تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى 11 ئايدا شىنجاڭ تۆمۈريولى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ سىرتقا توشۇلغان كۆمۈر مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46.1 ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە: 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولى كۆپ مىقدارلىق ماللارنى توشۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆمۈرنى پائال توشۇغان، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ سىرتقا توشۇلغان كۆمۈرى 48 مىليون 461 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46.1 ئاشقان.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭ ئىچىدىكى تەمىنلەش كاپالىتى بىلەن شىنجاڭ سىرتىدىكى بازار ئېھتىياجىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۆمۈرنى ئۇزۇن ئارىلىققا توشۇشتا «تاشيولدا توشۇشنى تۆمۈريولدا توشۇشقا ئۆزگەرتىش» «تارقاق توشۇشنى مەركەزلىك توشۇشقا ئۆزگەرتىش»كە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ كۆمۈر ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قوللاپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى بويىچە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلدى.

جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يۈك تىرانسپورت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يول ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىدىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، لىنخې - قومۇل تۆمۈريولى، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنىڭ يول ئىقتىدارىنى قېزىپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسى، پولات زاۋۇتى، سېمونت زاۋۇتى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ كۆمۈر ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى.

ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزالىدىن جياڭجۈنمياۋغىچە بولغان تۆمۈريولنىڭ قوش لىنىيەسىنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش ئاساسىدا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى كۆمۈر توشۇش مەخسۇس پويىزىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، شەرقىي جۇڭغار كان رايونىنىڭ كۆمۈر توشۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى؛ لىنخې - قومۇل تۆمۈريولى، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ پويىز يۈرۈش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۈك توشۇش پويىزلىرىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، كۆمۈرنى شىنجاڭدىن سىرتقا توشۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى شىنجاڭ ئىچى كۆمۈر بايلىقى تەمىناتى بىلەن شىنجاڭ سىرتى كۆمۈر توشۇش ئېھتىياجىنى پائال بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردىكى كارخانىلارنى توك ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، كاپالەتلەندۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە نۇقتىلىق كارخانىلار بىلەن پائال ماسلاشتۇرۇپ، ئۇدۇللاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق ھالدا بايلىقلارنى تەقسىملەپ ۋە مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۇچۇر ئالاقە تورى قۇرۇپ، بىرگە بىر مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، پىلان يوللاش، يۈك ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردا يېشىل يول ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ كۆمۈرىنى توشۇش مۇلازىمىتىنىڭ رادىيوسى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، ئىلگىرىكى خېشى كارىدورى، گەنسۇ، چىڭخەي، سىچۇەن، چۇڭچىڭ، يۈننەن، گۈيجوۋ رايونلىرىدىن تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئون نەچچە ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگىچە كېڭەيدى. ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىنجاڭ تيەنچى ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور ياڭ شياۋدۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش چوڭ ئايلىنىشىغا پائال سىڭىشىپ، ئەسلىدە بار بولغان غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇب بازىرىدىن جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسمى، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا قىسمى بازارلىرىغىچە كېڭىيىپ، بىر قىسىم شىنجاڭ كۆمۈرىنى دېڭىز، دەريادىكى پاراخوتلارغا قاچىلاپ توشۇپ، دېڭىز بويى ۋە دەريا بويىدىكى شەھەرلەرنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.