تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالتە چوڭ قۇرۇلۇش شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ 200 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش نىشانىغا قاراپ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، جاڭ شياۋمىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىللىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، شىنجاڭ شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، نادىر ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بەرپا قىلىش، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش، كەسىپ ھالىتى مەھسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈش، بازار باشقۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ماركېتىڭ تەشۋىقاتى ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئالتە چوڭ قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، 200 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش نىشانىنى تىرىشىپ تاماملايدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي يۇرتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۇيجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما تۈرلىرى، ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش؛ «ناخشا ساداسىغا ئەگىشىپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» «داڭلىق رەسىملەردىن ھۇزۇرلىنىپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» «مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» قاتارلىق باش تېما پائالىيەتلىرىنى پىلانلاپ ئۆتكۈزۈش؛ ساياھەت ئويۇنى قويۇشنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئېچىشنى كۈچەيتىش؛ نۇقتىلىق مەنزىرە رايونى، باش تېمىلىق باغچە، ئىستىراھەت كوچىسى، خاس كەچلىك بازار قاتارلىقلارغا تايىنىپ خاس مەدەنىيەت - ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىستېمال بېلىتى، كىرىش بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىستېمالنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش.

نادىر ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك سېلىنما تۈرلىرىنى ئىلتىماس قىلىش، زاپاس ساقلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ يولغا قويۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش؛ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونىدا دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشىنى قوللاپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنى، مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق ماركىلارنى پائال بەرپا قىلىش؛ 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بايلىق زاپىسىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنى باھالاش؛ تۇنجى تۈركۈمدىكى دەرىجىلىك ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى باھالاپ بېكىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم دەرىجىلىك ئائىلىۋى مېھمانخانا ۋە ئۆزى ھەيدىگەن ئاپتوموبىل، تۇرالغۇ ئاپتوموبىل لاگېرى بەرپا قىلىش؛ داڭلىق ماركىلارنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باھالاپ بېكىتىش، قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش.

كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشتا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت باشلامچى كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا يۆلەك بولۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ شىنجاڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپ يېتىلدۈرۈش باغچىسى بەرپا قىلىش؛ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىگە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت سۇپىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ كەسىپ تۈرى مۇلازىمەت سۇپىسى نادىر تۈرلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت - ساياھەت تۈرلىرىنى كىرگۈزۈش كېرەك.

بۇ يىل، شىنجاڭ يەنە كەسىپ ھالىتى مەھسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، قار - مۇز ساياھىتى، قىزىل ساياھەت، قۇملۇق ساياھىتى قاتارلىق جەھەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تەتقىقات - ئوقۇتۇش ساياھىتى، دالىدا قونۇش ساياھىتى، ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى، كۈتۈنۈش ساياھىتى، سانائەت ساياھىتى، تۆۋەن بوشلۇق ساياھىتى، ئۆرپ - ئادەت، مەدەنىيەت ساياھىتى قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، بىر تۈركۈم سەرخىل لىنىيەلەرنى بەرپا قىلىدۇ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ. ساياھەت - مېھمانخانا كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بىر تۈركۈم يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانساراي، ساياھەت ئاشخانىسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئېسىل ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنى يېتىشتۈرىدۇ؛ بازار باشقۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، «كۈلۈمسىرىگەن شىنجاڭ» مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بازار تەرتىپىنى مەخسۇس تۈزەشنى كۈچەيتىدۇ ھەم ساياھەتچىلەرنى قايتا زىيارەت قىلىش مېخانىزمى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئەرزىنى تېز بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ؛ ماركېتىڭ تەشۋىقاتى ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، «قار - مۇز گۈزەللىكى شىنجاڭدا» «قىشتا شىنجاڭغا كېلىپ قار تېيىلىش» «دۆلەت يولى . G219 قىزىل سەپىرى» قاتارلىق داڭلىق ماركىلارنى يارىتىپ، قار - مۇز ساياھىتىدىكى «كوزىر مەھسۇلات» ۋە خاس تۈرلەرنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ساياھەت كۈنى، ئالاھىدە ساياھەت بايرىمى قاتارلىق داڭلىق ماركا پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە، «مىليون گۇاڭدۇڭلۇق شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» «مەن جېجياڭ - شىنجاڭنى سۆيىمەن» قاتارلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى پائال كېڭەيتىپ، ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىشنى تېزلىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.