ئاپتونوم رايون ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان ھېسابات پۇلى ۋە دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ نېسى قالغان مائاشىنى ئېنىقلاش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى
پۇختا تەدبىر، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، نېسى قالغان پۇلنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان ھېسابات پۇلى ۋە دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ نېسى قالغان مائاشىنى ئېنىقلاش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئەسقاتىدىغان پۇختا تەدبىر، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، نېسى قالغان پۇلنى ئېنىقلاش خىزمىتى سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، دېھقان ئىشلىگۈچىلەر توپىنى ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نېسى قالغان پۇلنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، دېھقان ئىشلىگۈچىلەر ئائىلىسىنىڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، كېلەر يىللىق خىزمەتتە ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نېسى قالغان پۇلنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ نېسى قالغان مائاشىنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ نېسى قالغان مائاشىنى تۈپتىن تۈزەش بويىچە «10 ماددىلىق تەدبىر» ۋە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ خىزمەتچىلەرنى ئېلىپ قېلىشقا دائىر تۈرلۈك تەلەپلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبەرلەرنىڭ دېلوغا مەسئۇل بولۇپ بېجىرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشقا ئائىت دېلولارنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋاقتىدا، جايىدا بېجىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، قاتناش قاتارلىق تارماقلار مەركەزلىك تۈزەش بويىچە قىش پەسىللىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان تۈرلەر، دۆلەت كارخانىلىرى تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇش پۇلىنى چىقىم قىلىشقا بولغان ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان پۇلىنى تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ساقلانما نېسى پۇلنى مەركەزلىك ھەل قىلىپ، نېسى قالغان پۇلنى ئېنىقلاش خىزمىتىگە ماسلىشىپ تۈرتكە بولۇپ، نېسى قالغان پۇلنىڭ يېڭىدىن كۆپىيىشىنى مەنبەدىن قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، مائارىپ، قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق تارماقلار ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆز ساھەسىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھېسابات پۇلىنى نېسى قالدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتى سالمىقىنى زورايتىشىغا ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى، ئىقتىسادىي تەپتىش تارماقلىرى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھېسابات پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا كىرگۈزۈشى، سوت مەھكىمىلىرى «يېشىل يول» ئېچىپ، نېسى قالغان پۇلنىڭ ئېنىقلىغىلى بولىدىغانلىرىنى تولۇق ئېنىقلاش، ئېنىقلاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئېنىقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نېسى قالغان پۇلنى ئېنىقلاش، تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي كۆزلىمە ۋە ئىشەنچنى ئاشۇرۇش كېرەك.
يىغىندا يېقىنقى مەزگىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئىلمىي، دەل جايىدا ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.
چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، مەڭلىك سېيىت، ليۇ سۇشې قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.






