تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى 11 ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى 11 ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 219 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %59.8 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 51.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان، ئېشىش سۈرئىتىدە مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇننى ساقلىغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلىدى، تاشقى سودىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە پورتلارنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلەر ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى «تۇپراق» بىلەن تەمىنلىدى. ئالدىنقى 11 ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئېكسپورت قىممىتى 185 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %68.7 ئاشتى، ئىمپورت قىممىتى 33 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.7 ئاشتى. 11 ـ ئاينىڭ ئۆزىدىلا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى 24 مىليارد 510 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %56.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 2 ـ ئورۇندا تۇردى.

ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئىپادىسىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئالدىنقى 11 ئايدا 13 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بىردەك كۆرۈنەرلىك ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە «بىر پورت» «ئىككى رايون»نىڭ باشلامچىلىق ئېففېكتى نامايان بولغان، ئۇلار تۇرۇشلۇق جاي − ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئىچىدە 1 ـ ، 2 ـ ، 3 ـ ئورۇندا تۇرغان. ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك بولغان، قەشقەر، قورغاس، ئالاتاۋ ۋە ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ جەملىمە ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى 71 مىليارد 480 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %494.9 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %32.6ىنى ئىگىلەپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكىدىن 2.5 پىرسەنت پوئېنت كېڭەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.

«يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ يېتەكلەش رولىنى گەۋدىلەندۈردى، تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىدىمۇ يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.» ئۈرۈمچى تاموژنىسى كارخانا باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لى جۈن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون بىلەن ئاۋىياتسىيە پورتى «رايون ـ پورت بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش» ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، شىنجاڭنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئىجارىگە بېرىش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، باجدىن خالىي كۆرگەزمە قىلىش كەسپى ئىسلاھاتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق تاشقى سودىنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ ھالىتى شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىش ئېففېكتى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېشىش يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

سودا ھەمراھلىرىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى 11 ئايدا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى 166 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %67 ئاشقان؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى 198 مىليارد 620 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %65.9 ئاشقان؛ رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى(RCEP)گە ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشقان؛ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.5 ئاشقان.

شىنجاڭ دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى «كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى» بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش چوڭ يولىنى راۋانلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئالدىنقى 11 ئايدا، شىنجاڭدىكى پورتلاردىن ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىلىنغان يۈك مىقدارى 63 مىليون 401 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.4 ئېشىپ، 2019 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %7.2 ئاشتى.

تاشقى سودا تىجارەت سۇبيېكتىدىن قارىغاندا، تاشقى سودا كارخانىلىرى، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلار يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە يەنىلا بىرقەدەر كۈچلۈك ئېلاستىكلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىغا بولغان قەتئىي ئىشەنچىنى نامايان قىلغان. 11 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا ئەمەلىي بار بولغان ئەنگە ئېلىنغان تاشقى سودا كارخانىسى 14 مىڭ 809غا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.1 كۆپەيگەن. شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى 200 مىليارد 470 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %69.9 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %91.4ىنى ئىگىلىگەن. ئوخشاش مەزگىلدە، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %94.2 ئاشقان.

بۇنىڭدىن باشقا، يىل ئاخىرىدىكى ئېففېكت ئاساسلىق ئىمپورت ـ ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئالدىنقى 11 ئايدا، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك ئاساس قىلىنغان ئەمگەك كۆجۈملەشكەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %79.4 ئاشتى؛ ماشىنا ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %76.3 ئاشتى؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئېكسپورتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %230.9 ئاشتى؛ لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە، ئادەملىك توك ئاپتوموبىل، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە ئېكسپورتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %571.3، 15.3 ھەسسە ۋە %541 ئاشتى.

ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئىستاتىستىكا ـ ئانالىز باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن گولياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇرغاندىن كېيىن، ئالدىنقى 11 ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى، بۇ، شىنجاڭنىڭ بۇ يىللىق تاشقى سودا تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ يېتەرلىك، ئېشىش سۈرئىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىنى نامايان قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.