تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسى

(1991 - يىلى 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا ماقۇللاندى 2006 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 28 - يىغىنىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن بىرىنچى قېتىم تۈزىتىلدى 2018 - يىلى 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 7 - يىغىنىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن ئىككىنچى قېتىم تۈزىتىلدى 2023 - يىلى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلانى

(6-نومۇرلۇق)

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنىدا 2023 - يىلى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئالاھىدە ئېلان چىقىرىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى

2023 - يىلى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى

مۇندەرىجە

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 - باب يىغىن ئېچىش

3 - باب تەكلىپ بېرىش ۋە قاراپ چىقىش

4 - باب خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىش، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، خامچوتنى تەكشۈرۈش

5 - باب سايلاش، قالدۇرۇۋېتىش ۋە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش

6 - باب سوئال سوراش ۋە سۈرۈشتۈرمە قويۇش

7 - باب مۇئەييەن مەسىلىنى تەكشۈرۈش

8 - باب سۆزگە چىقىش ۋە ئاۋاز بېرىش

9 - باب يىغىندا قوللىنىلىدىغان تىل ۋە يېزىق

10 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 - ماددا بۇ قائىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىلىي قانۇنى» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن شۇ دەرىجىلىك يەرلىك دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.

3 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى»، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئىش قاراش پائالىيىتىدە خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىنى يولغا قويۇپ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ، خىزمەت ھوقۇقىنى كوللېكتىپ يۈرگۈزىدۇ.

2 - باب يىغىن ئېچىش

4 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى ھەر يىلى 1 - پەسىلدە ئېچىلىدۇ، يىغىن ئېچىش ۋاقتىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قارار قىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

ئالاھىدە ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىشنى مۇۋاپىق ھالدا ئالدىغا سۈرۈش ياكى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلسا بولىدۇ. يىغىن ئېچىش ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرۈش ياكى كېچىكتۈرۈشنى شۇ قېتىملىق يىغىندا قارار قىلغىلى بولمىغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئايرىم قارار چىقارسا ياكى مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارار قىلىشىغا ھوقۇق بەرسە بولىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى زۆرۈر دەپ قارىسا ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى تەكلىپ بەرسە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىنى قەرەلسىز ئېچىشقا بولىدۇ.

5 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى چاقىرىدۇ. ھەر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنىنى شۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى سايلىنىپ ئىككى ئاي ئىچىدە ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى چاقىرىدۇ.

6 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىنى ۋەكىللەرنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكى قاتناشقاندىلا ئېچىشقا بولىدۇ.

7 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدۇ:

(1) يىغىننىڭ قارالمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛

(2) ھەيئەت رىياسەتتىكىلەر ۋە باش كاتىپنىڭ ئىسىملىك لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛

(3) يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى قارار قىلىش؛

(4) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش؛

(5) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سايلانغان ياكى تولۇقلاپ سايلانغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش؛

(6) يىغىننىڭ باشقا تەييارلىق ئىشلىرى.

8 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئېچىلىشتىن بىر ئاي بۇرۇن يىغىن ئېچىش ۋاقتى ۋە يىغىننىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا تەۋسىيە قىلىنىدىغان ئاساسلىق ئىشلارنى ۋەكىللەرگە ئۇقتۇرۇشى ھەمدە يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان يەرلىك نىزام لايىھەلىرىنى ۋەكىللەرگە تارقىتىپ بېرىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن ۋەكىللەرنى مۇناسىۋەتلىك نىزام لايىھەلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، مۇزاكىرە قىلىشقا ئۇيۇشتۇرسا، ۋەكىللەردىن پىكىر ئالسا بولىدۇ ھەمدە يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئاساسلىق ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

قەرەلسىز ئېچىلىدىغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ.

9 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، ۋەكىللەر ئاپتونوم ئوبلاست، شەھەر، ۋىلايەت بويىچە ئۆمەك بولۇپ تەشكىللىنىدۇ؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى باش ئۆمەك بولۇپ تەشكىللىنىدۇ، ئۇنىڭ قارىمىقىدا ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ۋەكىللەر ئۆمىكى، تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە ئالتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى تەسىس قىلىنىدۇ؛ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ شىنجاڭدىكى قىسىملىرىنىڭ ۋەكىللىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆز ئالدىغا ئۆمەك بولۇپ تەشكىللىنىدۇ.

ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى كۆرسىتىپ سايلايدۇ. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى باش ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى باش ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى كۆرسىتىپ سايلايدۇ.

ئۆمەك باشلىقى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ياكى باش ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقلىرى ئۆمەك باشلىقىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ.

ۋەكىللەر ئۆمىكى بىرقانچە ۋەكىللەر گۇرۇپپىسىغا ئايرىلسا بولىدۇ. ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى يىغىنى گۇرۇپپا يىغىنىنىڭ چاقىرغۇچىلىرىنى كۆرسىتىپ سايلايدۇ.

10 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، تەييارلىق يىغىنى ئېچىلىدۇ، ھەيئەت رىياسەتتىكىلەر ۋە باش كاتىپ سايلاپ چىقىلىدۇ، يىغىن قارالمىسى، يىغىننىڭ باشقا تەييارلىق ئىشلىرى توغرىسىدىكى قارار ماقۇللىنىدۇ.

تەييارلىق يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ھەر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنىغا ئالدىنقى نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

تەييارلىق يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋەكىللەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كۆرسەتكەن ھەيئەت رىياسەتتىكىلەر ۋە باش كاتىپنىڭ ئىسىملىك لايىھەسى، يىغىننىڭ قارالما لايىھەسى، شۇنىڭدەك يىغىننىڭ باشقا تەييارلىق ئىشلىرىنى قاراپ چىقىپ پىكىر بېرىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، ھەيئەت رىياسەتتىكىلەر ۋە باش كاتىپنىڭ ئىسىملىك لايىھەسى، يىغىننىڭ قارالما لايىھەسى، شۇنىڭدەك يىغىننىڭ باشقا تەييارلىق ئىشلىرىنى تەڭشەش ۋە تۈزىتىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىپ، تەييارلىق يىغىننىڭ قاراپ چىقىپ قارار قىلىشىغا سۇنسا بولىدۇ.

11 - ماددا ھەيئەت رىياسەت ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

ھەيئەت رىياسەتنىڭ قارارى بارلىق ھەيئەت رىياسەت ئەزالىرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ.

12 - ماددا ھەيئەت رىياسەتنىڭ 1 - يىغىنىدا ھەيئەت رىياسەتنىڭ بىرقانچە دائىمىي رەئىسى كۆرسىتىپ سايلىنىدۇ، ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىجرائىي رەئىسلىكىنى نۆۋەت بىلەن ئۆتەيدىغان ھەيئەت رىياسەتنىڭ بىرقانچە ئەزاسى كۆرسىتىپ سايلىنىدۇ ھەمدە تۆۋەندىكى ئىشلار قارار قىلىنىدۇ:

(1) مۇئاۋىن باش كاتىپلارنىڭ نامزاتى؛

(2) يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى؛

(3) يىغىن مەزگىلىدىكى ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ بېرىشىنى توختىتىش ۋاقتى؛

(4) ھەيئەت رىياسەتنىڭ 1 - يىغىنى قارار قىلىدىغان باشقا ئىشلار.

13 - ماددا ھەيئەت رىياسەتنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ھەيئەت رىياسەت يىغىنىنى چاقىرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ھەيئەت رىياسەت 1 - يىغىنىنىڭ 1 - باسقۇچلۇق يىغىنىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇدىرى چاقىرىدۇ ھەمدە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، ھەيئەت رىياسەتنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى كۆرسىتىپ سايلىنىدۇ؛ 2 - باسقۇچلۇق يىغىنغا كۆرسىتىپ سايلانغان ھەيئەت رىياسەتنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

ھەيئەت رىياسەتنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ھەيئەت رىياسەتنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان ئىشلار توغرىسىدا ھەيئەت رىياسەتكە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ ھەمدە يىغىن كۈنتەرتىپىنى زۆرۈر تەڭشىسە بولىدۇ.

ھەيئەت رىياسەتنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى قارار قىلىدىغان ئىشلار بارلىق دائىمىي رەئىسلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ.

14 - ماددا ھەيئەت رىياسەتنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى باشلىقلىرى يىغىنىنى ئېچىپ، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ تەكلىپلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلاردىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى قاراپ چىققاندا بەرگەن پىكىرلىرىنى ئاڭلىسا ۋە مۇزاكىرە قىلسا بولىدۇ ھەمدە مۇزاكىرە ئەھۋالى ۋە پىكىرلەرنى ھەيئەت رىياسەتكە دوكلات قىلىدۇ.

ھەيئەت رىياسەتنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى مۇھىم، زور مەخسۇس مەسىلىلەرنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى كۆرسىتىپ سايلىغان مۇناسىۋەتلىك ۋەكىللەرنى چاقىرىپ مۇزاكىرە قىلسا بولىدۇ ھەمدە مۇزاكىرە قىلىدىغان مەزمۇنلارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەسئۇللىرىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىنى، ئەھۋالدىن دوكلات بېرىشىنى، مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشىنى بېكىتىدۇ. يىغىننىڭ مۇزاكىرە ئەھۋالى ۋە پىكىرلەرنى ھەيئەت رىياسەتكە دوكلات قىلىشى كېرەك.

15 - ماددا يىغىندا قاراپ چىقىلىدىغان تەكلىپ ۋە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارنى ئادەتتە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى، ۋەكىللەر گۇرۇپپا يىغىنى قاراپ چىقىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا، ھەيئەت رىياسەت دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن مەخسۇس تېمىدا مۇزاكىرە ئۇيۇشتۇرۇشقا بولىدۇ.

ھەيئەت رىياسەت يىغىن ئومۇمىي يىغىنى ئېچىشنى قارار قىلسا بولىدۇ، ۋەكىللەر تەكلىپ ۋە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلار توغرىسىدا پىكىر بېرىدۇ.

16 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا كاتىبات باشقارمىسى قۇرۇلىدۇ. كاتىبات باشقارمىسى باش كاتىپ، مۇئاۋىن باش كاتىپلاردىن تەركىب تاپىدۇ. مۇئاۋىن باش كاتىپلار باش كاتىپنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ. كاتىبات باشقارمىسى ئېھتىياجغا قاراپ بىرنەچچە خىزمەت ئاپپاراتى قۇرىدۇ.

يىغىن كاتىبات باشقارمىسى باش كاتىپنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەيئەت رىياسەت تاپشۇرغان ئىشلارنى بېجىرىدۇ ۋە يىغىننىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

17 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئېچىلغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قاتنىشىشى كېرەك. كېسەل سەۋەبىدىن ياكى باشقا سەۋەبتىن قاتنىشالمايدىغانلار يىغىن كاتىبات باشقارمىسىدىن يازما رۇخسەت سورىشى كېرەك. كاتىبات باشقارمىسى ۋەكىللەرنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش ئەھۋالى ۋە قاتنىشالمايدىغانلىق سەۋەبىنى ھەيئەت رىياسەتكە دوكلات قىلىشى كېرەك.

ۋەكىللەر مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، تۈرلۈك تەكلىپلەر ۋە دوكلاتلارنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىشى، يىغىن ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك.

18 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەركىبىدىكىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىدىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولمىغانلىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ.

تۆۋەندىكى خادىملاردىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولمىغانلىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ:

(1) ئاپتونوم رايون سايلاپ چىققان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى؛

(2) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، خىزمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئىش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى؛

(3) ئاپتونوم ئوبلاستلىق، رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى؛

(4) باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگان، تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى.

يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقۇچىلار كېسەل سەۋەبىدىن ياكى باشقا سەۋەبتىن يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشالمىسا، يىغىن كاتىبات باشقارمىسىدىن يازما رۇخسەت سورىشى كېرەك.

19 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئاشكارا ئېچىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ قارالمىسى، كۈنتەرتىپى ۋە يىغىن ئەھۋالى ئاشكارىلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى مەزگىلىدە، ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنىدا ۋە ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى يىغىنىدا قىلغان سۆزىنى يىغىن كاتىبات باشقارمىسى رەتلەپ قىسقا خەۋەر قىلىپ بېسىپ يىغىنغا تارقىتىدۇ. يىغىن قىسقا خەۋىرى قەغەز نۇسخىدا بولسىمۇ، ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىدا بولسىمۇ بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئومۇمىي يىغىن ئاچقاندا، چەتتىن ئاڭلاش ئورنى تەسىس قىلسا بولىدۇ، چەتتىن ئاڭلاش چارىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى چىقىرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، باياناتچى قويۇلىدۇ.

يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ۋەكىللەر ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىنى ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشقا ئۇيۇشتۇرسا بولىدۇ. ۋەكىللەر ئۆمىكى شۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەرنى ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشقا ئۇيۇشتۇرسا بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئومۇمىي يىغىنى رادىيو، تېلېۋىزىيە، تور قاتارلىق تاراتقۇلار ئارقىلىق ئاشكارا خەۋەر قىلىنىدۇ.

20 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى زۆرۈر تاپقاندا مەخپىي يىغىن ئاچسا بولىدۇ، مەخپىي يىغىن ئېچىشنى ھەيئەت رىياسەت ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىدىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى قاتناشقان ھەيئەت رىياسەت يىغىنى قارار قىلىدۇ.

21 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن ئاچقاندا، يىغىن ۋاقتى ۋە يىغىن قارالمىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە قاراپ چىقىشى كېرەك.

22 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، يىغىننىڭ ھۆججەت - ماتېرىياللىرىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، توردا سىنلىق كۆرسىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپە ئادا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ ۋە مۇلازىمەت قىلىدۇ.

3 - باب تەكلىپ بېرىش ۋە قاراپ چىقىش

23 - ماددا ھەيئەت رىياسەت، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپلەرنى بەرسە بولىدۇ، ھەيئەت رىياسەت ئۇنى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈشنى قارار قىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئوندىن ئارتۇق ۋەكىلى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپلەرنى بەرسە بولىدۇ، ھەيئەت رىياسەت يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش - كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ ياكى ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىپ، يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش - كىرگۈزمەسلىك ھەققىدە پىكىر بېرىشىگە تاپشۇرىدۇ، ئاندىن ھەيئەت رىياسەت يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش - كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ. تەكلىپنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى دوكلاتلار ھەيئەت رىياسەت ماقۇللىغاندىن كېيىن يىغىنغا بېسىپ تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

ۋەكىللەر بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ بېرىدىغان تەكلىپلەرنى يىغىن مەزگىلىدە بەرسە بولىدۇ، يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن بەرسىمۇ بولىدۇ. يىغىن مەزگىلىدە بېرىلىدىغانلىرى يىغىن بەلگىلىگەن تەكلىپ بېرىشنى توختىتىش ۋاقتىدىن بۇرۇن بېرىلىشى كېرەك.

24 - ماددا تەكلىپ بەرگۈچى كىشى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىغا تەكلىپ بېرىشتە، تەكلىپ بېرىشنىڭ سەۋەبى ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك. يەرلىك نىزام تەكلىپىنى بېرىشتە، نىزام لايىھەسىنىمۇ بېرىش كېرەك؛ يەرلىك نىزامنىڭ تۈزىتىلمىسىنى بېرىشتە، نىزامنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىنىمۇ بېرىش كېرەك.

25 - ماددا يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن تەكلىپنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قاراپ چىقىدۇ، ھەيئەت رىياسەت ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇشنى قارار قىلىدۇ ياكى ئاۋۋال مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىپ دوكلات قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ، ئاندىن ھەيئەت رىياسەت ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇشنى قارار قىلىدۇ.

26 - ماددا يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن يەرلىك نىزام تەكلىپى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئومۇمىي يىغىنىدا شۇ نىزام لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ ھەمدە قانۇنچىلىق كومىتېتى، مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلار قاراپ چىقىدۇ.

قانۇنچىلىق كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، نىزام لايىھەسىنى بىرتۇتاش قاراپ چىقىپ، قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ھەيئەت رىياسەتكە دوكلات قىلىدۇ ۋە نىزام لايىھەسى تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، نىزامغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا قارار لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، مۇھىم ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەر ھەققىدە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتتا ئىزاھات بېرىلىشى كېرەك، ھەيئەت رىياسەت قاراپ چىقىپ ماقۇللىغاندىن كېيىن، يىغىنغا بېسىپ تارقىتىپ بېرىلىدۇ. تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قاراپ چىققاندىن كېيىن، قانۇنچىلىق كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىپ، ئاۋازغا قويۇشقا تەۋسىيە قىلىش نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ھەيئەت رىياسەت ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنىدۇ.

27 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىغا سۇنۇلىدىغان نىزام تەكلىپىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلىدە، ئاۋۋال ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا سۇنسا بولىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى مۇناسىۋەتلىك تەرتىپ بويىچە قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلىدۇ.

28 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدىغان نىزام لايىھەسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالسا بولىدۇ، پىكىرلەرنى رەتلەپ يىغىنغا ئىزاھات بېرىدۇ، لېكىن مۇدىرلار يىغىنىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قارار قىلىنغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

29 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرى قاراپ چىقىدىغان تەكلىپ ۋە مۇناسىۋەتلىك دوكلات مەخسۇس مەسىلىگە چېتىلىپ قالسا، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىپ پىكىر بايان قىلىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

30 - ماددا يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن تەكلىپ ئاۋازغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن تەكلىپ بەرگۈچى كىشى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، ھەيئەت رىياسەتنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، يىغىننىڭ شۇ تەكلىپنى قاراپ چىقىشى توختىتىلىدۇ.

31 - ماددا يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن تەكلىپنى قاراپ چىقىش داۋامىدا، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەر بولۇپ قالسا، ھەيئەت رىياسەتنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئۇنى قاراپ چىقىپ قارار قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى يىغىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇش ھوقۇقى بېرىلسە بولىدۇ ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دوكلات قىلىشى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا تاپشۇرۇلىدۇ.

32 - ماددا ھەيئەت رىياسەت ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرغان تەكلىپنى قاراپ چىقىشنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن تاماملاش ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات قىلىش، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغاندىن كېيىن، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى يىغىنىغا يازما بېسىپ تارقىتىپ بېرىش كېرەك.

33 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىغا بەرگەن ھەرقايسى جەھەتتىكى خىزمەتلەر ھەققىدىكى تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك ئورگان، تەشكىلاتنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بېجىرىشىگە تاپشۇرىدۇ، بېجىرگۈچى ئورۇن تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە، كېچىككەندىمۇ ئالتە ئاي ئىچىدە جاۋاب بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ. ۋەكىللەر بېرىلگەن جاۋابقا رازى بولمىسا، پىكىر بېرىپ، بېجىرگۈچى ئورۇندىن قايتا بېجىرىشنى ھەمدە يازما جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ۋەكىللەر بەرگەن تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىرلەردىن مۇناسىۋەتلىك ئورگان ۋە تەشكىلات يىغىن مەزگىلىدە بېجىرىشكە بولىدىغانلىرىنى شۇ ۋاقىتتىلا بېجىرىپ جاۋاب بېرىشى كېرەك.

4 - باب خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىش، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، خامچوتنى تەكشۈرۈش

34 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن ئاچقاندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ يىغىنغا بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى يىغىندا قاراپ چىققاندىن كېيىن، مۇناسىپ قارار چىقىرىشى كېرەك.

35 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئېچىلىشتىن 30 كۈن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى ھەم پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوتى ۋە خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇشى كېرەك.

36 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن ئاچقاندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يىغىنغا ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ لايىھەسى توغرىسىدا دوكلات بېرىشى، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى، ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوت لايىھەسىنى ۋەكىللەر ئۆمىكى تەكشۈرىدۇ ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلار تەكشۈرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ تەكشۈرۈش پىكرىگە ئاساسەن، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى تەكشۈرىدۇ، ھەيئەت رىياسەتكە تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىدۇ، ھەيئەت رىياسەت قاراپ چىقىپ ماقۇللىغاندىن كېيىن، يىغىنغا بېسىپ تارقىتىپ بېرىدۇ ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ قارار لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ يىللىق خامچوت توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى يىغىن ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنىدۇ.

37 - ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدا تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئىجرا قىلىش داۋامىدا قىسمەن تەڭشەش زۆرۈر بولسا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەڭشەش لايىھەسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ۋە تەستىقلىشىغا سۇنۇشى كېرەك.

38 - ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى ۋە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تەكشۈرۈش، تەستىقلاش ۋە تەڭشەشتە مۇشۇ بابتىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

5 - باب سايلاش، قالدۇرۇۋېتىش ۋە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش

39 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىنى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرىنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى، ئاپتونوم رايوندىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى، شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدا سايلاپ چىقىدىغانلىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا خادىملارنى سايلايدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنى ماقۇللايدۇ. ھەر قېتىملىق يىغىندىكى سايلامنىڭ كونكرېت چارىسى ھەققىدە ھەيئەت رىياسەت لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرغاندىن كېيىن، يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنىدۇ.

ھەر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ سانى شۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنىدا قارار قىلىش شەكلى ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ سانى بېكىتىلگەندىن كېيىن، شۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە ئۆزگەرتىلمەيدۇ.

40 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا سايلام ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن، نامزات قويغۇچىلار ياكى كۆرسەتكۈچىلەر نامزاتلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى يىغىنغا تونۇشتۇرۇشى ھەمدە ۋەكىللەر قويغان مەسىلىلەرگە زۆرۈر ئىزاھات بېرىشى كېرەك. ھەيئەت رىياسەت نامزاتلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ۋەكىللەرگە بېسىپ تارقىتىپ بېرىشى كېرەك. ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى غۇلغۇلا قىلىپ كېڭەشكەندىن كېيىن، ھەيئەت رىياسەت كۆپ سانلىق ۋەكىللەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، رەسمىي نامزات ئىسىملىكىنى بېكىتىدۇ.

41 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا سايلام ئۆتكۈزۈلگەندە، ئىمزاسىز ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بارلىق ۋەكىللەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇپ بەرگەن ئاۋازىغا ئېرىشكەنلەر سايلانغان بولىدۇ.

سايلاپ چىقىلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىگە يوللاش ئارقىلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلۇشى شەرت.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئومۇمىي يىغىنىدا سايلام ئۆتكۈزۈلگەندە، سايلام بېلىتىنى مەخپىي تولدۇرۇش ئورنى بولۇشى كېرەك.

سايلام نەتىجىسىنى يىغىن رىياسەتچىسى نەق مەيداندا جاكارلايدۇ. نامزاتلارنىڭ ئېرىشكەن ئاۋاز سانىنى ئېلان قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى تولۇقلىما سايلام ئۆتكۈزگەندە، تولۇقلىما سايلام تەرتىپى ۋە ئۇسۇلىنى يىغىن ئومۇمىي يىغىنى قارار قىلىدۇ.

42 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدا سايلاپ چىقىلغان ياكى ماقۇللانغان ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت ئورگىنى تەركىبىدىكىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلگەندىن كېيىن، ئاشكارا ھالدا ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىدۇ. قەسەم بېرىش مۇراسىمىنى ھەيئەت رىياسەت ئۇيۇشتۇرىدۇ.

43 - ماددا ھەيئەت رىياسەت، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ۋەكىللەرنىڭ ئوندىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەركىبىدىكىلەرنى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرىنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپىنى بەرسە بولىدۇ.

ھەيئەت رىياسەت ياكى ۋەكىللەرنىڭ ئوندىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ ئاپتونوم رايون سايلاپ چىققان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلىنى قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپىنى بەرسە بولىدۇ.

قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپىدە قالدۇرۇۋېتىش سەۋەبىنى ئېنىق يېزىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى بېرىش كېرەك.

44 - ماددا قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپىنى ھەيئەت رىياسەت ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، يىغىن ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنىدۇ ياكى ھەيئەت رىياسەتنىڭ تەكلىپى بىلەن، يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارار قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈپ، تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشكىللىنىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق يىغىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن قاراپ چىقىپ قارار قىلىدۇ. قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپى يىغىن ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، قالدۇرۇۋېتىلىدىغانلار ھەيئەت رىياسەت يىغىنىدا ۋە يىغىن ئومۇمىي يىغىنىدا ئۆزىنى ئاقلاشقا ياكى ئۆزىنى ئاقلاپ يازما پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق، ئۇنى ھەيئەت رىياسەت يىغىنغا بېسىپ تارقىتىپ بېرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋېتىشتە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىگە يوللاش ئارقىلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇش شەرت. ئاپتونوم رايون سايلاپ چىققان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلىنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇۋېتىشتە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

45 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر، مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سورىسا، ھەيئەت رىياسەت ئۇلارنىڭ ئىستېپا ئىلتىماسىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارار قىلىشىغا سۇنىدۇ؛ يىغىن يېپىق مەزگىلدە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سورىسا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۇلارنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىش - قىلماسلىقنى قارار قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلغانلارنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى يىغىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ئىستېپا سورىسا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىگە يوللاش ئارقىلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇش شەرت.

46 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر، مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئەسلىي سايلىغۇچى ئورۇن قالدۇرۇۋەتكەنلىرى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملىق ۋەزىپىسىدىن ۋە مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملىق ۋەزىپىسىدىنمۇ ئېلىپ تاشلىنىدۇ، ھەيئەت رىياسەت ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئېلان قىلىدۇ.

47 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر، مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن سورىغان ئىستېپاسى قوبۇل قىلىنغانلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملىق ۋەزىپىسى، مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملىق ۋەزىپىسى مۇناسىپ ھالدا توختىتىلىدۇ.

6 - باب سوئال سوراش ۋە سۈرۈشتۈرمە قويۇش

48 - ماددا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى تەكلىپ ۋە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارنى قاراپ چىققاندا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەسئۇل خادىمنى يىغىنغا ئەۋەتىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىشى، ۋەكىللەر سورىغان سوئاللارغا چۈشەنچە بېرىشى كېرەك.

ھەيئەت رىياسەت، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى تەكلىپ ۋە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارنى قاراپ چىققاندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىشى، سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك ھەمدە تەكلىپ ياكى مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارغا تولۇقلىما چۈشەنچە بەرسە بولىدۇ.

49 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى مەزگىلىدە، ئوندىن ئارتۇق ۋەكىل بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق خىزمەت تارماقلىرىغا، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىغا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يازما سۈرۈشتۈرمە قويسا بولىدۇ. سۈرۈشتۈرمىگە سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئوبيېكت، سۈرۈشتۈرۈلىدىغان مەسىلە ۋە مەزمۇننى ئېنىق يېزىش شەرت.

50 - ماددا سۈرۈشتۈرمىنى ھەيئەت رىياسەت سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ مەسئۇلىنىڭ ھەيئەت رىياسەت يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئومۇمىي يىغىنىدا ياكى مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتنىڭ يىغىنىدا ئاغزاكى جاۋاب بېرىشىگە تاپشۇرۇشنى ياكى سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ يازما جاۋاب بېرىشىگە تاپشۇرۇشنى قارار قىلىدۇ. ھەيئەت رىياسەت يىغىنىدا ياكى مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېت يىغىنىدا جاۋاب بېرىلىدىغان بولسا، سۈرۈشتۈرمە قويغان ۋەكىل يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا، پىكىر بايان قىلىشقا ھوقۇقلۇق. سۈرۈشتۈرمىگە يازما جاۋاب بېرىلىدىغان بولسا، سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ئىمزا قويۇشى كېرەك. مەخسۇس كومىتېت يىغىنىدا جاۋاب بېرىلىدىغان بولسا، مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلار سۈرۈشتۈرمىگە جاۋاب بېرىش ئەھۋالىنى ھەيئەت رىياسەتكە دوكلات قىلىشى كېرەك. ھەيئەت رىياسەت زۆرۈر دەپ قارىسا، سۈرۈشتۈرمىگە جاۋاب بېرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات يىغىنغا بېسىپ تارقىتىپ بېرىلسە بولىدۇ. سۈرۈشتۈرمە قويغان ۋەكىل سۈرۈشتۈرمىگە بېرىلگەن جاۋابقا رازى بولمىسا، قايتا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ھەيئەت رىياسەتنىڭ قارار قىلىشى بىلەن، سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگان قايتا جاۋاب بېرىدۇ.

7 - باب مۇئەييەن مەسىلىنى تەكشۈرۈش

51 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى زۆرۈر دەپ قارىغاندا، مۇئەييەن مەسىلىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشكىللىسە بولىدۇ.

52 - ماددا ھەيئەت رىياسەت، ۋەكىللەرنىڭ ئوندىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ مۇئەييەن مەسىلىگە دائىر تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشكىللەش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ، ھەيئەت رىياسەت يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارار قىلىشىغا سۇنىدۇ. تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇدىر ئەزا، بىر قانچە مۇئاۋىن مۇدىر ئەزا ۋە بىرقانچە ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ. ھەيئەت رىياسەت ۋەكىللەر ئىچىدىن نامزات كۆرسىتىپ يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنىدۇ. تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

53 - ماددا تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرگەندە، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ زۆرۈر ماتېرىياللارنى ئەينەن بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. ماتېرىيال بەرگەن ئورۇنلار ۋە شەخسلەر تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن ماتېرىيالنىڭ مەنبەسىنى مەخپىي تۇتۇشنى تەلەپ قىلسا، تەكشۈرۈش كومىتېتى مەخپىي تۇتۇشى كېرەك.

تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈش جەريانىدا، تەكشۈرۈش ئەھۋالى ۋە ماتېرىيالىنى ئېلان قىلمىسىمۇ بولىدۇ.

54 - ماددا تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىغا تەكشۈرۈش دوكلاتى بېرىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن، مۇناسىپ قارار چىقارسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتقا خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئاڭلاپ ھەمدە مۇناسىپ قارار چىقىرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى يىغىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇش ھوقۇقى بەرسە بولىدۇ.

8 - باب سۆزگە چىقىش ۋە ئاۋاز بېرىش

55 - ماددا ۋەكىللەرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك يىغىنلىرىدا قىلغان سۆزى ۋە بەرگەن ئاۋازى قانۇندا سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ. ۋەكىللەر يىغىن بېكىتكەن قارالمىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆز قىلىشى كېرەك.

56 - ماددا ۋەكىللەر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئومۇمىي يىغىنىدا سۆزگە چىققاندا، ھەربىر ۋەكىل ئىككى قېتىم سۆزگە چىقسا بولىدۇ. 1 - قېتىمدا ئون مىنۇتتىن، 2 - قېتىمدا بەش مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. ۋەكىللەردىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئومۇمىي يىغىنىدا سۆزگە چىقىشنى تەلەپ قىلغانلىرى يىغىندىن بۇرۇن كاتىبات باشقارمىسىغا تىزىملىتىشى كېرەك. يىغىن ئىجرائىي رەئىسى سۆزگە چىقىش رېتىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ۋەكىللەردىن دەمال سۆزگە چىقىشنى تەلەپ قىلغانلىرى يىغىن ئىجرائىي رەئىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن سۆزگە چىقسا بولىدۇ.

57 - ماددا ھەيئەت رىياسەت تەركىبىدىكىلەر ۋە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى ياكى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى كۆرسىتىپ سايلىغان ۋەكىللەر ھەيئەت رىياسەت يىغىنىدا سۆزگە چىقماقچى بولسا، ھەربىر ۋەكىل بىر قارالما ئۈستىدە ئىككى قېتىم سۆزگە چىقسا بولىدۇ، 1 - قېتىمدا 15 مىنۇتتىن، 2 - قېتىمدا ئون مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن، سۆزلەش ۋاقتى مۇۋاپىق ئۇزارتىلسا بولىدۇ.

58 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا تەكلىپلەرنى ئاۋازغا قويۇشتا، ئاۋاز بەرگۈدە ئىمزاسىز ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئاۋاز بېرىش سىستېمىسىنى ئىشلىتىش داۋامىدا كاشىلا كۆرۈلسە، قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

تەييارلىق يىغىنى، ھەيئەت رىياسەت يىغىنىدا ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلىدا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

59 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلغان تەكلىپلەرگە ۋەكىللەر قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرسىمۇ، قارشى ئاۋاز بەرسىمۇ بولىدۇ، ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسىمۇ بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلغان تەكلىپلەر بارلىق ۋەكىللەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ. ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىنى يىغىن رىياسەتچىسى نەق مەيداندا جاكارلايدۇ.

9 - باب يىغىندا قوللىنىلىدىغان تىل ۋە يېزىق

60 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز تىل - يېزىقلىرى قوللىنىلىدۇ.

61 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن ئاچقاندا، ھەر مىللەت ۋەكىللىرى تەكلىپ ۋە تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىرلەرنى ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىدا بېرىشكە، ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىدا سۆزگە چىقىشقا ھوقۇقلۇق. يىغىن كاتىبات باشقارمىسى يىغىنغا تەرجىمان قويۇشى كېرەك.

10 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

62 - ماددا بۇ قائىدە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.