يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ناھىيە تەۋەسىدىكى سۇلۇق يەرلەرنى قاشالاپ يېتىشتۈرۈپ قوغداش ئارقىلىق، سۇلۇق يەرنىڭ تارىيىپ كېتىش ۋە سۇلۇق يەر ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىش يۈزلىنىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى. موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە ھازىر 561 مىڭ مو سۇلۇق يەر بار بولۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار «ئېكولوگىيەنىڭ پايدىسى» نى ھەقىقىي نامايان قىلدى. موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنىڭ «قوش يۈكسىلىشى» گە ئەگىشىپ، موڭغۇلكۈرە تەۋەسىدىن ئۆتىدىغان پەسىل قۇشلىرىنىڭ تۈرى، سانىمۇ يىلدىن-يىلغا كۆپەيدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارداق بېيىسقان
يېقىندا، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى سۇلۇق يەر باغچىسى جەنۇبقا كۆچكەن بىر تۈركۈم ئاق قۇلارنى كۈتۈۋالدى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق تارماقلىرى پەسىل قۇشلىرىنىڭ قىشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ياۋا قۇشلارنى تەكشۈرۈش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، پەسىل قۇشلىرىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى.
موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى ھەر كۈنى سۇلۇق يەر باغچىسىنى چارلايدۇ ھەمدە بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن ئاق قۇلارغا يەم بېرىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى