تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلار تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، تىرىشىپ ئىشنى ياخشى باشلىدى

ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇش زاكازنى قولغا كەلتۈرۈش بازار ئېچىش

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلار تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، تىرىشىپ ئىشنى ياخشى باشلىدى

1 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، خىزمەتچىلەر يىپ ئېگىرىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا. باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كورلا شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ تەيچاڭ ئوقەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ زاكازلارنى ئۈلگۈرتتى، ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى. □ چۆ . خۇرە فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇش، زاكازنى قولغا كەلتۈرۈش، بازار ئېچىش... باھار بايرىمى كەيپىياتى تۈگىمەي تۇرۇپلا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن 1 ـ پەسىلدە «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى قولغا كەلتۈرۈش غەيرىتى ئېشىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىشىدا، باشلاشنىڭ ئۆزى ھەل قىلغۇچ جەڭ، قەدەم ئېلىشنىڭ ئۆزى ئاتاكىغا ئۆتۈش دەيدىغان غەيرەت بىلەن، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئالغا بېسىشتىن ئىبارەت باھار سىمفونىيەسىنى ئورتاق ياڭراتتى.

ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىدە پۈتۈن كۈچ تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

1 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيەسى فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى پولىۋىنىل خىلورىد سېخىنىڭ ئوراش ـ قاچىلاش زاۋۇت ئۆيىدە زەنجىر تاپان ئۇچقاندەك ئايلىنىپ، خالتا ـ خالتىلارغا قاچىلانغان پولىۋىنىل خىلورىد سىمولاسى يەتكۈزۈش تاسمىسى ئارقىلىق تەگلىككە ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلدى، ماشىنا بىلەك يۇقىرى ـ تۆۋەن توختىماي ھەرىكەت قىلىپ، تەييار مەھسۇلاتلارنى رەتلىك تىزدى، ئارقىدىن يۈك يۆتكەش ـ توشۇش ماشىنىسى ئارقىلىق ئەشيا ئوبوروت يۈك ئاپتوموبىلىغا توشۇلدى.

«يېڭىلا ئوچاقتىن چىققان» بۇ بىر تۈركۈم مەھسۇلات ناھايىتى تېزلا كەسىپ زەنجىرىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

«بۇلتۇر شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى بولدى، كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىز نەتىجىگە ئېرىشىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئىلھاملاندى. ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى غەيرەتكە كېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، يىلنىڭ تۇنجى ئېيىدا تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلىدى.» فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ كاندىدات ئالىي ئىنژېنېرى، خىلور ـ ئىشقار زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى ۋاڭ جېنفاڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ھەرقايسى سېخلار نىشان ـ ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تولۇق ئايلاندۇرماقتا، ھەر كۈنى پولىۋىنىل خىلورىدتىن 2500 توننا، سۇيۇق ئىشقاردىن 1500 توننا ئىشلەپچىقىرالايدۇ.

ئوخشاش بىر كۈندە، شىنجاڭ يىندولەن دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ دورا ياساش 2 ـ سېخىدا، مەملىكەت بويىچە ئۆزىگە خاس مەھسۇلات − مۇرەككەپ رېتسېپلىق يېزىخو ئەمىنى دانچە دورىسى ئىشلەپچىقىرىلماقتا ئىدى.

«باھار بايرىملىق دەم ئېلىش ئاخىرلىشىشى بىلەنلا، شىركىتىمىزنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى تېز سۈرئەتتە خىزمەت ھالىتىگە قايتتى، ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا كىرىشىپ، مۇرەككەپ رېتسېپلىق يېزىخو ئەمىنى دانچە دورىسى، زۇكام جەۋھىرى قاتارلىق دورىلارنى كۈنىگە 80 مىڭ قاپ ئەتراپىدا ئىشلەپچىقىرىپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى» دېدى شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل مۇئاۋىن دىرېكتورى موۋ شيۇمېي.

باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئاراتۆرۈك گۇاڭخۇي كانچىلىق چەكلىك شىركىتى بەيشىخۇ كۆمۈر كانىنىڭ پويىزغا تېز قاچىلاش لىنىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يۈك ساندۇقىدا كۆمۈر توشۇش مەخسۇس پويىزى مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتناپ، يېڭى يىلدا يېڭى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

1 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، بۇ شىركەتنىڭ بەيشىخۇ كۆمۈر كانى نەق مەيدانىدا، تاسمىنىڭ ئايلانغان ئاۋازى، يۈك پويىزىنىڭ گۈدۈك ئاۋازى ئۈزۈلمەي ياڭراپ تۇراتتى. نومنىڭ سوغۇق شامىلىدا، نەق مەيداندىكى خادىملارنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقى سۇسلاشمىدى، ئۇلار پويىزغا قاچىلاش مەشغۇلاتى، بېسىپ چىڭىتىش مەشغۇلاتى بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلماقتا ئىدى.

ئاراتۆرۈك گۇاڭخۇي كانچىلىق چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جياڭ دېيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر دەل شىنجاڭنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى ھەرقايسى چوڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى ۋە پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ كۆمۈر ئىشلىتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلى، بىز پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىدا ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

ئېنېرگىيە تېجەپ، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئۈنۈم ئاشۇرۇلدى

1 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى زاۋۇت رايونىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولغانىدى.

«تۇنجى پەسىللىك نىشان ـ ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشۇپ، تۇنجى ئايدا تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلىدۇق.» شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ما جىنرۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى دەل جايىدا باشقۇرۇش ـ كونترول قىلىش ئارقىلىق، سۈپەتنى تۇتۇش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇردۇق، بۇ يىلدىن بۇيان، شىركەتنىڭ مېتانول، LNG (سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز)، BDO(4،1- بۇتىل گىلىكول) مەھسۇلات مىقدارى پۇختا ئاشتى.

«تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»قا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، خىزمەتلەرنى ئەلالاشتۇرۇشقا ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىشقا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى «ئېلېكتىرولىزلىق توك سەرپىياتى» «ھەقنى ئېنىقلاش ـ تەكشۈرۈش» كۆرسەتكۈچىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خىلور ـ ئىشقار ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلەپچىقىرىش ـ تىجارەتنى زىچ چۆرىدەپ، مەھسۇلات، تەمىنلەش، سېتىشتىن ئىبارەت پۈتۈن جەرياننى ماس ئەلالاشتۇردى.

«بىز ئىشلەپچىقىرىش، كۈندە بازارنى ئىز قوغلاپ كۆزىتىش، ھەپتىدە تەھلىل قىلىش، ئايدا دوكلات قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ـ تىجارەتكە دائىر تەدبىر بەلگىلەشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدۇق.» ۋاڭ جېنفاڭ مۇنداق دېدى: كۆپ تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۈنۈم يارىتىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇردۇق، نۆۋەتتە، فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ 1 ـ ئايدىكى تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرى سىجىل مۇقىم ياخشىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى كونترول قىلىش ئەھۋالى ياخشى بولدى.

ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشتا، ئوغۇتنى ئالدىن ھەل قىلىش كېرەك. ئەتىياز پەسلىدىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، رايون ئىچىدىكى چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمەت كاپالىتى كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى گۇرۇھى جۇڭجياڭ ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىپ، يەرلىكتىكى خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، تېرىلغۇ ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش ـ سېتىش كارخانىلىرى ئۈچۈن ئەتىيازلىق ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

«ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا، بىز خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلىتىشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە توشۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈشتىكى ھەرقايسى ھالقا، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاپتوموبىللىرىنى يېتەرلىك تەڭشەپ، ماددىي ئەشيالارنى يىغىنچاق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەنزىلگە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى جۇڭجياڭ ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى گوۋ شياۋجۈن تونۇشتۇرۇپ.

چوڭقۇر بولۇش كۆزلىنىپ، يىراق كەلگۈسى كۆزلىنىپ، يەنە بىر بالداق يۇقىرى ئۆرلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

«بىزنىڭ 2023 ـ يىلىغا بولغان ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى.» شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە قاراشلىق شىنجاڭ خاۋزى چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىشقا مەسئۇل مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جىن شىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىلدىن بۇيان، شىركىتىمىزنىڭ زاكازلىرى يېتەرلىك بولۇپ، ساپ سۈتنىڭ مەھسۇلات قىممىتى %15 ئاشتى.

خاۋزى چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتى ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش مەيدانىدىكى 80 ئېغىر تىپتىكى ئايلانما تاختىلىق سۈت سېغىش سۇپىسى ئالدىدا، سۈت كالىلىرى قاتار تىزىلىپ سۈت سېغىش سۇپىسىغا چىقتى، ئايلانما تاختىنىڭ ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ سۈت سېغىش تاماملاندى.

خاۋزى چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتى سۈت سېغىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لىن جيەنلۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2023 ـ يىلى شىركىتىمىز ئاۋسترالىيەدىن ئەلا نەسىللىك سۈت كالىسىدىن 1000نى ئىمپورت قىلدى، بۇ يىل 8 ـ ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش مەيدانىنىڭ شۇ چاغدىكى سۈت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %25 ئېشىشى مۆلچەرلەندى.

«نۆۋەتتە، شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئومۇمىي سېلىنمىسى 1 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولغان 1 ـ قارارلىق يىلىغا 40 مىڭ توننا پولى فورمالىن يېڭى ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن تاماملىنىش دەرىجىسى %99كە يەتتى، بۇ يىل 4 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرا مەزگىللىك قۇرۇلۇش تاپشۇرۇلۇپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش پىلانلاندى.» ئوخشاشلا 2023 ـ يىلىغا قارىتا تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە تولغانلاردىن يەنە شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە قاراشلىق يېڭى ماتېرىيال شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى رۇي شېڭبومۇ بار، «بۇ تۈر پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، غەربىي شىمال رايونىدىكى پولى فورمالىن مەھسۇلات بوشلۇقى تولدۇرۇلىدۇ، ھەممىسى مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يەتكەندىن كېيىن، يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 600 مىليون يۈەنگە يېتىدىغانلىقى، ساپ پايدىنىڭ 200 مىليون يۈەنگە يېتىدىغانلىقى، 200دىن ئارتۇق ئىش ئورنى ياراتقىلى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى».

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى جىنفۇ ئالاھىدە يىپ ئېگىرىش چەكلىك شىركىتىدە ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى تېز سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتاتتى. شىركەت 3 ـ سېخىنىڭ مۇدىرى جاڭ پېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: مەھسۇلات مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىركىتىمىز تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ مەشغۇلات سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى؛ ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلىش سېخى بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، «ھازىر، كۆپچىلىك 1 ـ پەسىلدە تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىشقا نىسبەتەن قەتئىي ئىشەنچكە تولدى».

ھازىر، يىندولەن دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىۋېلىش ـ تەمىنلەش، ئۈسكۈنە ـ ئېنېرگىيە، سۈپەت تەكشۈرۈش قاتارلىق ھەرقايسى تارماقلىرىمۇ تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئەڭ زور چەكتە قويۇپ بەردى. بۇ يىل، بۇ شىركەت نەپەس يولى، ئاشقازان ـ ئۈچەي كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان ۋە شۇ ساھەدە ئىشلىتىلىدىغان ئالتە يېڭى دورىنى كىلىنىكىلىق تەتقىق قىلىشنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرىدۇ.

كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ھۆكۈمەت پۈتۈن كۈچ بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارمۇ ئالاقىدار يىغىنلارنى ئېچىپ، زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئۇدۇللاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بالدۇر باشلاش، بالدۇر ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.