تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كېرىيە ناھىيەسى: زىمىستان قىشتا غەمخورلۇق قىلىپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ​كادىرلار بىلەن ئامما قەلبداش بولۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش

       ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسى ئارال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ كادىرلىرى ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قىشلىق ئىسسىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەردى.

     «بىز ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ ھال-ئەھۋالىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ئاممىغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دېدى ئارال يېزىسى ئارال كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئادىل مەمەت.

      12-ئاينىڭ 9-كۈنى كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسى ئارال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنتتىكى ياشانغانلار، ئاجىزلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەر، «تۆت پېشقەدەم»لەر ۋە قىيىنچىلىقى بار 30 ئائىلىلىكنىڭ ھەربىرىگە 500 كىلوگىرامدىن قىشلىق كۆمۈر تارقىتىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بەردى.

      ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسى ئارال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىدىكىلەر ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ قىشلىق كۆمۈر سېتىۋالالمىغانلىقىنى بىلىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا ئارقا تىرەك ئورۇن بىلەن ئاكتىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىرىپ 30 توننا كۆمۈر سېتىۋېلىپ، كەنتتىكى كىچىك ئەترەت باشلىقلىرىنى تەشكىللەپ ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتتا كۆمۈرنى ياشانغانلار، ئاجىزلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەر، «تۆت پېشقەدەم»لەر ۋە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ئۆيمۇئۆي يەتكۈزۈپ بەرگەن.

     «بۇ يىل قىشتا ئىسسىنىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق، قىشنى خاتىرجەم ئۆتكۈزىدىغان بولدۇق، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ بىزگە قىلغان ياردىمىگە كۆپ رەھمەت، كوممۇنىستىك پارتىيەگە رەھمەت» دېدى ئارال كەنتىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇخەبەر رەجەپ ھاياجانلانغان ھالدا.

  «ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇپ كەتتى، بىز كۆمۈر يوق، قانداقمۇ قىلارمىز دەپ غەم قىلىپ تۇرغاندا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە قىشلىق كۆمۈرنى ھەقسىز تارقىتىپ بەردى، ئۆيىمىز ئىسسىدى، قەلبىمىز تېخىمۇ ئىللىدى» دېدى ئارال كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئايىمخان ئىمىن.

مەنبە: كېرىيە ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

ئىختىيارىي مۇخبىرلار: رىزۋانگۈل مەمەتجان، تۇرسۇنگۈل ساۋۇت

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.