تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

سانجى شەھىرى: پارنىكتا «بېيىش گۈلى» ئېچىلدى

 

 11- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سانجى شەھىرى دەنبا بازىرى ئەرچى كەنتىدىكى گۈل-گىياھ پارنىكىدا ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى، كەنت ئاھالىسى لى زېڭ گۈل- گىياھلارنىڭ ئۇچىنى ئۈزۈش، شاخلىرىنى پۇتاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى شەھىرىنىڭ دەنبا بازىرى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، گۈل ـ گىياھ تېرىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇردى.

(ئىختىيارىي مۇخبىر ما يۈجياۋ، فېڭ گوفېڭ، جۇ خەييۆ)

  سۈرەتتە: گۈل-گىياھ پارنىكىغا يېرىم ئاپتوماتلاشتۇرىدىغان ئۈسكۈنىلەر ئورنىتىلغان بولۇپ، ئىنچىكە پەرۋىش قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇش بىلەن بىللە ئەمگەك كۈچى سېلىنمىسى ئازايتىلدى. نۆۋەتتە دەنبا بازىرىنىڭ گۈل-گىياھ كەسپى دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەملەشتى، خاسلاشتى.

  سۈرەتتە: لى زېڭ پارنىكتىكى ئاپتوماتىك سۇ پۈركۈش سىستېمىسىنى تەڭشىمەكتە.

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.