تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى 11 ئايدا شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.6 ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ ئايدىن 11 ـ ئايغىچە، شىنجاڭ تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتىدا سىجىل كۈچىيىش كۆرۈلۈپ، يۈك يەتكۈزۈش مىقدارى ئايمۇئاي ئېشىپ، ئالدىنقى 11 ئايدا جەمئىي 187 مىليون توننىدىن ئارتۇق يۈك توشۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.6 ئاشقان.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى بازارنىڭ كۆمۈر، رۇدا قاتارلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى تېز ئاشتى، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، ئىلغار كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىپ، ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى سىجىل ئېشىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. «كۆمۈر تىرانسپورتى تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ، كۆمۈر بازىرىنىڭ ئېھتىياجى زور، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشى تېز بولۇپ، تۆمۈريول تىرانسپورتىنى بىرقەدەر ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.» جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يۈك توشۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالدىنقى 11 ئايدا شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارىدا، توشۇلغان كۆمۈر مىقدارىلا 112 مىليون توننىدىن كۆپرەكنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.1 ئېشىپ، شىنجاڭ تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتىدىكى «ئۆلچىگۈچ»كە ئايلاندى.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇشنى پائال كۈچەيتىپ، تىرانسپورت كۈچى جەھەتتە مايىللىشىشنى يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەشنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يۈك تىرانسپورت مىقدارىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشتى.

يېتەرلىك مال مەنبەسى بولغاچقا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئۇل ئەسلىھە سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، لىنىيە تىرانسپورتى ۋە پونكىت ـ نۇقتىلارنىڭ كىرگۈزۈش ـ چىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى. بۇ يىل 11 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى ئۈرۈمچى ـ جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى رەسمىي تاماملاندى، بۇ لىنىيەدە ھەر كۈنى بارىدىغان ـ كېلىدىغان جۈپ پويىز سانى يەككە لىنىيە بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 55 جۈپتىن 90 جۈپكە كۆپەيتىلدى، ھازىر ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 92 جۈپكە يەتتى، كۆمۈر توشۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچەيدى.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يەنە تىرانسپورت يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش، پويىزنىڭ يۈرۈش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ۋاگونغا قاچىلاشنى مۇۋاپىق، تەكشى تەشكىللەش قاتارلىقلار ئارقىلىق، يۈك تىرانسپورتىدا تېخىمۇ كۆپ توشۇش كۈچى بوشلۇقىنى چىقاردى. «2022 ـ يىلى ئاخىرلىشىدىغانغا يەنە 20 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت قالدى، بىز تۆمۈريول تىرانسپورتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرانسپورتنى تەشكىللەش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، پۈتۈن يىللىق يۈك توشۇش مىقدارىدا يەنە يېڭى رېكورت يارىتىشقا تىرىشىمىز» دېدى لى شىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.