تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولى جىڭ ـ ئالاتاۋ تۆمۈريولىنىڭ كۆپەيتىپ ياسىلىدىغان 2 ـ لىنىيەسى قاتارلىق تۈرلەردە ئىش باشلاندى

4 ـ پەسىللىك ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولى جىڭ ـ ئالاتاۋ تۆمۈريولىنىڭ كۆپەيتىپ ياسىلىدىغان 2 ـ لىنىيەسى قاتارلىق تۈرلەردە ئىش باشلاندى

ما شىڭرۇي، ليۇ جېنفاڭ، ئەركىن تۇنىياز قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولى جىڭ ـ ئالاتاۋ تۆمۈريولىنىڭ كۆپەيتىپ ياسىلىدىغان 2 ـ لىنىيەسىدە ئىش باشلاش ھەم 4 ـ پەسىللىك ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە سىنلىق يىغىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي تۈردە ئىش باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، جۇڭگو دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ جېنفاڭ سىنلىق سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سىنلىق سۆز قىلدى ھەم ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولى جىڭ ـ ئالاتاۋ تۆمۈريولىنىڭ كۆپەيتىپ ياسىلىدىغان 2 ـ لىنىيەسى تۈرى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، لىنىيە جىڭ ۋوگزالىدىن باشلىنىپ، جىڭ ناھىيەسى، بورتالا شەھىرى، ئالاتاۋ شەھىرىدىن ئۆتۈپ، ئالاتاۋ ۋوگزالىغا تۇتاشتۇرۇلىدۇ. غول لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 70 كىلومېتىر، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر بولۇپ، دۆلەت تۆمۈريولى 1 ـ دەرىجىلىك ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈريولى ھېسابلىنىدۇ، قۇرۇلۇش مۇددىتى ئىككى يىل.

ليۇ جېنفاڭ دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھىغا ۋاكالىتەن، لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولى جىڭ ـ ئالاتاۋ تۆمۈريولىنىڭ كۆپەيتىپ ياسىلىدىغان 2 ـ لىنىيەسىدە ئىش باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇزاقتىن بۇيان تۆمۈريول ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن، ئۇنى قوللىغان ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە ھەر مىللەت ئاممىغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى، قۇرۇلۇشقا قاتنىشىدىغان بارلىق ئورۇنلار ۋە كەڭ قۇرۇلۇشچىلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولى جىڭ ـ ئالاتاۋ تۆمۈريولىنىڭ كۆپەيتىپ ياسىلىدىغان 2 ـ لىنىيەسى يېڭى ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى ۋە دۆلەت تۆمۈريولى تورى ئاساسىي رامكىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز يولىنىڭ رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، شىنجاڭنى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئۇل ئەسلىھە. قۇرۇلۇشقا قاتنىشىدىغان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە كەڭ قۇرۇلۇشچىلارنىڭ «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»غا رىشتە باغلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بۇ تۈرنى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇپ چىقىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلىپ ۋە تىرەك بولۇپ، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ كېلىۋاتقان دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى، كەڭ قۇرغۇچىلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولى جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى غەربىي يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، كۆپەيتىپ قۇرۇلىدىغان تۈرلەر جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تىرانسپورت ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش، تىرانسپورتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «14 ـ بەش يىل»لىق تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىشى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش يېڭى توسۇقىنى پۇختىلىشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

4 ـ پەسىللىك ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سېلىنما تۈرلىرى ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، G219 لىنىيەسىدىكى موڭغۇلكۈرە ـ ئونسۇ تاشيولى تۈرى قاتارلىق ئالتە مۇھىم، زور تاشيول تۈرى قۇرۇلۇشى باشلاندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتتى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايون بويىچە سېلىنمىنىڭ مۇقىم ئېشىش ھالىتى ساقلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىگە كەسكىن سىناق ئېلىپ كەلدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، نىشان يېتەكچىلىكى، سىستېما تەپەككۇرى، نۇقتىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق تۇتقا»نى مەھكەم تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاي ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، 4 ـ پەسىلدە كۈچەپ، تاماملاش جېڭىنى ياخشى قىلىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى، بولۇپمۇ «قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ھەم تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، 4 ـ پەسىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك. نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى بېكىتىپ، چەكلىك بولغان قۇرۇلۇش قىلىش ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كارخانىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ماس ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ خىزمەتچىلەرنى ئېلىپ قېلىش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، سودىگەرلەرنى خاتىرجەم قىلىپ سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك. تۈر زاپىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ، ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىشىپ قايتا ئېشىشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ يىلدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن ئىش باشلاش مۇراسىمى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، جارۇللا ھېسامىدىن، دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ تۇڭجۈن قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.