تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

​مۆلدىر ئائىلىسىدىكىلەر بېيجىڭدىكى تۇغقانلىرىغا باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى

باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ خۇايۈەن يېزىسى خۇاجاڭزا كەنتى​

مۆلدىر ئائىلىسىدىكىلەر بېيجىڭدىكى تۇغقانلىرىغا باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي   ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ شىنلۇڭ

«تاغا، ياخشىمۇسىز، مەن پۈتۈنلەي ساقايدىم، بۇ يىل 6 - يىللىققا چىقتىم. باھار بايرىمى كېلەي دەپ قالدى، بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەر سىزنى شىنجاڭغا كېلىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىمىز...»

1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، مۆلدىر يېلېسقان بېيجىڭدىكى تۇغقىنى جياۋ جيەنچياڭ بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى. كۆرۈشكەندە، مۆلدىر ھاياجانلىنىپ كۆز يېشى قىلدى.

مۆلدىر بۇ يىل 14 ياش، قومۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ خۇايۈەن يېزىسى خۇاجاڭزا كەنتىدىن، تۇغۇلغاندىن كېيىن تۇغما ئومۇرتقا تۈۋرۈكى يانغا ئېگىلىش دەپ دىياگنوز قويۇلغان. ئون ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن، ئائىلىسىدىكىلەر كۆپ قېتىم ئۇنى قومۇل شەھىرى، باركۆل ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى دوختۇرخانىلاردا داۋالاتقان بولسىمۇ، ئوخشاشلا ئوپېراتسىيەنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغانلىقتىن داۋالاش ئۈزۈلۈپ قالغانىدى.

2018 - يىلى 7 - ئايدا، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ رېژىسسورى جياۋ جيەنچياڭ باركۆل يايلىقىغا كېلىپ مەنزىرىنى سۈرەتكە ئالدى. ئۇ يايلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە مەپتۇن بولۇۋاتقاندا، مۆلدىرنىڭ بوۋىسى مۆلدىرنى ئەگەشتۈرۈپ، قوي پادىسىنى ھەيدەپ ئېكرانغا چىقىپ قالدى. جياۋ جيەنچياڭ مۈكچىيىپ قالغان، مېڭىشى قولايسىز بۇ قىزنى بايقىدى. يايلاقتا، مۆلدىر فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە قازاق خەلق ناخشىلىرىدىن نەچچىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇنىڭ يېقىملىق ناخشا ئاۋازى، سەبىيلىك چىقىپ تۇرغان قاراشلىرى كۆپچىلىكنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.

باركۆل ناھىيەسىدە تۇرغان مەزگىلدە، جياۋ جيەنچياڭ مۆلدىرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي سوراپ، ئۇنىڭ ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.

جياۋ جيەنچياڭ بېيجىڭ شەھىرى جىشەن ئاممىۋى پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى مياۋ چياڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، مۆلدىرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى. بېيجىڭ شەھىرى جىشەن ئاممىۋى پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى مۆلدىرگە ياردەم بېرىشنى قارار قىلىپ، تېزدىن بېيجىڭ داشۆ 1 - دوختۇرخانىسىنىڭ يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ۋۇ لىن بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلار ئارقىلىق بۇ دوختۇرخانىنىڭ سۆڭەك بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، دوكتور يېتەكچىسى، پىروفېسسور لى چۇندې باشلامچىلىقىدىكى ئومۇرتقا تۈۋرۈكى يانغا ئېگىلىشنى داۋالاش ئەترىتى بىلەن ئالاقىلەشتى. پىروفېسسور لى چۇندې مۆلدىرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تۈزلەش ئوپېراتسىيەسى قىلىشنى قارار قىلدى.

2018 - يىلى 10 - ئايدا، مۆلدىر ئائىلىسىدىكىلەر بېيجىڭغا كېلىپ، بېيجىڭ داشۆ 1 - دوختۇرخانىسىدا ياتاقتا ياتتى. پىروفېسسور لى چۇندېنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، دوختۇرخانىنىڭ سۆڭەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى مۆلدىرگە بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇپ ۋە داۋالاش لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، مۆلدىرنىڭ كۆكرەك ئومۇرتقىسى قاتارلىق ئېگىلىش ئەڭ ئېغىر بولغان قىسمىنى دەرھال تۈزلەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، مەسىلىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىپ، كېيىن دائىم بېيجىڭغا كېلىپ تەكشۈرتۈش قىيىنچىلىقىنى ئازايتىشنى قارار قىلدى. شۇ يىلى 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، مۆلدىر ئوپېراتسىيە ئۆيىگە ئېلىپ كىرىلدى. ئوپېراتسىيە ئۆيىگە كىرىشتىن بۇرۇن، مۆلدىرنىڭ دادىسى باش ئوپېراتسىيەچى دوختۇر ۋاڭ يۈنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى.

ئومۇرتقا يانغا ئېگىلىپ قېلىش ئوپېراتسىيەسىنىڭ خەۋپ - خەتىرى ئىنتايىن يۇقىرى، تېشىلگەن ئورۇننىڭ ئىچى دۇفۇغا ئوخشاش يۇمران يۇلۇن ئىدى، ئارىلىقلىرىدا پۈتۈن بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تۇتىشىدىغان زىچ نېرۋىلار بار بولۇپ، ھەرقانداق بىر نېرۋا زەخىملەندۈرۈپ قويۇلسا ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقاتتى. ئوپېراتسىيە ئۆمىكى پىروفېسسور لى چۇندې بېكىتكەن لايىھە بويىچە كۆڭۈل قويۇپ مەشغۇلات قىلدى، ھېچقانداق خاتالىق كۆرۈلمىدى. ئوپېراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ساقايغان مۆلدىر ئۆيىگە قايتىدىغان پويىزغا چىقتى. ۋوگزالدا مۆلدىر بىر ئائىلە كىشىلىرى تېببىي خادىملارنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋالدى.

بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۆلدىر ئوچۇق - يورۇق بولۇپ كەتتى. سىنىپتا، ئۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلەتتى، نەتىجىسى ئەلا بولغاچقا، ساۋاقداشلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى.

«بېيجىڭدىكى تاغام بىلەن بوۋام مېنىڭ تۇغقىنىم، مەن ئۇلارغا ئوخشاش باشقىلارغا ياردەم قىلىمەن. مېنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن دوختۇر بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇم بار» دېدى مۆلدىر.

«ئائىلىمىزدىكىلەر بېيجىڭدىكى تۇغقانلىرىمىزنىڭ شەپقىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز. باھار بايرىمى كېلەي دەپ قالدى، بىز تۇغقانلىرىمىزغا باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدۇق، ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مېھمان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى مۆلدىرنىڭ مومىسى چولپان ئايانقان كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ.

«بېيجىڭدىكى تۇغقانلىرىمىز مۆلدىرنىڭ قەلبىگە مېھىر - مۇھەببەت ئۇرۇقىنى چاچتى، بىز ئۇنى يىلتىز تارتقۇزۇپ بىخلاندۇرۇشىمىز كېرەك.» خۇاجاڭزا كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جۇ يەنجۈ مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالە كومىتېتى مېھىر - شەپقەت كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى قولىغا ئېلىپ بولدى، تۆت يىلدىن بۇيان، مۆلدىرنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۆگىنىشىگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز يەنە مۆلدىرگە ياردەم بېرىپ، مۆلدىرنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.