تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

فۇنكسىيە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەپ، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق، ياخشى ئادا قىلىش كېرەك

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

فۇنكسىيە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەپ، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق، ياخشى ئادا قىلىش كېرەك

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇزاكىرىگە قاتناشتى

1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ ئىقتىساد ساھەسى ۋە سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسى ۋە دىن ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي ئىقتىساد ساھەسى ۋە سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىماقتا. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ ئىقتىساد ساھەسى ۋە سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسى ۋە دىن ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى مۇساپىدە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەت، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

ئىقتىساد ساھەسى ۋە سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسى بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىدە، رۇڭ جۈن، ۋاڭ يۈەنۋۇ، ما يىلېي، لو يېدۇڭ، ساۋ جىگاڭ قاتارلىق ئەزالار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، خەلق ئاۋىياتسىيەسىدە كۈچلۈك رايون بولۇشتەك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ توپىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، جابدۇق ياسىمىچىلىقى بازىسى قۇرۇش قاتارلىق باش تېمىلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ما شىڭرۇي كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشىنى تېزلىتىپ، رايون ئورنى، بايلىق، سىياسەت قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنى كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، ئاشلىق، پاختا، مېۋە - كۆكتات قاتارلىق بايلىق ۋە كەسىپلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، كارخانىچىلار دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىگە مەبلەغ سالىدىغان سىياسەت مۇھىتىنى يارىتىپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات داۋامىدا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكلەرنى يېتىلدۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا پائال سىڭىشىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى، زورىيىشى، كۈچىيىشىگە ياردەم بېرىپ، «يېقىن» «پاك» بولغان ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ياخشى مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسى ۋە دىن ساھەسى بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىدە، ئامىنە ئورازقالى، مەمەت جۈمە، لو چى، چېن يۈن قاتارلىق ئەزالار جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، دىنىي بىلىملەرنى چۈشەندۈرۈش، سۆزلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، بۇددا دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش، دىنىي زاتلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. ما شىڭرۇي كۆپچىلىكنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مىللەت - دىن خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشىنى ئۈمىد قىلدى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا دائىر تارىخىي پاكىتلار، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى ھەر تەرەپلىمە ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپى ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «يېتەكلەش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ قانۇنلۇق، نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك؛ توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش، توغرا يولدا مېڭىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش بويىچە دىنىي بىلىملەرنى چۈشەندۈرۈش، سۆزلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى دۆلەت ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك؛ دىن خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىنى قوللىنىپ دىن ساھەسىدىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇزاكىرىدە مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى بىر يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشتە مۇستەھكەم چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. ھەرقايسى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق ساھە ۋە ئامما بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئالاقە باغلاپ ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، سۈن خۇڭمېي، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، ليۇ خۇيجۈن قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.