تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

تېكەس ناھىيەسى قارادالا بازىرى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى گۈللىرى دائىم پورەكلەپ ئۇزاق ئېچىلدى

     «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك يېزا-بازار»−تېكەس ناھىيەسى قارادالا بازىرى ھەرقايسى مىللەتلەر چوڭ دائىرىدە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كىچىك دائىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزا-بازار. ئۇزاقتىن بۇيان، ھەر مىللەت ئامما ئىناق بىللە ئۆتۈپ، ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشنى نامايان قىلماقتا.

      11-ئاينىڭ 4-كۈنى، مۇخبىر قارادالا بازىرى جار قورا كەنتىگە كىرگەندە، كەنت ئاھالىسى يۈەن سەيخۇانىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسى ئوچۇق ئىدى، يۈەن سەيخۇا ئۆز ئىنىسىدەك كۆرىدىغان قازاق قوشنىسى ئايتۇغان كۈنبۇلاتقا تېلېفون بېرىپ، ئۇنىڭ كۆممىقوناقنى يىغىۋېلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەۋاتاتتى.

يۈەن سەيخۇا قازاق قوشنا ئىنىسى ئايتۇغان كۈنبۇلاتقا تېلېفون بېرىپ ئەھۋال سورىماقتا.

      يۈەن سەيخۇا مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم باھار بايرىمى، قۇربان ھېيتتا، بىز ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىرلىكتە ساڭزا سالىمىز، دۇەنۋۇ بايرىمىدا كۆپچىلىك بىرلىكتە زۇڭزا تۈگۈشنى ئۆگىنىمىز، بىز بىر چوڭ ئائىلە، ئۆزئارا ياردەم بېرىمىز.

     جار قورا كەنتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسىنىڭ مۇھىتى پاكىز، گۈزەل بولۇپ، قوشنىلار ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشىدۇ. كەنتتىكى ھويلا-ئاران ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسى خۇ يۈجۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ. خۇ يۈجۇ كۆكتات تېرىش، مايسا يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق بېيىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت قوشنىلىرىنى كۆكتات تېرىشنى ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى، بولۇپمۇ قىش پەسلىدە يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار كەمچىل بولغاندا، ئۇ يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ قوشنىلىرىغا كۆكتات ئاپىرىپ بەردى. رېخىمجان ئابلىمىت خۇ يۈجۇنىڭ قوشنىسى بولۇپ، خۇ يۈجۇدىن كۆكتات تېرىشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، كۆكتاتنى سىرتتىن ناھايىتى ئاز سېتىۋېلىپ يەيدىغان بولدى.

رېخىمجان ئابلىمىت خۇ يۈجۇدىن كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگەنمەكتە.

       تېكەس ناھىيەسىنىڭ قارادالا بازىرى جار قورا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى رېخىمجان ئابلىمىت مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە بىز كۆكتات تېرىشنى بىلمەيتتۇق، ھەممىمىز دۇكاندىن كۆكتات سېتىۋالاتتۇق، كېيىن خۇ يۈجۇ ماڭا كۆكتات تېرىشنى ئۆگەتتى، ھازىر مېنىڭ كۆكتات تېرىش تېخنىكاممۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، سىرتتىن كۆكتات سېتىۋالمايدىغان بولدۇم».

       خۇ يۈجۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ كوچىدىكى قوشنىلار بەك ئىناق، كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا كۆپچىلىك ئۆزئارا ياردەم بېرىدۇ».

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قارادالا بازىرى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «ئاتلىق لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى»، «مېھرىبان ئانىلار ئۆمىكى» تەشكىللەپ، تۇرمۇشقا يېقىن ئەمەلىي مىساللار، ئوبرازلىق ۋە جانلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتى توغرىسىدا 5000 مەيداندىن ئارتۇق يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلىدى، تەربىيە ئالغان ئامما 20 مىڭ ئادەم(قېتىم)دىن ئاشتى، 100دىن ئارتۇق لوزۇنكا ئېسىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەشۋىقات ئېلانى ۋە كىچىك قوللانمىسىدىن 2800 پارچىدىن ئارتۇق بېسىپ تارقىتىپ، ھەر مىللەت ئامما ئارىسىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «چوغ»ىنى چاچتى. «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر» دىلشات ئوكېزا، «كىندىك ئانا»، «يېزا-كەنتتىكى ياخشى دوختۇر» جاڭ خۇڭيىڭ، «ئىلى ئوبلاستى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى» ساياگۈل ئوقارباي قاتارلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى بىر تۈركۈم تىپىك شەخسلەر بارلىققا كەلدى. 2019-يىلى 12-ئايدا، قارادالا بازىرى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن 7-تۈركۈمدىكى «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك يېزا-بازار» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

خۇ يۈجۇ قوشنىلىرىغا ئۆزى تېرىغان كۆكتاتنى ئاپىرىپ بەرمەكتە.

      تېكەس ناھىيە قارادالا بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ، تەشۋىقات ھەيئىتى نۇركەلدى دۆۋلەتجان مۇنداق دېدى: «بىز مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك يېزا-بازار بەرپا قىلىش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، تۈرلۈك پائالىيەت قاتارلىق پايدىلىق پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ۋاقتىدا ئاھالىلەرگە، ئاممىغا مىللەت نەزەرىيەسى، سىياسىتى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەش، تەشۋىقات قوللانمىسى تارقىتىش، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، تەشۋىقات مەزمۇنىنى ئاھالىلەرنىڭ توردا پىكىر ئالماشتۇرۇش توپىغا تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزىمىز».

       (تېكەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن سۈرەت\خەۋەر لۇخەيشيا)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.