تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بېلگىيەلىك تاغا شىنجاڭدا ئىككى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى

سىكاننېرلاپ سىننى كۆرۈڭ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىمىڭ

«ئالى، باھار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، بايرىمىڭىزنى تەبرىكلەيمەن. بۇ يىل ئالدىراش بولۇپ قايتالمىدىم، ۋاقتىڭىز چىقسا يېنىمغا كېلىپ، كالىلىرىمنى كۆرۈپ بېقىڭ ...» 1 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، باھار بايرىمىنىڭ 1 ـ كۈنى ئەتىگەندە، دەننى شىخەنزىدىكى دوستىغا باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى. بۇ يىل باھار بايرىمىدا، دەننى يەم ـ خەشەك زاۋۇتى ۋە باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا ئارالدا قېلىپ بايرام ئۆتكۈزدى، «تۈنۈگۈن خىزمەتچىلەر بىلەن ھارپا كېچىلىك تامىقى يېدۇق، باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنى كۆردۇق، بەك قىزىپ كەتتى».

بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن دېكومبېل دەننى كامىئېل بېلگىيەدىن كەلگەن بولۇپ، ئۆتكەن 35 يىلدا ئىزچىل جۇڭگودا ياشاپ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 18 يىلنى شىنجاڭدا ئۆتكۈزدى. دەننى شىنجاڭدا ئىككى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى: شورلاشقان تۇپراقنى ياخشىلايدىغان كۈچلۈك كىسلاتالىق سۇدا ئېرىشچان ئوغۇتنى تەتقىق قىلدى ھەم جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ بازارلىرىدا ئومۇملاشتۇردى؛ بېلگىيە لەننيۇ كالىسىنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈپ، نەسلىنى ياخشىلاپ، باقمىچىلارغا تېخىمۇ يۇقىرى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى.

«شىنجاڭدا ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇردۇم، دۇنيادا ماڭا بۇ ئىككى ئىشنى تاماملاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرەلەيدىغان ئىككىنچى جاي يوق» دېدى دەننى.

دەننى رىشتىسىنىڭ شىنجاڭغا باغلىنىپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

35 يىل ئىلگىرى، بىلگىيە گېنت داشۆسىنىڭ چارۋىچىلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن دەننى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن شېنجېنغا كېلىپ يەم ـ خەشەك تەركىبىنى خىمىيەلىك ئۇسۇلدا تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. كېيىن ئۇ گۇاڭدۇڭ جەنجياڭدىكى سۇدا ئېرىيدىغان ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر كارخانىدا تاكى 2005 ـ يىلىغىچە ئىشلىدى. شۇ يىلى، شىركەت خىمىيەۋى ئوغۇت كەسپىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىدى، بۇنىڭ بىلەن، سۇدا ئېرىيدىغان ئوغۇت ساھەسىدە ئىزچىل چوڭقۇر ئىزدىنىپ كەلگەن ئۇ ئىشسىز قالدى.

بېلگىيەگە قايتىش كېرەكمۇ ياكى جۇڭگودا يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزدەش كېرەكمۇ؟ بىرمەھەل ئويلانغاندىن كېيىن دەننى كېيىنكىسىنى تاللىدى: شىنجاڭغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەپ، سۇدا ئېرىشچان خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش كېرەك.

نېمە ئۈچۈن شىنجاڭنى تاللىدىڭىز؟ «بېلگىيە ھەتتا ياۋروپانىڭ يەر كۆلىمى ئىنتايىن چەكلىك، تەرەققىيات پۇرسىتى ئاز، لېكىن شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا، خېرىدارىم ماڭا شىنجاڭدا سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىۋاتقانلىقىنى، ئوغۇتنىڭ سۇغا ئەگىشىپ ماڭىدىغانلىقىنى، تېمىتىپ سۇغىرىش كۆلىمى قانچە چوڭ بولسا، سۇدا ئېرىشچان خىمىيەۋى ئوغۇت بازىرىنىڭ شۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى». دەننى شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە بولغان جەلپ قىلىش كۈچىنى تەپسىلىي ئېيتىپ بەردى.

2005 ـ يىلى، دەننى نەزەرىنى شىخەنزە شەھىرىگە قاراتتى، بازار ئىستىقبالى كەڭ، كۆڭلىگە ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى پۈككەن بولسىمۇ، لېكىن تۇنجى قېتىم ياقا يۇرتتا ئىگىلىك تىكلىگەن دەننى باش قېتىنچىلىقىغا دۇچ كەلدى، ئىشنى نەدىن باشلاش كېرەك؟

«ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يەر ئىزدەشتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى ئۆتكەل بەك تەس كەلدى. مەن بۇ يەرنى پىششىق بىلمەيمەن، مېھمانسارايدا نۇرغۇن كۈن تۇردۇم، ناھايىتى ئالدىراش يۈردۈم، لېكىن ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى» دېدى دەننى.

شىخەنزىلىك ياڭ كېشىن بىلەن ئالى نۇرماننىڭ پەيدا بولۇشى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتتى.

ياڭ كېشىن مېھمانسارايدا «كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان» بۇ چەت ئەللىكنى ئۇچرىتىپ قالدى. «ئۇ چاغدا شىخەنزىدە چەت ئەللىكلەر ناھايىتى ئاز ئىدى، مەن ئېنگلىز تىلىنى يامان ئەمەس بىلەتتىم، ئۇنى ئۇچراتقاندىن كېيىن قىزىقىپ، ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئىككى ئېغىز پاراڭلاشتىم» دېدى ياڭ كېشىن.

بۇ بىر قېتىملىق پاراڭلىشىشتا، ئىككىيلەننىڭ ئوي ـ پىكرى بىر يەردىن چىقتى.

دېھقانچىلىق ئىلمىنى ئۆگەنگەن ياڭ كېشىن دەننىنىڭ سۇدا ئېرىيدىغان ئوغۇتىغا ئىنتايىن قىزىقتى. «دەننى ناھايىتى سەمىمىي بولۇپ، سۇدا ئېرىيدىغان ئوغۇتنى تونۇشتۇرغاندا بىر تەرەپتىن سۆزلەپ، بىر تەرەپتىن قول ئىشارىسى قىلدى، كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇراتتى، قىيىنچىلىق ئۈستىدە توختالغاندىمۇ كۈلۈپ تۇراتتى، مېنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلغۇم كەلدى». تۇنجى كۆرۈشكەن چاغدىكى مەنزىرە ياڭ كېشىننىڭ ھېلىمۇ يادىدا ئىدى.

ياڭ كېشىن يېقىن دوستى ئالىنى دەننىغا تونۇشتۇرۇپ قويدى، دەننىنىڭ كەسىپكە بولغان قىزغىنلىقىمۇ ئالىنى تەسىرلەندۈردى.

«مەھسۇلاتنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ تەرجىمان بولدۇم». ئالىنىڭ ئەسلىشىچە، ئېتىز ـ ئېرىق باشلىرىدا دېھقانلار بىلەن پاراڭلىشىپ ھاياجانلانغان دەننى دائىم ئېتىز ئارىسىغا كىرىپ، لاي يەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئەۋرىشكە ئېلىپ، يول بويىدىلا تەجرىبە ئىشلەيدىكەن. «ئۇ سىرتتا ئىگىلىك تىكلەشتە نۇرغۇن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن قىزغىنلىقى يەنىلا يۇقىرى ئىدى، مەن ئۇنىڭغا بەك قايىل» دېدى ئالى.

كېيىنكى بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، ياڭ كېشىن بىلەن ئالىنىڭ قايسىسىنىڭ ۋاقتى بولسا دەننىغا ھەمراھ بولۇپ يەر ئىزدىدى ھەم ھەر تەرەپتە مەھسۇلاتىنى كېڭەيتتى. شىخەنزە شەھەر رايونىدىن ئەتراپتىكى تۇەن ـ مەيدانلارغىچە، ئەڭ ئاخىرىدا ئايلىنىپ يەنە ساۋەنگە بارغۇچە، ئىككىيلەن دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ ھەممىسىنى دەننى ئۈچۈن سەرپ قىلدى. «ھېلىمۇ ياخشى مۇۋاپىق يەر تاپتۇق، ئۇ يەر تاشيولغا يېقىن بولۇپ، مەھسۇلاتنى توشۇشقا قولايلىق ئىدى» دېدى ئالى.

تىل جەھەتتە توسالغۇغا ئۇچرىغاچقا، دەننى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتى ۋە ئالاقىدار سىياسەتلەر ھەم بېجىرىش تەرتىپىنى ئېنىق بىلمەيتتى، شۇڭا ياڭ كېشىن ۋە ئالى دەننىنى باشلاپ بىر ـ بىرلەپ بېجىردى.

بىر قېتىم ئۈچەيلەن چۆچەككە رەسمىيەت بېجىرگىلى بارغاندا، يولدا تېمپېراتۇرا بىردىنلا تۆۋەنلەپ، ئاپتوموبىلدا پار ئىسسىمىدى، ئۈچەيلەن توڭلاپ كېتىپ يوتقانغا ئورۇنىۋالغان بولسىمۇ ئاغرىنمىدى. «مەن ئۇلارنىڭ جىسمىدىن شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىن ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان پەزىلىتىنى كۆردۈم. ئۇلار ماڭا ياردەم قىلمىغان بولسا، مەن نۇرغۇن ئارتۇقچە يوللارنى ماڭغان بولاتتىم» دېدى دەننى.

ياخشى دوستلىرىنىڭ ياردىمىدە، 2006 ـ يىلى دەننى ساۋەندە ئۆزىگە تەۋە تۇنجى ئوغۇت زاۋۇتىنى قۇردى. بۇ، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئىدى. ئۈچەيلەننىڭ مېھرىمۇ ئالاقە جەريانىدا ئاستا ـ ئاستا كۈچەيدى.

«ئۇ چاغدا ھەر قېتىمقى ھېيت ـ بايرامدا مەن ئۇنى ئۆيگە چاقىراتتىم. ئۇ قىزىل ھاراق ئىچىشنى ياقتۇراتتى، بىزنىڭ ئاق ھاراق ئىچكىنىمىزنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئىچىشنى ئۆگەندى، ھازىر ئۇ ئاق ھاراقنى شىنجاڭلىقلارغا خاس مەردانىلىك بىلەن ئىچىدىغان بولۇپ كەتتى. ئۇ سۇدا پىشۇرۇلغان گۆش يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، خوگو يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بايرامدا ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە مۇبارەكلەپ كېلىدۇ...» ئالى دەننىنىڭ قىزىقىشلىرىنى بىراقلا ئېيتىپ بەردى.

شىنجاڭ دەننىنى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەھنىسى بىلەن تەمىنلىدى، ئىگىلىك تىكلەش يولىدا قىزغىن، ئاق كۆڭۈل شىنجاڭلىقلار يول بويى ياردەم قىلدى، دەننى ئۆزى تۇرۇۋاتقان بۇ تۇپراقنى بارغانسېرى قىزغىن سۆيدى. بۇمۇ ئۇنىڭ شىنجاڭدا ئىككىنچى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشەنچىنى ئاشۇردى.

2017 ـ يىلى، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، ئۇ ئارال شەھىرى 8 ـ تۇەن تامېن بازىرىدا لەننيۇ باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇپ، بېلگىيە لەننيۇ كالىسىنى كىرگۈزدى ۋە نەسلىنى ياخشىلىدى.

لەننيۇ كالىسى بېلگىيەنىڭ خاس گۆش كالىسى نەسلى بولۇپ، گۆش بېرىش ئۈنۈمى %72كە يېتىدىغان، گەۋدە قارا گۆش نىسبىتى %82كە يېتىدىغان بولۇپ، دەننى بېلگىيە لەننيۇ كالىسىنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

2017 ـ يىلى، بېلگىيە لەننيۇ كالىسى تۆرەلمىسى كۆچۈرۈلۈپ بوغاز بولغان 177 تۇياق قارا ئانگۇس ئىنىكى باقمىچىلىق مەيدانىغا ماكانلاشتى، ئارقىدىن، بۇ ئىنەكلەر ئاتا ئەۋلاد تۇنجى تۈركۈمدىكى ساپ نەسىللىك 68 تۇياق بېلگىيە لەننيۇ موزىيىنى موزايلىدى. كۆلەمنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ھازىر دەننىنىڭ باقمىچىلىق مەيدانىدا 700دىن ئارتۇق كالا بار بولدى.

«بۇ مېنىڭ شىنجاڭدا ئىككىنچى قېتىم ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇشۇم». ھازىر تىلغا ئالسىمۇ، دەننى ھېلىھەم ھاياجىنىنى باسالماي قالىدۇ، «مەن شىنجاڭدا باشقا جايلاردا قىلالمايدىغان ئىشنى قىلالىدىم، بۇ جاي مېنىڭ كەسپىمنى راۋاجلاندۇرىدىغان گۆھەر تۇپراق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مېنىڭ ئىككىنچى يۇرتۇم».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.