تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ توختىتىپ قويماي ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش

□ئىختىيارىي مۇخبىر لياڭ چۇننىڭ

كېمىلەر قاتنايدۇ ھەريان بەسلىشىپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىگەن ئۆتەر ئالدىغا تېز مېڭىپ.

2022 - يىلى پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل بولدى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى.

ئۆتكەن بىر يىلنى ئەسلىسەك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئۆزى ئۈستىدە ئۈزۈل - كېسىل ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى فۇنكسىيەلىك ئورنىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

«ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش

تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكىنى توختىماي يەتكۈزۈپ ئالغا ئىلگىرىلەش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى بىر - بىرلەپ ئالغا سىلجىتىش. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تەربىيە ئېيى پائالىيىتى ئارقىلىق پۈتۈن يىلنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا ۋە جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان، «ئۈچ يېڭى، بىر يۇقىرى» «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدىكى سىياسىي جەھەتتىكى ئېغىشنى تۈزەتتى.

مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزەتتى، ئەمەلىيلەشتۈردى؛ خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنى چىڭ كۆزلەپ، تەشكىلىي ئىنتىزام، نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامىنى يەنىمۇ چىڭىتتى؛ ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى... ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئەمەلىيەت داۋامىدا سىياسىي نازارەتچىلىكنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى.

سىياسىي كۆزىتىشنىڭ بەلگىلەنگەن ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ كۆزىتىش خىزمىتى بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ دائىملىق كۆزىتىشىنى قانات يايدۇردى. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك، ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەكشۈرۈش بويىچە يۇقىرى بىلەن تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كۆزىتىشتە ۋىلايەت ناھىيەنى يېتەكلەش، بۆلەكلەرنى ماسلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ كۆزىتىش قاتارلىق كۆزىتىش شەكىللىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ كۆزىتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دائىملىق چۆچۈتۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك ياخشى تۇتۇش

پارتىيە ئىستىلى مەسىلىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ ھايات - ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى قاتتىق بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇش، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئۇزاق مۇددەتلىك، ئۈنۈملۈك پولات قائىدە، قاتتىق بەلگىلىمە قىلىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى.

رەھبەرلىك ئورگانلىرىدىن باشلاپ تۇتۇش، رەھبىرىي كادىرلاردىن باشلاپ قاتتىق تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «<ئىككىنى تىكلەش>نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش چارىسى»نى تۈزۈپ چىقتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، <تۆت خاھىش>نى تۈزىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىپ، يېڭى ئىستىل تىكلىدى.

تۈگۈن دەل ئىمتىھان نۇقتىسى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى يېڭى يىل، باھار بايرىمى قاتارلىق مۇھىم تۈگۈنلەردىن باشلاپ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قەتئىي تۈردە قايتا باش كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالدى، يوشۇرۇن ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئالدى، چارچاپ ئۇرۇشتىن بىزار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالدى.

تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى قەرەللىك ئېلان قىلىش، مۇھىم تۈگۈن بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاش، دائىملىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، پاك بولۇشنى بايرامدىن بۇرۇن ئەسكەرتىش، بايرامدىن كېيىن قاتتىق تەكشۈرۈپ، تېز بىر تەرەپ قىلىش، تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش... ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئۈنۈملۈك تەجرىبىلەر، ئۇسۇللارنى قوللىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ نازارەتچىلىك ئاستىدا خىزمەت قىلىش، تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئادەتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە باشقۇرۇپ ئادەت يېتىلدۈردى، تۇتۇشتا ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، كىشىلەرنى تەربىيەلەپ يېڭى كەيپىيات ياراتتى.

ھەم پولاتتەك ئىنتىزامنى تېخىمۇ چىڭىتىش، ھەيۋىسىنى كۆرسىتىش، ھەم كادىرلارنى ئەھمىيەت بېرىش، ھوشيار بولۇش، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش. بورتالا ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سىردىشىش، سۆھبەتلىشىش، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى نازارەتچىلىكى قاتارلىق شەكىللەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قوللىنىپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، بىخ ھالىتىدە يوقىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىلى ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى «بىرىنچى قول رەھبەر»لەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ھوقۇق ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى چىڭ كۆزلەپ، ساقلانغان بىخ خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئەسكەرتتى، ئاگاھلاندۇردى.

«ھەممىباب كارتا» خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدۇ، «نازارەت قىلىش قاراۋۇلى» ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىدۇ... پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىشى، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنىڭ مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى. خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى مەخسۇس نازارەت قىلىش... ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى خەلق رايىنىڭ مايىللىقىنى تىرىشىش نىشانى قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشقا نازارەتچىلىك قىلدى، تۈرتكە بولدى.

چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بىر دەقىقىمۇ توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، جەزمەن ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالىنى مەڭگۈ ياڭرىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى قەتئىي يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە رەزىللىكنى جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالمىغان، قىلىدىغاننى قىلمىغان، ئاممىنىڭ دەردىگە پەرۋاسىز قارىغان، ھە دەپ خىيانەتچىلىك قىلغان، چىرىكلەشكەنلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، ھەرگىز كەڭچىلىك قىلمىدى.

«يولۋاسقا زەربە بېرىش»تە قاتتىق بولۇش سىجىل زور كۈچ ھاسىل قىلدى!

بۇلتۇردىن بۇيان، قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى لى چېڭخۇي، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى ئەن جېڭيۈ، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر تۇرسۇنجان ئەلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر ئەنۋەر سىيىت قاتارلىق ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان بىر تۈركۈم پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تەكشۈرۈلدى.

چىرىكلەشكەنلەرنى ئاخىرغىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ چىرىكلىككە جەزمەن قارشى تۇرۇش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ئۈزلۈكسىز ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ياڭراتتى، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق بولۇش تەدبىرى، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇردى.

مۇھىم نۇقتىغا چىڭ قادىلىپ، زەھەرلىك ئۆسمىنى چوڭقۇر كولاپ ئېلىش. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى بايلىق سودىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يوشۇرۇن قەرز خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش، بىناكارلىق - قۇرۇلۇش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى چىرىكلىكنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، پارتىيەنىڭ پاكلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك كېسەللىك قوزغاتقۇچىغا قارشى كۈرەش قىلغانلىقتۇر، جەزمەن ئىشنى مەنبەدىن باشلاپ تۇتۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

«تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولاردا ئاشكارىلانغان باشقۇرۇشتىكى كەمتۈكلۈك، تۈزۈمدىكى يوچۇق، مېخانىزمدىكى كەمچىللىك قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، بىز دېلو يۈزبەرگەن ئورۇنلارنىڭ دېلو ئارقىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىشىغا بىرمۇبىر ھەيدەكچىلىك قىلدۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش، قايتما ئىنكاس قىلىش ۋە قايتا زىيارەت قىلىپ نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولدۇق.

پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، رەھبىرىي كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشتىن ئىلگىرىكى پاكلىققا دائىر قانۇن - نىزام ئىمتىھانىغا تەشكىللەش، ھۆكۈمەت ئىشىدا، كەسىپتە پاك بولۇش بويىچە تەربىيەلەشنى ساھەلەر بويىچە قانات يايدۇرۇش، پاك ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش... يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، پاك - دۇرۇس بولۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتەك يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى يېتىلدۈرۈپ، پاك شىنجاڭ قۇرۇشتىكى ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنى دۇرۇس تۇتىدىغان، ئۆزىنى چىڭ تۇتىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى بەرپا قىلىش

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، يېڭى مۇساپە، يېڭى ۋەزىپە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە قوشۇنىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى، كەسپىي تەربىيەلىنىشى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى.

«شىنجاڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سىستېمىسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزۈش؛ ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ ھەممىسىنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەشنى تاماملاش؛ كادىرلارنى كۆزىتىش - تەكشۈرۈش، <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇش، مەھەللىلەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىن ئېلىش - تىزگىنلەشكە قاتنىشىشقا تاللاپ ئەۋەتىش...» ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، چېنىقتۇرۇش، تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

ئىنتىزامنى ئىجرا قىلغۇچىلار جەزمەن ئالدى بىلەن ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، باشقىلارغا تەلەپ قويغۇچىلار جەزمەن ئالدى بىلەن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ھوقۇقىنى يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ۋە باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارەتچىلىكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، تەكلىپلىك رېۋىزورلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ھوقۇقىنىڭ نازارەت قىلىنىشى، چەكلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئەسلىي مەقسەت ئۇلۇغ ئىشلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، بۇرچ مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا كۆرسىتىپ بېرىلگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى، مەڭگۈ بوشىشىپ قالمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.