تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بىڭتۇەننىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك

لى يىفېي شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

بىڭتۇەننىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن لى يىفېي مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئۆتكەن بەش يىللىق ۋە 2022 ـ يىللىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى كىشىنى روھلاندۇرىدىغان نەتىجە قەغىزى ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ خۇلاسىلىنىپ، كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانى تۈزۈلۈپ، 2023 ـ يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ. دوكلاتتا كىشى قەلبىنى مۇجەسسەملەش ئاساس قىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى تولۇق نامايان قىلىنغان ھەم كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇ، سىياسىي يۈكسەكلىككە ئىگە، خىزمەت سالمىقى بار، خەلق تۇرمۇشى ھارارىتىگە تولغان ياخشى دوكلات بوپتۇ.

لى يىفېي مۇنداق تەكىتلىدى: بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنى ۋە بىڭتۇەن 8 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز، بۇرچىمىزنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، بىڭتۇەننىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يېڭى ۋەزىيەت ئېچىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئەۋزەللىكنى مۇستەھكەملەش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىدە سۈپەتنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجادىي تەرەققىيات ئارقىلىق سانائەتتە زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق مۇلازىمەتچىلىكنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، كۆزلىمىنى ئۈزلۈكسىز مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئالاھىدە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت يارىتىش كېرەك؛ ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر ـ بىرىنى تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر ئارىلىشىشى ۋە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بىڭتۇەننى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، بىڭتۇەننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچ قوشۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىڭتۇەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.