تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«قار - مۇز گۈزەللىكى شىنجاڭدا» قىشلىق ساياھەتنى تەشۋىق قىلىش - كېڭەيتىش پەسلى باشلاندى

12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، «قار - مۇز گۈزەللىكى شىنجاڭدا» قىشلىق ساياھەتنى تەشۋىق قىلىش - كېڭەيتىش پەسلى باشلىنىش مۇراسىمىدا ئارتىسلار ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئورۇندىماقتا. □جاڭ زېخۇەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، 2022 - يىللىق «قار - مۇز گۈزەللىكى شىنجاڭدا» قىشلىق ساياھەتنى تەشۋىق قىلىش - كېڭەيتىش پەسلىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىدا باشلاندى.

بۇ قېتىمقى قىشلىق ساياھەتنى تەشۋىق قىلىش - كېڭەيتىش پەسلى ھازىردىن باشلاپ كېلەر يىلى 5 - ئايغىچە داۋاملىشىدۇ، بۇ مەزگىلدە قار - مۇز ساياھىتىنى ئاساس قىلغان 180 تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ، باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى، تور ۋە تور سىرتىدىكى «كەنت كېچىلىكى»، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكى، بايراملىق مال چوڭ بازىرى، يۈەنشياۋ پانۇس سەيلىسى بولۇپلا قالماي، يەنە قارلىق دالىدىكى ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، قىزقۇۋار، ئوقيا ئېتىش، چېلىشىش، ئات قېتىلىدىغان چانا، مىللىيچە كىيىم - كېچەك كۆرىكى، خەلق ئۆرپ - ئادىتى توي مۇراسىمى قاتارلىق خاس خەلق ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بار بولۇپ، پائالىيەت شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول.

باشلىنىش مۇراسىمىدا يەنە بىر تۈركۈم «قار - مۇز يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى» ئېتىبار سىياسەتلىرى ئېلان قىلىندى، قىشلىق ساياھەت سەرخىل لىنىيەسىدىن 12سى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە 4 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى، «شىنجاڭنى بىر كود ئارقىلىق ساياھەت قىلىش» ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق تەخمىنەن 50 مىڭ پارچە قار - مۇز ساياھىتى ئىستېمال بېلىتى تارقىتىلدى، ساياھەتچىلەر خۇشال - خۇرام ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىپ، قىشلىق ساياھەت كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇندى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر شۈ رۇيجۈن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى <قار - مۇز گۈزەللىكى شىنجاڭدا> قىشلىق ساياھەتنى تەشۋىق قىلىش - كېڭەيتىش پەسلى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تارقىتىدىغان ئىشىك، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىنى نامايان قىلىدىغان بىر دېرىزە. بىز قار - مۇزنى ۋاسىتە قىلىپ، دېرىزىنى ئېچىپ مەنزىرىلەرنى نامايان قىلىپ، ئىشىكنى ئېچىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ، قار - مۇز ساياھىتىگە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىچكى خاس مەزمۇن قوشۇپ، قار - مۇز كەسپىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى تىكلەپ، شىنجاڭنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، دۇنياغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولىمىز».

«قار - مۇز گۈزەللىكى شىنجاڭدا» «ئىلى دەرياسى ۋادىسى سىزنى قارشى ئالىدۇ» «قەشقەر قەدىمىي شەھىرى سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى كۈتىدۇ»... باشلىنىش مۇراسىمىدا، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 12 ساياھەت مەنزىرە رايونى ۋە ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىرلىكتە پۈتۈن مەملىكەت ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوستلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مېھمان بولۇپ، قار - مۇز ساياھىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.