تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ 1 - ئايدىكى يۈك توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.7 ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەننىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى مۇلازىمەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ توشۇش كۈچىگە كاپالەتلىك قىلغان، يۈك توشۇش مىقدارى 18 مىليون 905 مىڭ 700 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.7 ئېشىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئالغان.

بۇ يىلقى باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشتا، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى يولۇچىلار ئېقىمى ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىپ، يولۇچى، يۈك تىرانسپورتى گىرەلىشىپ كەتتى. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى كۆمۈر، خىمىيەۋى ئوغۇت، مېتال رۇدىسى، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق ماللارنى توشۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ماركېتىڭ مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توشۇشنى تەشكىللەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىسسىنىش ۋە كارخانىلارنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قاندۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىغا كېرەكلىك ماددىي ئەشيالارنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.

جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ئاقسۇ ۋوگزالىنىڭ يۈك مەيدانىدا، يۆتكەش - توشۇش ماشىنىلىرى ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، خالتا - خالتا خىمىيەۋى ئوغۇتلار تېز سۈرئەتتە ۋاگوندىن چۈشۈرۈلۈۋاتاتتى، يۈك توشۇغىلى كەلگەن ئاپتوموبىللارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. «بىز مۇھىم خېرىدارلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ماسلاشتۇرۇپ، باھار بايرىمىدىن بۇرۇنقى، باھار بايرىمى جەريانىدا، باھار بايرىمىدىن كېيىنكى ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتىكى توشۇش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ۋاگونغا قاچىلاش، ئەۋەتىشنى تەكشى تەشكىللەپ، دەم ئېلىشنىڭ تىرانسپورت ئىشلەپچىقىرىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئازايتىپ، توشۇش مىقدارىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق» دەپ تونۇشتۇردى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يۈك تىرانسپورت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شىڭ.

يىلنىڭ ئىشى باھاردىن باشلىنىدۇ، تۆمۈريول يۈك تىرانسپورت تارماقلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىپ، خېرىدارلار بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئادەم كۈچى، قاچىلاش - چۈشۈرۈش ماشىنا - سايمانلىرىنى يېتەرلىك، تولۇق سەپلەپ، قىسقا ئارىلىقتا توشۇيدىغان ئاپتوموبىللىرىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، ۋاگوندىن يۈك چۈشۈرۈشنى تېز سۈرئەتتە تەشكىللەپ، توشۇشنى تەشكىللەپ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇردى. 1 - ئايدا شىنجاڭ تۆمۈريولىدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 11 مىڭ 879 ۋاگون يۈك قاچىلىنىپ، يەككە كۈندە ۋاگونغا 11 قېتىم يۈك قاچىلاشتەك يېڭى رېكورت يارىتىلدى، 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى يەككە كۈندە 12 مىڭ 226 ۋاگون يۈك قاچىلىنىپ، ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنى توشۇشقا تەشكىللەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، بېلەت تەرجىمە قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلات ھالقىلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، بېلەت چىقىرىپ يەتكۈزۈش ھەم ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، ۋاگون ئوبوروتى ۋە بوش ۋاگونلارنى سەپلەپ ئىشلىتىشنى تېزلىتىپ، نۆۋەتچى پويىزلارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.