تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى يېپىلدى

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىت، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلدى زۇمرەت ئوبۇل رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسى ۋە تۈرلۈك قارارلار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى

1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ مىنيى فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يېپىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ما شىڭرۇي سۆز قىلدى.

يىغىن ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، مۇتەللىپ روزى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى. زۇمرەت ئوبۇل يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىت، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 546 نەپەر، ئەمەلىي قاتناشقانلار 519 نەپەر، قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ 2022 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2022 - يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىللىق خامچوتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

ما شىڭرۇي سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى مەزگىلىدە، ھەرقايسى ۋەكىللەر يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە كۈچلۈك بۇرچ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ ۋە مۇزاكىرە قىلىپ، نۇرغۇن ياخشى پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار خىزمەت دوكلاتلىرىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈردى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى، روھنى ئۇرغۇتتى، كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى بەنزىدە يېڭى كەيپىيات بولۇشى، يېڭى مۇساپىدە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشى كېرەك. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. باشتىن - ئاخىر سىياسىي سادىقلىقنى ساقلاپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان تۈپ قوللانما قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك. قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى قەلب تۆرىگە قويۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىق ھەر مىللەت ئامما دائىم غەم قىلىدىغان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، ياخشى قوغدىشىمىز، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك تۇراقلىشىپ قالغان ئەندىزىلەر، قاتمال ئىدىيەلەرنى تۈگىتىپ، ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دادىل ئىزدىنىپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇشىمىز، ھاياتىي كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك. خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، مەسىلىلەرگە دادىللىق بىلەن توغرا قاراپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، راست گەپ قىلىپ، سەمىمىي گەپ قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.

يېڭىدىن سايلانغان ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق يىغىندا 14 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى، مېنى داۋاملىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى بولۇشقا سايلىدى، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر، زور، ۋەزىپەمنىڭ مۈشكۈللۈكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن ھۆكۈمەت بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىشىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى بۇ يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز؛ پۇقرالار غەم قىلىۋاتقان ئىشلار، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلار، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىمىز؛ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىمىز. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ھەمدە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، تىرىشىپ باش شۇجى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىمىز.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق دېدى: يىغىندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى، مېنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلىدى، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر، زور، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خىزمەت تۈزۈمى ۋە يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويماي، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىشەنچى ۋە قوللىشىغا جاۋاب قايتۇرىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن بىرقىسىم ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان باش ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر قاتارلىقلار يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يېپىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.