تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغىتىش

1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش پەن - تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسى ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىدە، ئىشچىلار دۆلەت ئېلېكتىر تورى جېجياڭ تۈرىگە مۇناسىۋەتلىك تىرانسفورموتور مەھسۇلاتلىرىنى سىناق قىلماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى «يېشىل تەرەققىي قىلىش، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلىش»قا باشتىن - ئاخىر كۈچەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق شىركەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكلىدى. □نيۇ گوخۇا فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن

2022 - يىلى، شىنجاڭدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 1368گە يېتىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىيات (R&D) خادىملىرىنىڭ سانى 38 مىڭدىن ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى؛ پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش نىسبىتى 5.48 پىرسەنت پوئېنت بولۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى...

بۇ بىر قاتار يارقىن نەتىجىلەر يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ تەرەققىيات يېڭى ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول.

2022 - يىللىق مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش كېرەك. ئەمدىلا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 7 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

يېڭى بىر يىلدا، قانداق قىلغاندا شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى سۈرئەتنى تېزلىتىپ، يۇقىرى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلالايدۇ؟ مۇخبىر ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىم، شۇنداقلا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى زىيارەت قىلدى.

مۇھىت ئەلالاشتۇرۇلۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، خەينەن سەنيا پەن - تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قوغۇن تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكتورى ليۇ بىن قوغۇن مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزىتىۋاتاتتى.

«بۇ قوغۇن مايسىلىرى گېن تەھرىرلەش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ تەجرىبىخانىدا يېتىشتۈرۈلۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلغاندىن كېيىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ تىكىلگەن، 3 - ئايدا ئۇرۇق يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىنىپ ئېتىزدا داۋاملىق سىناق قىلىنىدۇ.» ليۇ بىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، شىنجاڭ قوغۇنىنىڭ بازاردا سېتىلىش ۋاقتى قىسقا بولۇش مەسىلىسى ھەل بولىدۇ.

كىرگۈزۈلگەن ئىختىساس ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ليۇ بىن ئەمدىلا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە كىرگەن بولۇپ، ئاساسلىقى قوغۇن - تاۋۇز گېنىنى تەھرىرلەش، شۇنداقلا مولېكۇلالىق سورت يېتىشتۈرۈش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇش ئارقا كۆرۈنۈشى بار، ئىلىم ئاساسى پۇختا بولغاچقا، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى نۇرغۇن داڭلىق تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ئۇنىڭغا «زەيتۇن شېخى» سۇندى. ئاخىرىدا ئۇ شىنجاڭغا كېلىشنى تاللىدى.

ليۇ بىننى جەلپ قىلغىنى شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىشىدىن قويۇپ بېرىلگەن «ماگنىت ئېففېكتى» ئىدى. «پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنىڭ سالمىقى زور، ئىختىساسلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسى يۇقىرى، بايلىق ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور ...» ليۇ بىن مۇنداق دېدى: بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ۋاز كېچەلمەسلىكىمنىڭ سەۋەبى.

يېقىندا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى پۈتۈن دۇنياغا يۈزلىنىپ باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلدى، كېلىشىمدىكى يىللىق مائاشى 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولمىدى، پەن تەتقىقات تۈرىنى باشلاش خىراجىتى 3 مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولمىدى...

بۇنداق كاتتا تەكلىپ قىلىش بۇ ساھەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى كادىرلار باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جياڭ خۇيپىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل تەتقىقات ئورنىمىز نۇرغۇن چوڭ تۈرلەرنى باشلىدى، ئىختىساسلىقلارغا، بولۇپمۇ باشلامچى ئىختىساسلىقلارنىڭ قوشۇلۇشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق. شىنجاڭ 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى».

نەتىجە ئىختىساسلىقلار بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، ئىش ئىختىساسلىقلار بىلەن راۋاج تاپىدۇ. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە دائىر تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى سەمىمىيلىك بىلەن قەدىرلەپ، ئىخلاس بىلەن تەربىيەلەپ، چىن دىلدىن جەلپ قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى تەشنالىق بىلەن تەكلىپ قىلىپ، بىر قېلىپقا ئېسىلىۋالماي، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا توپلاش كېرەك.

مۇخبىر شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، 2022 - يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى نۇرغۇن پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سالمىقىنى زورايتقان، ئالاقىدار تەمىناتلار كىشىنى ناھايىتى جەلپ قىلغان.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنىڭ تۈپ مەنبەسى ئادەمدە. پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىشى شىنجاڭنىڭ زور كۈچ سەرپ قىلىپ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشەنچى ۋە جاسارىتىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالاشقانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى بولدى.

«2022 - يىلى شىنجاڭ تارىخىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئەڭ تېز بولغان، پەن - تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ زور بولغان بىر يىل بولدى.» ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر قەيسەر ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: بۇ يىل، بىز پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تارماق، كەسىپ، ساھە چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پوتېنسىيال ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرىمىز.

دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىش كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قويۇپ بەردى

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن شىنجاڭ تىيەنشەنخۇڭ دورىگەرلىك كەسپى چەكلىك شىركىتى ئالدىراشلىققا تولدى: تەجرىبىخانىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى دورا چەككىلەش سىنىقىنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىۋاتاتتى؛ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىكى ماشىنىلارنىڭ گۈكىرىگەن ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى...

«شىركىتىمىز يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بېكىتىشتىن ئەمدىلا ئۆتتى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بۇنىڭدىن ناھايىتى ئىلھاملاندۇق.» بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ياڭ خەيپىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ، شىركىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي كۈچىنى ئېتىراپ قىلغانلىق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن يېڭى ۋەزىيەت ئېچىپ بەردى، سىياسەتتە ئېتىبار بېرىش، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش، بازارنى كېڭەيتىش... شىركىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ».

بۇ شىركەت 2009 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دەسلەپتە مەھسۇلات سېتىشنى ئاساس قىلغان، نۆۋەتتە، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلدى. بۇ مۇساپىدە، ياڭ خەيپىڭ كارخانىنىڭ جەزمەن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايانغاندىلا ئاندىن ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.

«شىركىتىمىز تەتقىق قىلىپ ئاچقان جۇڭيى دورىسىⅠتۈردىكى يېڭىلىق يارىتىلغان دورا پات ئارىدا 3 - قارارلىق كىلىنىكىلىق سىناق قىلىنىدۇ، يېڭى دورا تەستىقلاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، شىركىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا كىرىدۇ.» ياڭ خەيپىڭ ھاياجىنىنى باسالمىغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ ھەممىسى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىشتىن قولغا كەلگەن».

2022 - يىلى، شىنجاڭدا يېڭىدىن بېكىتىلگەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا 639 بولۇپ، 2021 - يىلىدىكىدىن %43.4 ئېشىپ، ئومۇمىي سانى 1368گە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

كارخانا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى باشلامچى. يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش، بەرپا قىلىش تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدۇ.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021 - يىلى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كارخانا قانۇنىي ئىگىلىرى سانىنىڭ %0.34ىنى ئىگىلەيدىغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار پۈتۈن شىنجاڭ GDPسىنىڭ %8.97ىنى يارىتىپ، %24.14لىك باج كىرىمى تۆھپىسى قوشقان، كارخانىلارنىڭ پايدا نىسبىتى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭكىدىن 2.06 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ 1.43 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل دىققەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ زاپاس كۈچىنى يېتىشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ھەمدە ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سىستېمىلىق كۈچ چىقىرىلىپ، 2025 - يىلىغا بارغاندا پۈتۈن شىنجاڭدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار سانىنىڭ 2000دىن ئېشىشى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

ھالبۇكى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا تەرەققىيات تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى مەخپۇللانىڭ قارىشىچە، مىقدارنىڭ ئېشىشى پەقەت بىرىنچى قەدەم بولۇپ، كەلگۈسىدە كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك ئىكەن.

ئۇ مۇنداق قارىدى، پەن - تېخنىكا سىياسىتىنىڭ يېتەكلىشى ۋە مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا قاتارلىقلارنىڭ كارخانىلارغا مايىللىشىشى كەم بولسا بولمايدۇ، بولۇپمۇ مەبلەغ جەھەتتە، كارخانىلارغا شارائىت يارىتىپ بېرىش، كارخانىلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك يول ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار كارخانا ئۈچۈن مۇلازىمەت ھېساباتى تۇرغۇزۇپ، بىر كارخانىغا بىر تەدبىر بەلگىلەپ، دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، كارخانا تەرەققىياتىدىكى «ئاغرىق نۇقتا» «توسۇق نۇقتا» مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىش كەسىپلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشتى

قانچىكى تەرەققىي قىلمىغان رايون يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى روشەن، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە بولۇش قاتارلىق ئامىللار پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتايىن زور يوشۇرۇن كۈچ بەردى، قانداق قىلغاندا يېڭىلىق يارىتىشتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، پەن - تېخنىكىدىن يوشۇرۇن كۈچ ئېلىپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكلەردىن ساقلىنىپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

ئابدۇۋەلىنىڭ قارىشىچە، شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلار بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىش ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق مېخانىزملار ئارقىلىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

2022 - يىلى، دىققەت «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم نازارەت بىلەن نازارەت، نازارەت بىلەن يەرلىك بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىش تۈرى يولغا قويۇلۇپ، ھەرقايسى ساھە تارماقلىرى ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىگە قاتنىشىش ئاكتىپلىقى تولۇق قوزغىتىلدى.

پەن - تېخنىكا ئېھتىياجى ئورتاق ئىخچاملىنىپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋەزىپىسى ئورتاق لايىھەلىنىپ، تۈرلەرنى يولغا قويۇش ئورتاق تەشكىللىنىپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىش ۋە يېتىلدۈرۈش بۇ ئەندىزىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى.

«مەسىلەن، بۇ تۈرنى قوزغىتىش مەبلىغى 5 مىليون يۈەن، نازارەت بىلەن يەرلىك بىرلىكتە ھەرىكەتلەنگەندىن كېيىن، يەرلىك ھۆكۈمەتمۇ 5 مىليون يۈەننى يانداشتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەبلىغى تېخىمۇ يېتەرلىك بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت قاتنىشىپ كىرگەندە، بايلىقنى ماسلاشتۇرۇش ۋە كېيىنكى بازاردا قوللىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ تېخىمۇ زور ئەۋزەللىككە ئىگە بولغىلى بولىدۇ» دېدى قاراماي شەھىرى شيەنجىن پەن - تېخنىكا بىرلەشمە تەتقىقات يۇرتى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جاڭ لويۈەن.

بۇ تەتقىقات يۇرتى باشلامچى بولغان «تۆۋەن ئۈنۈملۈك نېفىتلىكنى يېشىل ئېچىشقا يۈزلەنگەن ئەسلىدىكى ئورنىدا كاربون يىغىش، پايدىلىنىش ۋە ساقلاش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە قوللىنىش تۈرى» 2022 - يىلى 3 - تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ نازارەت بىلەن نازارەت، نازارەت بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىش تۈرىگە تاللاندى، نۆۋەتتە، بۇ تۈرنى قوللاش مەبلىغىدىن 5 مىليون 100 مىڭ يۈەن ھېساباتقا كىردى. بۇ تۈردە شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى يەتتە ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى، ئورنى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز ئېچىش ساھەسىدىكى پار قازانلىرىنىڭ قالدۇق گازىدا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەن بولۇش، يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىش تەننەرخى يۇقىرى بولۇشتەك قىيىن مەسىلە ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى يەنە «قابىللار باشلامچى بولۇش» تۈرىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدەندى، 2022 - يىلى، «قابىللار باشلامچى بولۇش» تۈرىدىن 17نى تەشكىللەپ يولغا قويدى.

قەيسەر مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى، ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تايانچ قىلىپ، دىققەتنى <سەككىز چوڭ كەسىپ توپى>غا مەركەزلەشتۈرۈپ مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شېنجېن شەھىرى بىلەن بولغان <تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى> مېخانىزمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئەۋزەل يېڭىلىق يارىتىش بايلىقلىرىنىڭ شىنجاڭغا توپلىنىشىنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقى يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.