تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئىللىق تاپشۇرۇق، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى​

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باھار بايرىمى ھارپىسىدا سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغانلىقى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغانلىقى توغرىسىدا قايتا زىيارەت

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

ئالتۇن يولۋاس كونا يىل بىلەن بىللە ئۇزاپ كەتتى، قاشتېشى توشقان باھارنى كۈتۈۋالدى. گۇيماۋ يىلىدىكى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پايتەخت بېيجىڭدا سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە مەملىكەت بويىچە ئالتە جايدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، ئاممىنى سەمىمىي يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، كۆپچىلىككە باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى يوللىدى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كادىرلار، ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خادىملار، پاراۋانلىق ئورنىدىكى ياشانغان دوستلار، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كارخانىلىرىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر، گاۋتيې بېكىتىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدىكى سودىگەرلەر ۋە ئامما، يېزا - كەنت، ئاساسىي قاتلاملىرىدىكى كادىرلار، ئامما... كۆپچىلىك باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى، گۈزەل تىلەكلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ھەسسىلەپ روھلاندى، چوڭقۇر ئىلھاملاندى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى باش شۇجى بىلەن سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە كۆرۈشكەن ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى قايتا زىيارەت قىلىپ، باش شۇجىنىڭ قەلبىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبى بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە زور ئۈمىدى ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ھەربىر جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش: «تاڭ نۇرى ئالدىمىزدىلا، چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە»

قەھرىتان سوغۇقتا خاربىننىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشتى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا چۈنلى دوختۇرخانا رايونىدا ئاپتوموبىللار ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، ھەرقايسى كېسەلخانىلاردىكى تېببىي خادىملارنىڭ ھەممىسى جىددىي، تەرتىپلىك ھالدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.

1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە بۇ يەردىكى تېببىي خادىملار، دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان ئاغرىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

«باش شۇجى باشتىن - ئاخىر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان تېببىي خادىملارنى قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئاغرىقلارنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلدى. گەرچە ئېكران ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرساقمۇ، لېكىن بىز باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق، بۇ بىزنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى.» خاربىن تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى يۈ كەيجياڭ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ ھال سورىغانلىقىنى خىزمەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئاغرىقلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، باھاردا گۈللەر ئېچىلغان پەيتنى كۈتۈۋالىمىز.

سىنلىق ئۇلىنىشتا، دوختۇرخانا نەپەس يولى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى جاڭ چۇنلىڭ كېسەلخانىدا ئاغرىقلارنى تەكشۈرۈۋاتاتتى. «باش شۇجى ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، بىز بۇ ئىللىقلىق ۋە غەمخورلۇقنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. خۇددى باش شۇجى ئېيتقاندەك، تاڭ نۇرى ئالدىمىزدىلا، چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە!» دېدى جاڭ چۇنلىڭ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسىتىنىڭ ئەلالاشتۇرۇلۇپ تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، دوختۇرخانا داۋالاش بايلىقىنى تېزدىن بىرىكتۈرۈپ، بىرىنچى سەپتىكى قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا مايىللاشتۇرۇپ، جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى. تېببىي خادىملارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىشى بىلەن، 83 ياشلىق ئاغرىق چى يۇڭشياڭنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەسلىگە كەلدى.

«باش شۇجى سالامەتلىكىمنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، مەندىن سالامەتلىكىمنىڭ قانداقراق ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، ئۆيگە قايتىپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزەلەيدىغان - ئۆتكۈزەلمەيدىغانلىقىمنى سورىدى، بەك ئىللىقلىق ھېس قىلدىم. مەن چوقۇم ئىشەنچىمنى چىڭىتىپ، سالامەتلىكىمنى ياخشى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بالدۇرراق دوختۇرخانىدىن چىقىپ، ئۆيدىكىلەر بىلەن جەم بولۇپ باھار بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىمەن» دېدى ياشانغان كىشى چى يۇڭشياڭ خۇشال ھالدا.

ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش: «ياشانغان دوستلارنى باھار بايرىمىنى خۇشال، ساغلام، ئىناق ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك»

باھار بايرىمى يېتىپ كېلەي دەپ قالدى، ياپيېشىل دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان فۇجيەن فۇجوۋ شەھەرلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنىنىڭ ئىچىگە پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلغان بولۇپ، ياشانغانلار قولدا ياسىغان «توشقان» شەكىللىك ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى، قىپقىزىل «بەخت» خېتى، ئالتۇن بېلىق زىننەت بۇيۇملىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى، ھەممە يەر خۇشال - خۇرام ۋە ئىناق بايرام كەيپىياتىغا تولغانىدى.

«باش شۇجى ياشانغانلارنىڭ پاراۋانلىق ئورنىدا باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىش ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى.» فۇجوۋ شەھەرلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنىنىڭ باشلىقى گەن ۋېيمىڭ مۇنداق دېدى: «بىز مېۋە - چېۋە، ئاشلىق، ياغ، ئىستىراھەت يېمەكلىكلىرى قاتارلىق بايراملىق نەرسە - كېرەكلەرنى يېتەرلىك تەييارلىدۇق، ھارپا كېچىلىك تامىقىنىڭ تەييارلىقىمۇ مۇشۇ ئىككى كۈندە باشلاندى، باھار بايرىمى مەزگىلىدە پاراۋانلىق ئورنىنىڭ ئىچىدىكى مۇھىتنىمۇ بېزەپ، قويۇق بايرام تۈسى قوشتۇق. باش شۇجى چوقۇم ياشانغانلارنى ئاخىرقى ئۆمرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى تاپىلىدى، بىز چوقۇم قەلبىمىزدە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىمىز!»

«باش شۇجى بىز بىلەن مۇڭدىشىپ، خەلق تۇرمۇشى توغرىسىدا پاراڭلاشتى، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ قەلبى ئىللىقلىققا تولدى.» 81 ياشلىق ياشانغان كىشى ليۇ شياۋلەن مۇنداق دېدى: «باش شۇجى بىز ياشانغانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بىزنىڭ پاراۋانلىق ئورنىدىكى تۇرمۇشىمىز مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار، ھەر ھەپتىدە مەھەللە خىزمەتچىلىرى قەرەللىك ھالدا ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئويناش، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ياساش، كىنو كۆرۈش، شاھمات ئويناش قاتارلىقلارنى تەشكىللەيدۇ، ياشانغانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ كۆڭلىمىزنى خۇش قىلىمىز، باش شۇجى خاتىرجەم بولۇڭ!»

باھار بايرىمى مەزگىلىدە كىشىلەرنىڭ بېرىش - كېلىشى كۆپ بولىدۇ، باش شۇجى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەھەتتە ياشانغانلارغا ئالاقىدار ئەھۋاللارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى.

«پاراۋانلىق ئورنىمىزدا نۆۋەتتە 72 پەرۋىش خادىمى بار، ئۇلار ھەر ۋاقىت ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدۇ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش دورىسى، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىسى، N95 ماسكا قاتارلىق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى يېتەرلىك، بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمى راۋان.» پاراۋانلىق ئورنى پەرۋىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چېن شياۋجۈن مۇنداق دېدى: بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشقا سورۇنلاردىكىدىنمۇ قاتتىق بولغان خادىملار مۇداپىئەسى ۋە ساغلاملىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرى ئارقىلىق توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ياشانغان دوستلارنى باھار بايرىمىنى خۇشال، ساغلام، ئىناق ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش: «خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئېنېرگىيە تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك»

شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم نېفىتلىك شىركىتى جەنۇبىي بۈگۈر نېفىت - تەبىئىي گاز ساقلاش - توشۇش مەركىزى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1 - پونكىتىنىڭ كېلا تەبىئىي گاز يىغىش رايونىدا پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلغان بولۇپ، بايرام تۈسى قويۇق ئىدى. كۈچلۈك گاز ئېقىمى تۇرۇبا يولىدا گۈلدۈرلەپ شەرققە قاراپ ئېقىپ، لىنىيە بويىدىكى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنى ئىللىتماقتا ئىدى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەڭ مۇھىم بىخەتەرلىكنىڭ بىرى دەپ تەكىتلىدى. ئۇ بىزدىن خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئېنېرگىيە تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.» جەنۇبىي بۈگۈر نېفىت - تەبىئىي گاز ساقلاش - توشۇش مەركىزى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چاڭ گۈيچۇەن مۇنداق دېدى: «بىز مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، بۇرچىمىزنى چوقۇم ئادا قىلىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىمىز».

باش شۇجى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلىگىنىدە، جەنۇبىي بۈگۈر نېفىت - تەبىئىي گاز ساقلاش - توشۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جوۋ ۋېيجۈن ھەسسىلەپ روھلاندى: «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدۇق، تېخىمۇ كۈچكە تولدۇق، تېخىمۇ غەيرەتكە تولدۇق! بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىش ئورنىمىزدا ياخشى تۇرۇپ، تەبىئىي گاز بىلەن ياخشى تەمىنلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام، ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز».

قىش كىرگەندىن بۇيان، ھەر كۈنى 70 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز بۇ يەردىن تۆۋەن ئېقىندىكى شەھەرلەرگە ئۈزۈلمەي يەتكۈزۈلۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ئوچاقلىرىدا، زاۋۇتلارنىڭ پار قازانلىرىدا لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت يالقۇنىغا ئايلاندى. باھار بايرىمى يېقىنلاپ قالدى، نېفىت ئىشچىلىرى قار - شىۋىرغانغا قارىماي، يەنىلا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرماقتا.

«باش شۇجى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، بىزدىن بايرام مەزگىلىدە نۆۋەت بىلەن دەم ئالىدىغان - ئالمايدىغانلىقىمىزنى، سىرتتا باھار بايرىمى ئۆتكۈزگەندە بايراملىق نەرسە - كېرەكلەرنى تەييارلاش ئەھۋالىمىزنى سورىدى، باش شۇجى بىزنىڭ ئۇششاق - چۈششەك ئىشلىرىمىزنىمۇ كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ، قەلبىمىز ئىللىقلىققا تولدى.» گەرچە نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە سېلسىيە گىرادۇس قەھرىتان سوغۇق بولۇۋاتقان بولسىمۇ، خىزمەتكە قاتناشقىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان ئۆلچەش ئىنژېنېرى تيەن مېيشيا ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدى، «بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، مەن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ياشلىق گۈللىرىمنى چۆل - باياۋان، قۇملۇقتا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمەن».

باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش سەپىرى: «قاتناش راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەر، ساغلام سەپەرگە چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك»

خېنەن «米» خېتى شەكىللىك گاۋتيې تورىنىڭ ئاچقۇچلۇق تۈگۈنىگە جايلاشقان جېڭجوۋ شەرقىي ۋوگزالىدىكىلەر كېچە - كۈندۈز توختىماي ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. ۋوگزال سۇپىسىغا قىپقىزىل چوڭ پانۇسلار ئېگىز ئېسىلغانىدى، خۇشاللىقنى بىلدۈرىدىغان جۇڭگو تۈگۈچى شامالدا تەۋرىنىپ تۇراتتى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان «بەخت» خېتى بۇ جايغا قويۇق بايرام تۈسى قوشقانىدى.

سىنلىق كۆرۈنۈش ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىملىق چېھرىنى كۆرگەندە، تۆمۈريول سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 32 يىل بولغان جېڭجوۋ شەرقىي ۋوگزالىنىڭ ۋوگزال باشلىقى ۋاڭ ليۇچياڭ ناھايىتى ھاياجانلاندى: «باش شۇجى بۇ يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ناھايىتى تەپسىلىي سوراپ، قاتناش راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تىنچ - ئامان، ساغلام سەپەرگە چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىزنى تەكىتلىدى. بۇ يىل، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشتىكى ئاۋات مەنزىرە يەنە قايتىپ كەلدى، بىز تىرانسپورت كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تىرانسپورت بىخەتەرلىكى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، تەشكىلىي كاپالەت قاتارلىق جەھەتلەردە كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تەييارلىق قىلدۇق، كەڭ يولۇچىلارنى تېخىمۇ گۈزەل سەپەرگە چىقىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش ئىشەنچىمىز بار!»

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يېڭى باسقۇچقا كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن، جېڭجوۋ شەرقىي ۋوگزالىدا يولۇچىلار ئېقىم مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى، ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان كۈندىلىك يولۇچىلار ئېقىم مىقدارى 120 مىڭ ئادەمدىن كۆپ بولۇش ھالىتىنى ساقلىدى.

«باش شۇجى باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى.» جېڭجوۋ شەرقىي ۋوگزالىنىڭ يولۇچى توشۇش نۆۋەتچى خادىمى جاڭ خۇا مۇنداق دېدى: «خىزمەتچى خادىملار ۋوگزالغا كىرىش ئېغىزى، مۇلازىمەت سۇپىسىغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارنى تەييارلاپ قويدى، پويىز كۈتۈش زالىدا داۋالاش مۇلازىمەت نۇقتىسى تەسىس قىلدى، ۋوگزال ئىچى ۋە پويىزدىكى ئاممىۋى رايونلارنى قەرەللىك، نۇقتىلىق دېزىنفېكسىيە قىلدى، باش شۇجى، خاتىرجەم بولۇڭ، بىز چوقۇم ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يولۇچىلارنىڭ تىنچ - ئامان سەپەرگە چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز».

«باش شۇجى، ياخشىمۇسىز! باش شۇجى، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!» يۇرتىغا قايتقان يولۇچى ما لىڭ ۋە ۋوگزال سۇپىسىدىكى باشقا يولۇچىلار ئېكراندىن باش شۇجى شى جىنپىڭنى كۆرۈپ، بەس - بەستە كامېرا ئالدىغا كېلىپ، باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى.

باھار بايرىمىدا ئۆيىگە قايتمىغىنىغا ئىككى يىل بولغان ما لىڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ باھار بايرىمىلىق تىلەكلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، يۇرتۇمغا قايتىش سەپىرىم تېخىمۇ ھاياجانغا، تېخىمۇ خۇشاللىققا، تېخىمۇ بەختكە تولدى!»

بازارنى تەمىنلەش: «<كۆكتات> <ئاشلىق> <مېۋە> مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك»

بېيجىڭ فېڭتەي رايونىدىكى شىنفادى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. يۈتيەن بەسىيى، جاڭچيۇ غولپىيىزى، مېڭدىڭ يۇمىلاق چەيزىسى... پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن يېڭى كۆكتاتلار يۈك ساندۇقلىرىغا لىق قاچىلانغان بولۇپ، ئېگىزلىكى ئىككى مېتىردىن ئاشاتتى. خېرىدار چاقىرغان، پاراڭلاشقان ئاۋازلار ئۆتۈشۈپ تۇرغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازىغا قوشۇلۇپ، ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

«بۇ بىرنەچچە كۈندە بازارنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى قانداقراق» «بۇ يىل سودىگەرلەرنىڭ سودىسى قانداقراق» «بۇ يىل توپ سېتىش باھاسى قانداقراق»... باش شۇجى شى جىنپىڭ ناھايىتى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: «كۆكتات» «ئاشلىق» «مېۋە» مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى.

«باش شۇجى كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ قىلغان ھەربىر سۆز، ھەربىر جۈملىنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ كۆڭلىمىزدىكىدەك گەپلەر بولدى، ماڭا سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ قىلغان ئەجرىمنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.» سودىگەر ماۋ يۇڭشى مۇنداق دېدى: «باھار بايرىمى بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، ھەممە ئائىلىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، مەنمۇ زور كۈچ بىلەن تىرىشىپ، تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارنى ياخشى ئىستېمال قىلىش، ساغلام ئىستېمال قىلىش، ئېتىبار باھادا ئىستېمال قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن».

ھېيت - بايراملاردا بىخەتەرلىكنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلىگەندە، شىنفادى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ يۈشىنىڭ تەسىراتى ناھايىتى چوڭقۇر بولدى: «باش شۇجى ھەم بازاردىكى سودا ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، ھەم بىزنىڭ مال مەنبەسىنى كېڭەيتىش، تۈرىنى كۆپەيتىش، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىشىمىزغا قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ بىزنىڭ كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزگە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى».

نۆۋەتتە، شىنفادى بازىرىغا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3800 يۈك ئاپتوموبىلى كىرىپ چىقىدۇ، ئادەم ئېقىمى ۋە ئاپتوموبىل ئېقىم مىقدارى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 60 مىڭ ئادەم قېتىم ۋە 20 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىمغا يېتىدۇ. «ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بوشاشتۇرۇپ قويمىدۇق، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى توختىتىپ قويمىدۇق.» جاڭ يۈشى مۇنداق دېدى: «باھار بايرىمى مەزگىلىدە، مەنمۇ داۋاملىق تىجارەت قىلىۋاتقان 2000دىن ئارتۇق سودىگەر بىلەن بىرلىكتە، بايرام مەزگىلىدە بازاردىكى مال بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنىڭ يېتەرلىك، تۈرىنىڭ مول، سۈپىتىنىڭ ئىشەنچلىك، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام، خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە كۈچ قوشىمەن».

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش: «ئورتاق بېيىشقا بىرلىكتە ئاتلاندۇق، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى»

يىراقتىكى يېشىل تاغلار بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن، يېقىندىكى دەرەخلەر ياپيېشىل كۆكەرگەنىدى. سىچۇەن ميەنياڭ شەھىرى بېيچۇەن چياڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شىيى كەنتىنىڭ مەدەنىيەت مەيدانىدا قاتار - قاتار ئېسىلغان پانۇسلار چياڭجەينى يورۇتۇپ تۇراتتى، قىپقىزىل چياڭخۇڭلار شامالدا لەپىلدەپ تۇراتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە كۆرۈشكەن چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلىگەندە، شىيى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن ئەيجۈن ھاياجېنىنى باسالمىدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىلھامى ۋە تىلىكى چياڭشەن ئوغۇل - قىزلىرى توشقان يىلىدىكى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە ئېرىشكەن ئەڭ گۈزەل، ئەڭ تەسىرلىك، ئەڭ قىممەتلىك يېڭى يىل سوۋغىسى بولدى».

شىيى كەنتى يەنە شىيى چياڭجەي دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چياڭزۇ مىللىتىنىڭ نوپۇسى %60نى ئىگىلەيدۇ، بۇ يەردە چياڭجەي ئەنئەنىۋى قاراۋۇل مۇنارى قاتارلىق ئىمارەتلەر ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، چياڭزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش شەكلىگە ۋارىسلىق قىلىنغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چياڭزۇلارنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادىتىنى ھېس قىلىش، مېۋە - چېۋە ئۈزۈش، چاي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش - ئۆگىنىش قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرىگە بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، شىيى كەنتى مەدەنىيەت - ساياھەت ئارقىلىق كەنتنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ماڭدى.

«يېڭى دەۋردىكى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن يېزا - كەنت ساياھىتىنى ياخشى قىلىش كېرەك، سىلەر ناھايىتى ياخشى بىر ئۈلگە. كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە يېڭى تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى، بىرلىكتە ئورتاق بېيىشقا قاراپ ئاتلىنىشىنى، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئالقىشى» شۇ يەردىكى كەنت ئاھالىلىرىنى غەيرەتكە تولدۇردى.

باش شۇجىنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، چياڭزۇ يىگىت شاۋ چۇەن ئىختىيارسىز ھالدا چياڭزۇ نېيىنى چالدى: «بۇ لەرزان مۇزىكا قەلبىمدىكى بەخت ھەم گۈزەللىككە تولغان ئەڭ چىن تەسىراتىم. كەنتىمىزنىڭ يېزا - كەنت ساياھىتى بارغانسېرى گۈللەندى، بۇنىڭدىن كېيىن مەن سىرتقا ئىشلىگىلى چىقمايمەن، كەنتتە ياخشى ئىشلەيمەن».

ئىللىقلىققا تولغان ئىلھام كىشى قەلبىگە بىۋاسىتە ئىللىقلىق يەتكۈزدى؛ سەمىمىي ئۈمىد، توختىماي جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش باشلىنىدىغان يىل، بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، خاس كەسىپلەرنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىگە جاۋاب قايتۇرىمىز» دېدى چېن ئەيجۈن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.