تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ئىككى مەھكىمىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلارنى قاراپ چىقتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسى (ئۆزگەرتىلگەن لايىھە)، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى.

ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، نەتىجىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا خۇلاسىلىنىپتۇ، مەسىلىلەر ئوبيېكتىپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپتۇ، خىزمەتلەر ئىلمىي، سىستېمىلىق پىلانلىنىپتۇ. بۇ ئۈچ خىزمەت دوكلاتىدا قانۇنچىللىق روھى ئەۋج ئالدۇرۇلغان، تۈزۈم ئەۋزەللىكى نامايان قىلىنغان، دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان، خەلقنىڭ ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.

ۋەكىل ليۇ شۆجېن مۇنداق دېدى: ئۈچ خىزمەت دوكلاتىدا سىياسىي يۈكسەكلىك يۇقىرى، باش تېما روشەن بولۇپ، زىددىيەتلەرگە دادىللىق بىلەن بىۋاسىتە يۈزلىنىپتۇ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىسلاھ قىلىش ئېلىپ بېرىلىپتۇ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، قەلبلەرنى ئىللىتىش ھەم كۈچنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇلۇپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. كېيىنكى قەدەمدە، سانجى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش داۋامىدا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

ۋەكىل ماھىرە ئەخمەت مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ئوبيېكتىپ خۇلاسىلىنىپتۇ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى يۇقىرى، نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ سالمىقى زور، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى ياخشى بوپتۇ، ئۆز قۇرۇلۇشىدا ئۈنۈم كۆرۈلۈپتۇ، 2023 - يىللىق خىزمەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئىلمىي، مۇۋاپىق، پىكىر يولى ئېنىق، تەدبىرلەر كۈچلۈك بولۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىلگەن، خەلق رايى مۇجەسسەملەنگەن، تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئەمەلىي ئۈنۈم كۆزلەنگەن ياخشى دوكلات بوپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، مەن مەسئۇلىيىتىمنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈلگە بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، قانۇنچىللىق شەكلى ئارقىلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجابىي تەكلىپ - پىكىرلەرنى كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىلىك رولۇمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

«ئۈچ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.» ۋەكىل مېھرىبان قادىر مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىمنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش بىلەن ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىگە خاس كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، ئاممىنىڭ ساداسىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىنكاس قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

ۋەكىل ئېرنار قۇمارقان مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتتا باشتىن - ئاخىر سانلىق مەلۇماتلارنى سۆزلىتىش، دېلو مىساللىرىنى سۆزلىتىش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىغا قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئىللىقلىقى ھېس قىلدۇرۇلۇپتۇ، ئۇ راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان، قانۇنچىللىق روھى نامايان قىلىنغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. «مەن <خەلق مېنى ۋەكىل قىلىپ سايلىدى، مەن خەلق ئۈچۈن ۋەكىل بولىمەن> دېگەن مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچۇمنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى پائال ئىنكاس قىلىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىمەن».

ۋەكىل رەيھانگۈل راخمان شىخەنزە شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن ساقچىلىرى چوڭ ئەترىتىنىڭ قانۇن ساقچىسى، ئۇ مۇنداق دېدى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ «سودىيەلەر مەكتەپكە كىرىش» پائالىيىتىنى كۆپرەك قانات يايدۇرۇپ، دېلو ئارقىلىق قانۇننى سۆزلەپ، دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ تۇنجى «قانۇنچىللىق تۈگمىسى»نى ياخشى ئېتىشىگە ياردەم بېرىش تەكلىپىنى بېرىمەن. تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭمۇ سودىيەلەرنى قانۇنچىللىق بويىچە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرلىقىغا تەكلىپ قىلىپ، مەكتەپلەردە قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئۈچۈن قانۇنچىللىق سۈزۈك ئاسمىنى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار شى شىن، ياڭ شۇخەن، پەرىزات ئابدۇل، گو لىڭ، يۈ جياڭيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.