تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نەق مەيداندا ئۈچ تۈردە 12 مىليارد 400 مىليون يۈەنلىك كېلىشىم ئىمزالاندى

«شىنجاڭ ياخشى جاي» شېنجېن تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

نەق مەيداندا ئۈچ تۈردە 12 مىليارد 400 مىليون يۈەنلىك كېلىشىم ئىمزالاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ھەبىبە، گاۋ شۈ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى تۈرلىرى بويىچە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنى شېنجېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا ئۈچ تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، كېلىشىم سوممىسى 12 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتتى.

بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنىنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مەدەنىيەت - ساياھەت ئورۇنلىرى، كارخانىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن 100دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

جۇڭگودىكى قار - مۇز تەبىئىي بايلىقى مول رايونلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ مول قار - مۇز بايلىقىغا تايىنىپ، «سوغۇق بايلىق»نى «ئىسسىق ئۈنۈم»گە ئايلاندۇردى. «جۇڭگو قار - مۇز شەھىرى» ئالتاينىڭ چەكسىز ئورمان، قارلىق دالىلىرى، پارقىراق ھەم سۈزۈك قېيىن ئورمانلىقىدىكى قىروۋدىن ئىلى ناراتتىكى چەكسىز قارلىق دالىلار، ئەينەكتەك سۈزۈك مۇز تۇتقان سايرام كۆلىگىچە؛ چۆچەك شەھىرى چاشا بازىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يېزا - كەنت قار - مۇز تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان قار تېيىلىش مەيدانلىرىغىچە، باھار بايرىمى كەيپىياتىنى ئەۋجىگە چىقارغان قومۇل باركۆل قار - مۇز چوڭ خوگوسىدىن جەلپكار ئۇلۇنگۇر كۆلىدىكى بۇرۇلتوقايدا قىشلىق بېلىق تۇتۇش، قار كېچىپ بېلىق ئىزدەشكىچە... شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلاردا قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ قىزغىن دولقۇنىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا قەھرىتان قىش «قىزىپ كەتتى، جانلاندى، ئەۋجىگە چىقتى»، قار - مۇز بايلىقى ئەۋزەللىكى كەسىپ ئەۋزەللىكى، ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلانماقتا.

تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ماناس ناھىيەسى ۋۇداۋيا مەنزىرە رايونى ساياھەت ئېچىش قۇرۇلۇشى تۈرى، ئاقسۇ كىنو كەسىپلەر باغچىسى، تېكەس ناھىيەسى قاراجون خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى قاتارلىق مەبلەغ سېلىش يوشۇرۇن كۈچى ياخشى، مەبلەغ سېلىش كۆلىمى زور، يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئالتە مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى تۈرى نەق مەيداندا تونۇشتۇرۇلدى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى تىيانشان بوغدا كۆلى خەلقئارا مەدەنىيەت - ساياھەت شەھەرچىسى تۈرى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى قونجىراپ دۆلەت دەرۋازىسى (4A دەرىجىلىك) مەنزىرە رايونى قىزىل ساياھەت ئېچىش قۇرۇلۇشى تۈرى، قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونى مايتاغ - كۇچا چوڭ لاگېرى ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى ئېچىش قۇرۇلۇشى تۈرىدە نەق مەيداندا كېلىشىم ئىمزالاندى، كېلىشىم سوممىسى جەمئىي 12 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولدى.

«بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا شېنجېن مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەۋزەل كاپىتال شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىگە مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلىنىپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاش، خېرىدار مەنبەسىنى ئۆزئارا يەتكۈزۈش، ماركىنى ئورتاق يارىتىش، لىنىيەنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇندى.» ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ 2 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى لياڭ جيەن مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، مەدەنىيەت - ساياھەت ئاساسىي مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە يېڭى كەسىپ ھالىتىگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، مول مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىق ئەۋزەللىكىنى مەھسۇلات ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيمىز».

كېلىشىم ئىمزالىغۇچى تەرەپنىڭ بىرى بولغان شياڭگاڭ بۇرەنلوۋ پاي كونترول چەكلىك شىركىتى گۇرۇھىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن لىدىرى، قوشۇمچە مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى ئىجرائىيە لىدىرى لاۋ تۇڭسى مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ تەبىئىي بايلىقى مول، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور، ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە، كۈنسېرى پۇختىلىنىۋاتقان كەسىپ ئاساسىغا ۋە «بىر قاتار» سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئېتىبار سىياسىتىگە ئىگە، بۇنىڭدىن كېيىن ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ئاشۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.