تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئامما مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار پائالىيەتكە قاتنىشىپ باھار بايرىمىلىق خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولدى

  داقا-دۇمباقلارنى چېلىپ كونا يىل بىلەن خوشلاشتۇق، يېڭى يىلنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋالدۇق. 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسى ئايدىڭكۆل كەنتىنىڭ ھەممىلا يېرىگە پانۇس ۋە رەڭلىك لېنتىلار ئېسىلىپ، ئاممىغا رەسىم، ھۆسىنخەتلەر سوۋغا قىلىندى، خەلق ئۆرپ-ئادەتلىرى، كوچا ئويۇنلىرى رېپېتىتسىيە قىلىندى، بايرام كەيپىياتى ھەممە يەرنى قاپلىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن، يەر-جاھاننى قاپلىغان داقا-دۇمباق ئاۋازىغا ئەگىشىپ، بۇ كەنتنىڭ كوچا ئويۇنى ئەترىتىنىڭ ئارتىسلىرى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، ياڭگىر ئۇسسۇلى، گۈللۈك تەختىراۋان كۆتۈرۈش قاتارلىق كوچا ئويۇنلىرىنى رېپېتىتسىيە قىلدى. كۆپچىلىك رەڭلىك شىرنى ئوينىتىپ، خۇشال-خورام داقا-دۇمباق چالدى، داقا-دۇمباق ئاۋازىغا ئەگىشىپ، «ئالتۇن ئەجدىھا» ئۇچۇپ، «ئۇسسۇلغا چۈشكەن شىر» موللاق ئاتتى، ئەترەت ئەزالىرى كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق بولۇپ، مەيدان ئىنتايىن قىزىپ كەتكەنىدى.

ئارتىسلار رېپېتىتسىيە قىلماقتا.

يەن جاۋشيا فوتوسى

ياڭگىر ئۇسسۇلى ئەترىتى رېپېتىتسىيە قىلماقتا.

يەن جاۋشيا فوتوسى

ئارتىسلار ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلىنى رېپېتىتسىيە قىلماقتا.

ۋاڭ شياۋلى فوتوسى

    ئايدىڭكۆل كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇسالام ھەبىبۇلا بىلەن ئابدۇۋارىس ئېزىز شىر ئۇسسۇلى ئارتىسلىرى، ئۇلار نەق مەيداندا ماھارىتىنى ئەركىن جارى قىلدۇرۇپ، بىر-بىرى بىلەن ياخشى ماسلاشتى. «بۇلتۇرمۇ كەنتىمىز كوچا ئويۇنى پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنىدى، لېكىن بۇ يىلقى پائالىيەت تېخىمۇ ياخشى، تېخى قىزغىن بولدى» دېدى ئابدۇسالام ھەبىبۇلا.

    ئابدۇۋارىس ئېزىز مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم شىر ئۇسسۇلى ئوينىشىم، مېنىڭچە بۇنداق پائالىيەتلەردە ھەم بەدەن چېنىقتۇرغىلى، ھەم جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدىكەن. كېلەر يىلى يەنە قاتنىشىمەن. كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن!»

شىر ئۇسسۇلى ئارتىسلىرى ئابدۇسالام ھەبىبۇلا ۋە ئابدۇۋارىس ئېزىز ئوپچە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

سەيراڭ دۇڭجۇ فوتوسى

  ئايدىڭكۆل كەنتىنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پونكىتى مەيدانىدا، خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت سارىيى، خوتەن ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىدىن كەلگەن خەتتاتلار نەق مەيداندا قەلەم تەۋرىتىپ «شەخسىي زاكاز» شەكلىدە يازغان باھار بايرىمىلىق چۇنليەن ۋە «بەخت» خېتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىنتايىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى باھار بايرىمىلىق چۇنليەن يېزىشنى ئۆگەندى، قەلەم بىلەن سىياھ ئارىسىدا قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتى نامايان قىلىندى.

  ئايدىڭكۆل كەنتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى رازىيە ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: «بۈگۈن خەتتاتلىق ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە باھار بايرىمىلىق چۇنليەن يېزىشنى، <بەخت> خېتى يېزىشنى ئۆگەتتى، مەن يەنە باھار بايرىمىلىق چۇنليەن چاپلاشنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقىنى بىلىۋالدىم، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، بۇنىڭدىن كېيىن خەتتاتلىقنى ياخشى ئۆگىنىپ، كېلەر يىلى ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىگە چۇنليەن يازىمەن.»

خەتتات نەق مەيداندا ئوقۇغۇچىلارغا چۇنليەن يېزىشنى ئۆگەتمەكتە.

سەيراڭ دۇڭجۇ فوتوسى

«ئانار دانىسى» مەدەنىيەت شۆبە ئەترىتى «بەخت»نى ئونمىڭ ئائىلىگە يەتكۈزمەكتە.

ليۇ خەيشيۇڭ فوتوسى

    بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە، گۈزەل تىلەكلەر مۇجەسسەملەنگەن چۇنليەنلەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلۈپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىگە جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچى ھېس قىلدۇرۇلدى، تېخىمۇ مۇھىمى كەنت ئاھالىلىرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن قىزغىن يېزا-كەنت مەدەنىيەت پائالىيىتىدە بارغانسېرى قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتىنى ھېس قىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئايدىڭكۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى فەن ۋېنچېڭ مۇنداق دېدى: «بىز شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول، ئوقۇتۇش بىلەن كۆڭۈل ئېچىش بىرلەشتۈرۈلگەن پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، مەەنىيەت ئارقىلىق ئادەم يېتىشتۈرۈش مەقسىتىگە يېتىمىز.» (ئىختىيارىي مۇخبىرلار يەن جاۋشيا، لى چېڭشيا، سەيراڭ دۇڭجۇ، ئاماننىسا)

مەنبە: خوتەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.