تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى خەلق قەلبىنى «ئىللىتتى»

شىنجاڭدىكى «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشى مىليونلىغان ئائىلىگە نەپ يەتكۈزدى −

خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى خەلق قەلبىنى «ئىللىتتى»

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن

«نۆۋەتتە شىنجاڭدا يولغا قويۇلغان <كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش> قۇرۇلۇشى 1 مىليوندىن ئارتۇق ئائىلىنى قاپلىدى.» 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى قۇرۇلۇش ئېنېرگىيە تېجەش ۋە پەن تېخنىكا - مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ شىنسو مۇنداق تونۇشتۇردى: «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشى 892 مىڭ ئائىلىنى قاپلىدى. بۇ يىل «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى يىلى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلار ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنى كىرگۈزۈش - ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، 188 مىڭ 300 ئائىلىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى.

ئىشلەتكۈچىلەر مىليوندىن ئاشقان پەيتتە، بىز «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش»تىن ئىبارەت بۇ كەڭ ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، خەلق رايى قۇرۇلۇشىنى ئەسلەپ باقايلى.

مېخانىزم ئورنىتىش، ياخشى ئىشنى ئەمەلىي قىلىش

«ئىلگىرى قىشتا ئۆيدە مەشكە ئوت قالاپ ئىسسىناتتۇق، يېرىم كېچىدە ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كۆمۈر سالاتتۇق، كاربون چالا ئوكسىدىدىن زەھەرلىنىپ قېلىشتىن قورقاتتۇق. توك بىلەن ئىسسىنىدىغان بولغاندىن بۇيان بۇنىڭدىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق.» 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، كۇچا شەھىرى چىمەن بازىرى قايلو كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىززەتخان ئاۋۇتنىڭ ئۆيى ئىللىق، پاكىز ئىدى. بۇ يىلقى «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» ئېلىپ كەلگەن پايدىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلەندى.

2022 - يىلى، ئاقسۇ ۋىلايىتى يېزىلاردىكى 65 مىڭ 773 ئائىلىگە «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ھەممىسىنى پۈتكۈزدى. «<دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتۇش، قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈش>تىن ئىبارەت خىزمەت ئەندىزىسى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈمدە تاماملاشقا پۇختا ئاساس سالدى.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى كەنت - بازار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى تيەن پېڭ مۇنداق دېدى: ۋىلايەتتە كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، ناھىيە، شەھەرلەردە كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابى، يېزا، كەنت دەرىجىلىكلەردە ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىندى.

2022 - يىلى 3 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2022 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە)»دە، كۆپ تەرەپ قاتنىشىدىغان، پۈتۈن گەۋدە بويىچە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشى بىلەن ئالاقىدار يىرىك پىلان لايىھەسى، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىش بىلەن يۈرۈشلۈك ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى بىلەن يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاش تەلەپ قىلىندى.

«بۇ تۈر يولغا قويۇلغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە <ۋىلايەتتە توپلام، ناھىيەدە دەپتەر، يېزىدا ھېسابات، كەنتتە جەدۋەل، ئائىلىدە كارتا بولۇش>تىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك <كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش>نى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى تەپسىلىي ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇلۇپ، ئائىلە ئۇچۇرى، پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى، ئۆزگەرتىپ يولغا قويۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، مەبلەغنىڭ ئەمەلىيلىشىشى قاتارلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلار ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىشنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا ماس قەدەمدە كىرگۈزۈلدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى قۇرۇلۇشتا ئېنېرگىيە تېجەش ۋە پەن - تېخنىكا، مائارىپ باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

قولايلىق ھەم بىخەتەر بولۇش، پۇقرالار ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىش

«توك بىلەن ئىسسىنىدىغان ئىسسىقلىق تارقىتىش ئۈسكۈنىسىنى ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملار ماڭا ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ قويدى، ناھايىتى ئاسان ئىكەن.» يېڭىدىن ئورنىتىلغان توك بىلەن ئىسسىنىش ئۈسكۈنىسى مارالبېشى ناھىيەسى سېرىقبۇيا بازىرى بوز ئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇقېييۇم ئىسمائىلنىڭ تۇرمۇشىغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، «كەيگۇەننى ئاچساقلا، چىراغ يانىدۇ، بىردەمدىلا ئۆي ئىسسىيدۇ. يەنە تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ، بەك ياخشى ئىكەن».

شىنجاڭنىڭ «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسىدىكى تەلەپكە ئاساسەن، ئاپتونوم رايون چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارغا قاراپ ئىش كۆرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىر ئائىلىگە قارىتا 50 كىۋادرات مېتىر، تۆت كىلوۋاتلىق ئۆلچەم بويىچە ئۆزگەرتىشنى يولغا قويدى، قۇرۇلۇش خىراجىتى 3800 يۈەن ئەتراپىدا بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەز مالىيەسى ياردەم تولۇقلىمىسى %37.5، ئاپتونوم رايون مالىيەسى ياردەم تولۇقلىمىسى %37.5 بولۇپ، ئاھالىلەر ئۆزى %25نى تۆلىدى، ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى ئاھالىلەر ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىگە ئاساسەن ئۈستىگە ئالدى.

قۇرۇلۇشقا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلدى، ئىشلىتىپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۇق، بۇ، پۇقرالارنىڭ «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشىدىن ئالغان ئەڭ بىۋاسىتە تەسىراتى.

«ئىلگىرى بىر قىشنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆيدە كۆمۈر قالاشقا 3000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەيتتۇق. توك بىلەن ئىسسىنىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، 1000 يۈەن ئەتراپىدا توك پۇلى تۆلىسەكلا يېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەر يىلى 2000 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.» شايار ناھىيەسى قايلور بازىرى ئىگەرچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئادىل قۇربان كۆڭلىدە بالدۇرلا ئىنچىكە ھېسابات قىلىپ بولدى.

ئاممىنى ھەقىقىي ئېتىباردىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، ھەر يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن كېيىنكى يىلى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە، توك بىلەن ئىسسىنىدىغان ئائىلىلەر ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ 0.22 يۈەنلىك ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلۈش باھاسىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە، شۇ جاينىڭ كىلىمات شارائىتى، تۇرمۇش ئادىتى، ئۈسكۈنىلەرگە مەبلەغ سېلىش ۋە ئۆي قۇرۇلمىسى قاتارلىق ئامىللارغا بىرلەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئارزۇسى ۋە تۇرمۇش ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، «بىر ئائىلىگە بىر لايىھە، بىر ئائىلىگە بىر پىلان» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۈپىتى ياخشى، ئىسسىقلىق ئۈنۈمى يۇقىرى، ئەمەلىي نەپ بېرىدىغان توك بىلەن ئىسسىنىش شەكلىنى قوللاندى، يۈرۈشلەشكەن توك سائىتى ساندۇقى، سىم تاناب تۈۋرۈكى، توك سىمى، تىرانسفورموتور قاتارلىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىمۇ يېزا ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىدا ئىلمىي پىلانلاندى.

سۈپەت ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەش، زامانىۋى تۇرمۇشنى ھەمبەھرىلەش

ئۆي كۆمۈر ئىسى پۇرىمايدىغان بولدى، ھاۋا ساپلاشتى؛ ھويلىغا ئوتۇن ۋە كۆمۈر دۆۋىلەنمىسىمۇ بولىدىغان بولدى، مۇھىت رەتلىك، پاكىز بولدى؛ پۈتۈن كەنتتىكى ئۆيلەرنىڭ تۇرخۇنلىرىدىن قارا ئىس چىقمايدىغان بولدى، كەنت گۈزەللەشتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەيپىياتىمۇ ئازادە بولدى. پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئاقتام يېزىسى باغئاۋات كەنتىدىكى 60 نەچچە ياشلىق كەنت ئاھالىسى تاشخان تۇردى ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل، كانايچە ياللۇغى كېسىلىم قايتا قوزغىلىپ باقمىدى».

«كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈلگەن لىنىيەنى ئۆزگەرتىش، ئۆي ئىچىگە ئۈسكۈنىلەرنى ئورنىتىش، ئۆي سىرتىدا يەرگە ئۇلاش سىستېمىسىنى ئورنىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش، يېزا ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«قۇرۇلۇش قىلىش، ئورنىتىش جەريانىدا، پۈتۈن مۇساپىدە قەتئىي تۈردە بىخەتەر، قېلىپلاشقان مەشغۇلات ئۆلچىمى بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىپ، ئېلېكتىر بېسىمى، ئېلېكتىر ئېقىمىنىڭ لاياقەتلىك دائىرىدە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.» دۆلەت ئېلېكتىر تورى تۇرپان توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى شەھەر رايونى توك بىلەن تەمىنلەش مەركىزى ئۈزۈمچىلىك توك بىلەن تەمىنلەش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ ۋېي مۇنداق دېدى: بىز يەنە دائىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىپ، ئۆي ئىچى ۋە ئۆي سىرتىدىكى ئۈسكۈنىلەر ھەم ئۇلارنىڭ لىنىيەلىرىنى تەكشۈرىمىز ۋە ئاسرايمىز.

ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆزگەرتىشنى پائال، پۇختا يولغا قويۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىنى پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، قۇرۇلۇش سۈپىتى بويىچە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى، مەسىلە يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قەرەللىك قانات يايدۇردى، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەشنى پائال قانات يايدۇردى. پەقەت ئاقسۇ ۋىلايىتىلا، 2022 - يىلى ھەر دەرىجىلىك كادىرلاردىن جەمئىي 763 ئادەم قېتىم تەربىيەلەپ، قۇرۇلۇش خادىملىرىدىن 3100 ئادەم قېتىم تەربىيەلەپ، يېزىلاردىكى 669 ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قوبۇل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشى بويىچە تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، خېرىدارلارنى توك بىلەن ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى بىخەتەر ئىشلىتىپ، تېمپېراتۇرىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق تەڭشەپ، توك بىلەن ئىسسىنىشتىكى توك سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىشكە يېتەكلەپ، «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش شەكلىنى ھەمبەھرىلىدى.

«بىز ئالدىن ئىش باشلاپ، ئۆزگەرتىلىدىغان لىنىيەلەرنى چارلاپ، خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، كېلەر يىللىق تۈر قۇرۇلۇشىغا ياخشى تەييارلىق قىلىشنى پىلانلىدۇق.» دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئاۋات ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى تامتوغراق بازارلىق توك بىلەن تەمىنلەش ئورنىنىڭ باشلىقى لى چىڭسۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «<كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش> تۈرىنى چوقۇم تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.