كىم قار تېيىلىش پەسلىدە پەقەت قار تېيىلغىلىلا بولىدۇ، دەيدۇ؟ سىزگە قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسىدىكى باشقىچە بىر مەنزىرىنى كۆرسىتەيلى. يېقىندا، مەكىت ناھىيەسى تەكلىماكان N39° قۇملۇقى ساياھەت مەنزىرە رايونى «مەملىكەت بويىچە قۇملۇق ساياھىتىدىكى ئېسىل مەنزىل» دەپ تەۋسىيە قىلىندى. بۇ ساياھەت مەنزىرە رايونى ماركىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، مەكىت ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازارلىرىدىكى نەچچە يۈز قۇم تېيىلىش ھەۋەسكارى ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارىنى تۇتاش كەتكەن قۇملۇققا تەكلىپ قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ قىشتىكى گۈزەل مەنزىرىسىنى ھېس قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخىمۇ قىزىقارلىق بولۇشى ئۈچۈن، يەنە «گۆھەر» ئىزدەش، قۇم تېيىلىپ كۈچ ئۇلاش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ساياھەتچىلەرگە خۇشال كۈلكە سادالىرى ئىچىدە يېڭى يىللىق كەيپىياتنى ھېس قىلدۇردى.