تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بىڭتۇەن 8 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

لى يىفېي دوكلات بەردى ھەم سۆز قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، بىرىنچى جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي لى يىفېي بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئومۇمىي يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم سۆز قىلدى. بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىلىڭيۈەن شۆ بىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىدىغان مۇھىم بىر يىل، شۇنداقلا بىڭتۇەننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل. بىڭتۇەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ تەلىپى بويىچە باشلىنىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، بىڭتۇەننىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش كېرەك.

ما شىڭرۇي بىڭتۇەننىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا تۈرلۈك ئىشلاردا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى بىر يىلدا، بىڭتۇەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى بىڭتۇەننىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە سىستېمىلىق تۈرتكە بولۇپ، «ھۆكۈمەت» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۇەن - مەيدان ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلۈك ئىسلاھاتى ۋە دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى، مالىيە - باج تۈزۈلمىسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋە ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتا يېڭى ئەۋزەللىك شەكىللەندۈرۈشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك. كۈچنى بىرىكتۈرۈپ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىڭتۇەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئەۋزەللىكنى زورايتىپ يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، تولۇقلاش، كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ سانائەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى پائال كېڭەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ بىڭتۇەن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى سىجىل كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

لى يىفېي دوكلاتىدا 2022 - يىللىق بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى، خۇلاسىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئورنى توغرىسىدىكى تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ يېقىنلىشىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىڭتۇەن ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، سېلىنمىنى كۈچەيتىپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەپ، بىڭتۇەننىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش كېرەك. ئىسلاھات ئۈنۈمىدە يېڭى كېڭىيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتا يېڭى ئەۋزەللىك شەكىللەندۈرۈش، پەن - مائارىپ ئارقىلىق بىڭتۇەننى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق بىڭتۇەننى كۈچەيتىش ئىستراتېگىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى يېڭى ياخشىلىنىشقا ئېرىشتۈرۈش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش، تىنچ - ئامان بىڭتۇەن، قانۇنچىل بىڭتۇەن قۇرۇلۇشىنى يەنە بىر يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا جاسارەت بىلەن بىڭتۇەننىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن ليۇ جيەنمىڭ، لى جېنگو، مۇتەللىپ مەتتوختى، ليۇ شىنجيەن، جياۋ شياۋپىڭ، جاڭ ۋېنشېڭ، جياڭ شىنجۈن، خا زېڭيوۋ، لى يۇڭخۇڭ، لى شۈ، جۇ شۆبىڭ، ياڭ شيۇلى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.