرسە كىيىۋالغان بولساڭلار، بىردەمدىن كېيىن قوتازلار قوغلاپ كەلسە، مەن بىلەن بىر يۆنىلىشكە قاراپ يۈگۈرمەڭلار - ھە!» دېدى شۈ جۈنچۈەن تەمكىن ھالدا، ئەسلىدىكى جىددىي كەيپىيات بىردەمدىلا پەسەيدى.

شۈ جۈنچۈەن ياداڭغۇ، چىرايى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن بولۇپ، گەپ قىلمىغاندا سۈرلۈك كۆرۈنەتتى، گەپ قىلسىلا قىزىقچىلىق قىلىپ ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈۋېتەتتى. ئېگىزلىكتە نۆۋەتچىلىك قىلغاندا، خىزمەتداشلىرىنىڭ ھەممىسى شۈ جۈنچۈەن بىلەن بىللە ئىشلەشنى ياخشى كۆرەتتى.

2016 - يىلى قوغداش رايونىغا يېڭى كەلگەندە، شۈ جۈنچۈەن ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قوغداش رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر خەرىتىسى، قوغداش رايونىنىڭ يەر شەكلى، يەر تۈزۈلۈشى، ئاساسلىق تۈرلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ چىقتى، ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىر پارچە خەرىتە شەكىللەندى.

قوغداش رايونىغا خىزمەت قىلغىلى كەلگەن ياشلار دەسلەپكى ئىككى - ئۈچ يىلدا ھايۋانلارنى كۆزىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، كېيىن ئاستا - ئاستا بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالىدۇ، لېكىن شۈ جۈنچۈەن ئۇنداق قىلمىدى.

2018 - يىلىدىن باشلاپ، شۈ جۈنچۈەن قوغداش رايونىغا ھايۋانلارنى كۆزىتىشكە كەلگەن مۇتەخەسسىس ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا ئەگىشىپ، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات ئورنىتىشنى ئۆگىنىپ، يىلپىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى چىمەنتاغ تېغى لىنىيەسىدە چوقۇم تارقىلىپ يۈرگەن يىلپىز بار، دەپ قارىدى.

شۈ جۈنچۈەن كۈندىلىك چارلاش - قوغداشتا، قانۇنسىز قازغۇچىلار ۋە كېسىپ ئۆتكەنلەرنى بايقىغاندىن باشقا، چىمەنتاغ جيۇۋداۋگوۋدىكى تاغ جىلغىسىغا ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات ئورناتتى. ئىككى ئاي بولمايلا، ئۇ فوتو ئاپپاراتنى يىغىشتۇرغىلى بارغاندا، فوتو ئاپپاراتنىڭ بىر گۈللۈك قۇيرۇقنى سۈرەتكە تارتىۋالغانلىقىنى بايقىدى، «يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتەيلا دەپ قالدى، مەن بۇنچە تەلەيلىك ئەمەستۇرمەن، تۇنجى قېتىم فوتو ئاپپارات ئورنىتىپلا يىلپىزنى سۈرەتكە تارتىۋالغان ئوخشىمامدىمەن؟» ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئىنچىكە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق سۈرەتتىكىسى مولۇننىڭ قۇيرۇقى ئىكەنلىكىنى بىلدىم، ئارتۇقچە ھاياجانلىنىپ كېتىپتىمەن.

شۈ جۈنچۈەن نۇرغۇن چارۋىچىنى زىيارەت قىلدى، چارۋىچىلار قەيەردە يىلپىز كۆرگەنلىكىنى ئېيتسا، ئۇ فوتو ئاپپاراتنى شۇ يەرگە ئورناتتى. بىر يىلغا يېقىن ساقلىغاندىن كېيىن، 2019 - يىلى 8 - ئايدا، شۈ جۈنچۈەن ئاخىر ئارقا پۇتى بىلەن ئورەك كولاۋاتقان قۇرامىغا يەتكەن بىر يىلپىزنى ئېنىق سۈرەتكە تارتىۋالدى، بۇ، قوغداش رايونى قۇرۇلغان 36 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يىلپىزنى سۈرەتكە تارتىۋېلىش ئىدى. يىلپىز ئېگىزلىك ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇھىم تۈر بولۇپ، بۇ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەل ۋە ساغلام ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

يىلپىزنى بايقاش شۈ جۈنچۈەننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى كۆزىتىش ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى. ناھايىتى تېزلا، ئۇ ئەمدى ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتتا سۈرەتكە تارتىش بىلەنلا قانائەتلەنمەي، مىكرو تىپتىكى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەپ ئىز قوغلىغۇچنى قارا بويۇن تۇرنىنىڭ بەدىنىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، قارا بويۇن تۇرنىنىڭ كۆچۈش لىنىيەسىنى ئېنىقلىماقچى بولدى.

يېتىلگەن قارا بويۇن تۇرنا زېرەك، تۇتۇش ئىنتايىن تەس بولۇپ، ئىز قوغلىغۇچنى پەقەت قانات - قۇيرۇقى تولۇق يېتىلمىگەن كىچىك قارا بويۇن تۇرنىنىڭ بەدىنىگىلا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولاتتى. 2021 - يىلى 8 - ئايدا، بېيجىڭ ئورمانچىلىق داشۆسىنىڭ ئاسپىرانتلىرى قارا بويۇن تۇرنىنىڭ كۆچۈش لىنىيەسىنى تەكشۈرگىلى كەلدى، شۈ جۈنچۈەن ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ سازلىقتا يېرىم ئاي يۈردى، قارا بويۇن تۇرنا ياخشى كۆرىدىغان بەرەڭگى ياپراقچىسىنى تاشلاپ قاپقان قويدى، كىچىك قارا بويۇن تۇرنىنىڭ چوڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ تەمتىرەپ قالدى.

«پەن تەتقىقات خىراجىتى چەكلىك، تۇرنا تۇتالمىساق، بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىمىز.» شۈ جۈنچۈەن مۇنداق دېدى: يېرىم ئايدا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى، ئىلمىي تەكشۈرۈشكە قاتناشقان مۇھاپىزەت رايونىدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە بېيجىڭدىن كەلگەن ئاسپىرانتلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندى، مەن كۆپچىلىكنى بىر يەرگە يىغىپ، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ چىمەنتاغ يېزىسىدا «كاتتا زىياپەت» بېرىپ، ئۇلارنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، تۇرنا تۇتۇشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتىم.

2 - كۈنى چۈشتە، كۆپچىلىك ئۇزۇن سولياۋ تۇرۇبا ئىشلىتىپ يول تەكشۈرۈش ئوسۇلىنى ئويلاپ تاپتى، ئۇلار سۇلۇق يەر مەركىزىگە ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كىردى. ئاخىر، كىچىك تۇرنىدىن بىرنى ئەمەس ئىككىنى تۇتۇۋالدى. ئۇلار كىچىك تۇرنىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ، بەلگە ھالقىسى ۋە ئىز قوغلىغۇچنى تۇرنىلارنىڭ پۇت بوغۇمىغا مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاندىن ئۇلارنى ئاۋۋالقى سۇ رايونىغا قويۇپ بېرىپ، ھەممە ئىشنى بىر يولدىلا پۈتتۈردى!

بۇ، ئالتۇنتاغ مۇھاپىزەت رايونىدا قارا بويۇن تۇرنىغا تۇنجى قېتىم سۈنئىي ھەمراھ ئىز قوغلىغۇچنى تاقاش بولۇپ، ئىز قوغلىغۇچ قايتۇرغان سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق، تۇنجى قېتىم مۇھاپىزەت رايونىدىكى قارا بويۇن تۇرنىلارنىڭ كۆچۈش لىنىيەسى ئېنىقلاندى، شۇنداقلا بۇ بىر يېڭى كۆچۈش لىنىيەسى دەپ بېكىتىلدى. «شۈ مۇئەللىم ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە ئىنتايىن قىزىقىدىكەن، ئۇ ئىزچىل ئۆگىنىپ، ئىزچىل تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، كىشىنى تولىمۇ قايىل قىلىدۇ» دېدى بېيجىڭ ئورمانچىلىق داشۆسى تۇرنا تۈرى تەتقىقات كوللېكتىپى شىنجاڭ تۈرىنىڭ مەسئۇلى چېن جياجيا.

ئېگىزلىكتىكى تۇرمۇش جاپالىق بولۇپ، شۈ جۈنچۈەن چارلاپ قوغداش ۋە پەن تەتقىقات يولىدا قاتمۇقات خېيىم - خەتەرلەرگە دۇچ كەلدى، ئاپتوموبىلى مۇز ئازگالغا چۈشۈپ كەتتى، قوڭۇر ئېيىق قوغلاپ كەتتى، ئۇ يەنە كۆپ قېتىم كېچىدە يول يۈرۈپ ئېگىزلىك رېئاكسىيەسى كۆرۈلگەن خىزمەتداشلىرىنى تاغدىن چۈشۈرۈپ قويدى، نۇرغۇن قېتىم ئۆلۈم گىردابىدىن قايتىپ كەلدى. خوتۇنى بىلەن جەم بولىدىغان ۋاقتى ئاز، ئايرىلىپ تۇرىدىغان ۋاقتى كۆپ بولۇش شۈ جۈنچۈەننىڭ كۆڭلىنى ئەڭ يېرىم قىلاتتى. ئۇمۇ ئىلگىرى ياش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، شەھەردىكى مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىشنى ئويلىغان. لېكىن 2022 - يىلى 4 - ئايدا، دۆلەت باغچىسى باشقۇرۇش ئىدارىسى كوئېنلۇن تېغى دۆلەت باغچىسىنى بەرپا قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەستىقىي جاۋاب بېرىپ قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا يېڭى ئۈمىد تۇغۇلدى: «ئەمەلىيەتتە مەن بۇ ياۋا <دوست>لىرىمدىن ئايرىلالمايمەن، ئۇلارنى ئىزچىل چىڭ ساقلىسام، گۇۋاھ بولسام دەيمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.